قار، ناھايىتى قېلىن قار، تۆۋەنلىگەن گىراۇس 12غا يېتىدۇ

文摘   2025-01-07 23:44   新疆  

سوغۇق كەينىدىن سوغۇق، قىشتىن چىقىشقا بالدۇر

ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئوچۇق كۈنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھەپتە (1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە شىمالىي شىنجاڭدا بىر قەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلۈپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 8~5 تۆۋەنلەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مېتىئورولوگىيە ئىستانسىسى ئاممىنىڭ سىرتقا چىققاندا سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىپ، ئىسسىق ساقلىنىش، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈندۈزدىن 10-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى، تۇرپان شەھىرىنىڭ تاغلىق رايونى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى، قومۇل شەھىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال قار يېغىپ كېيىن قېلىن قارغا ئۆزگىرەيدۇ، قىسمەن جايلاردا ناھايىتى قېلىن قار ياغىدۇ. يۇقىرىقى بىر قىسىم رايونلاردا ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بالدىن ئون بالغىچە بولىدۇ، ئۆتكۈنچى شامال 12 بالغا يېتىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 8~5 تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا 10~8 تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا 12 تىن يۇقىرى تۆۋەنلەپ، سوغۇق ئېقىم پەيدا بولىدۇ.

مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ھەپتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئىلى دەريا ۋادىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قار كۆپ ياغىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىدىكەن، شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلاردا ۋە ئىلى دەريا ۋادىسى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئارىلاپ تۇمان (قار) كۆرۈلىدىكەن. يۇقىرىقى ھاۋارايى يول قاتناش ئەسلىھەلىرى، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئالاقىدار تارماقلار مۇداپىئەنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەزمۇن «شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات

ھەمبەھىرلىنىڭ


ىنجاڭ گېزىتى


·تەۋسىيە·



ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى

 نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章