ئۈرۈمچىدە يېڭى نېفىتلىك بايقالدى

文摘   2025-01-14 22:50   新疆  


ئۈرۈمچىدە يېڭى نېفىتلىك بايقالدى

1-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سەيۋوپۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن شىمالىي گىرۋىكىنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ رايوندىكى تەبىئىي گازنىڭ گېئولوگىيەلىك بايلىق مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك- گازلىقنى شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.

2024-يىلى 8-ئايدا، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سەيۋوپۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن شىمالىي گىرۋىكىدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش تۈرى نەق مەيدانىدا چارلاش خادىملىرى مەشغۇلات قىلماقتا. لى چياڭ فوتوسى

جۇڭغار ئويمانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقى مول بولغان چوڭ تىپتىكى كۆپ ئايلانمىلىق ئۈستىلىمە ئويمانلىقنىڭ بىرى، سەيۋوپۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قىسمى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى ئىككىلەمچى قۇرۇلما بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرقەدەر ياخشى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىستىقبالىغا ئىگە. 

ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سەيۋوپۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن شىمالىي گىرۋىكىدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى باھالاش تۈرى خىزمەت رايونى داۋانچىڭ رايونىدىكى ئۈچ تاغ ئەتراپىغا جايلاشقان. 2024-يىلى 1-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى تۈر رايونىدا گېئولوگىيەلىك چارلاش خىزمىتىنى باشلاپ، فىزىكىلىق چارلاش ۋە بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئارقا-ئارقىدىن تاماملىغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنچەيدى 1-قۇدۇقىدا تاماملانغان بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى 3030 مېتىرغا يەتكەن. 1510 مېتىر ۋە 2295 مېتىرغا بۇرغىلانغاندا، ئارقا-ئارقىدىن ھاۋا ئۆلچىگۈچتە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن. نەق مەيداندا گاز ئېلىپ كۆيدۈرگەندە سۇس كۆك رەڭلىك ئوت يالقۇنى پەيدا بولغان، تاغ جىنىسلىرىدىنمۇ روشەن ھالدا ماي پۇرىقى چىققان، بۇ، نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ ناھايىتى يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرەتتى. 

«ھازىرقى باسقۇچتىكى دەسلەپكى باھالاشقا ئاساسەن، بىزنىڭ مۆلچەرلىشىمىزچە، بۇ رايوننىڭ تەبىئىي گاز گېئولوگىيەلىك بايلىق مىقدارى 100 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ كۆلەم بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا، بۇ رايوندا بىر چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك-تەبىئىي گازلىقنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.» ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتى تۈرىنىڭ مەسئۇلى لياڭ بىن شۇنداق دېدى. 

ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سەيۋوپۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن شىمالىي گىرۋىكىنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش بۇ رايوننىڭ نېفىت-گاز ئىزدەش خىزمىتىنى يېڭى يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى. بۇ رايوندىكى نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش، ئېچىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىشتە، ئۈرۈمچى ھەم ئەتراپنىڭ گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرغىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە تېخىمۇ كۆپ نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمىز.





















مەزمۇن «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات


END



ھەمبەھىرلىنىڭ

تەۋسىيەلەر


01

ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا پىسخىك ھالىتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك

02

ئەتلەستىن تىكتىم ئەستەر، ھەممىدىن ياخشىسى قەشقەر

03

ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇماي قوشۇمچە ھەققى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ


ئاستىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章