ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

文摘   2025-01-13 23:52   新疆  

ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، «يۈگۈرۈڭلار. ئۆسمۈرلەر» 2024-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا ئاياغلاشتى.

ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش ئايلانما تۈرى ئوغۇللار A گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچى ئاخىرقى پەللىگە ئېتىلماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى

بۇ قېتىمقى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇسابىقە ئوغۇللار، قىزلار A ،B Cدىن ئىبارەت ئالتە گۇرۇپپا ئايرىمىسىغا ئايرىلىپ، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش بويىچە چوڭ ئايلانما، ئايلانما ۋە يەككە تاختىدا چاڭغا تېيىلىش بويىچە پاراللېل چوڭ ئايلانما، ئايلانما قاتارلىق تۆت تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ بويىچە توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 124 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى مول بولدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ لياڭ فوتوسى

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ باش رېپىرى سۈن جىچىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش كوماندىلىرى سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنىڭمۇ كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەرگە يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن، بۇ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن شىنجاڭدىكى، بولۇپمۇ ئالتاي ۋىلايىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى تېخىمۇ كۆپ مەكتەپتە قار-مۇز ئالاھىدە دەرسى تەسىس قىلىنغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.




مەنبە: ئانار بۇلۇت

تەۋسىيەلەر


01

ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا پىسخىك ھالىتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك

02

ئەتلەستىن تىكتىم ئەستەر، ھەممىدىن ياخشىسى قەشقەر

03

ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇماي قوشۇمچە ھەققى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ


ئاستىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章