غۇلجىلىق يىگىت ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا پولو ئېتىپ بەردى

文摘   2025-01-10 23:52   新疆  

ئالقىشلايمىز! غۇلجىلىق يىگىت كېچىلەپ دىڭرى ناھىيىسىگە بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا پولو ئېتىپ بەردى






1-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىزاڭ رىخازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسى سوگو يېزىسىغا بىر ئوچاق سېلىنىپ، مېزىلىك پولونىڭ پۇرىقى ئەتراپقا تارقالدى، بىر يىگىت ئۆچرەتتە تۇرغان ئاممىغا تاماق ئۇسۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن: «شىنجاڭ پولۇسى، تويمىساڭلا يەنە بار» دەپ توۋلايتتى.


بۇ قىزغىن يىگىتنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ، شىنجاڭ غۇلجىدىن، شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرىدە 15 يىل يېمەك-ئىچمەك سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان، رىخازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇ 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق نان، 60 نەچچە قوي ۋە پولوغا كېرەكلىك يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ، كېچىلەپ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىسسىق تاماق يېيىش شارائىتىگە ئىگە قىلدى. ئابدۇللا كېيىن يەنە ماددىي ئەشيا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «قانچىلىك قىلالىساق شۇنچىلىك ھېساپ، پەقەت ئاپەت رايونى بىزگە ئېھتىياجلىق بولسىلا».

ئابدۇللانىڭ پولو ئەتكەن سىن كۆرۈنۈشى تورغا يوللانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار ئالقىشلاپ «شىنجاڭلىق ئوغلان»، «ياخشى ئادەم بىر ئۆمۈر ئامان بولسۇن» دەپ ئىنكاس يېزىپ ماختاشتى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ قىزغىنلىقىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى، تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تىلىدى.

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈپ، رىخازېغا مەدەت بېرەيلى!



مەزمۇن تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمە قىلغۇچى: باھارگۈل بەكرى

تەھرىرلىگۈچى: زۇلپىيە زەمىر

ھەمبەھىرلىنىڭ


ىنجاڭ گېزىتى


·تەۋسىيە·



ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى

 نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章