ئالتاي بۇ تىياتىر بىلەن يەنە مودا بولدى

文摘   2025-01-07 23:44   新疆  

ئالتاي بۇ تىياتىر بىلەن يەنە مودا بولدى

ئالتاي يەنە نام چىقاردى ! يېقىندا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پارلاق شامال ۋە دېڭىز» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى باش پېرسۇناژنىڭ سەھنە سۆزى «ئالتايغا بېرىپ ھالرەڭ شەپەق كۆرۈش كېرەك» يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئالقىشلاندى. 


ھال رەڭ شەپەق زادى قانچىلىك گۈزەل؟

·

سولغا سېرىڭ

جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئارامگاھى

ھال رەڭ ئاسمان كىشىگە قانچىلىك خۇشاللىقلارنى بېغىشلايدۇ؟ بۇنداق گۈزەل ئاسمان ئاستىدا سەكرىسە قانداق تۇيغۇ بولىدۇ؟ 

جياڭجۈن تېغىدىكى كەچكى شەپەق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان ساياھەتچىلەر مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان بۇ خۇشال مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلاندى. ئارس كاكېن فوتوسى

ئەلۋەتتە قار تېيىلىشتا ئالتايغا بېرىش كېرەك!

ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئارامگاھىدا، قار تېيىلىش ماھىرلىرى قار تېيىلغاچ، گۈزەل كەچكى شەپەق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى. فۇ خاۋدۇڭ فوتوسى

ئالتايدا قار كۆپ ياغىدۇ، قار مەزگىلى ئۇزۇن، قار سۈپىتى ياخشى بولۇپ، «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش باشلانغان جايى» دەپ نام ئالغان، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئارامگاھى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئارامگاھى، جىكپېلېڭ خەلقئارا قار تېيىلىش ئارامگاھى، يېكاشيا ياۋا قار باغچىسى قاتارلىق نۇرغۇن قار تېيىلىش مەيدانلىرى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

تۈن پەردىسى ئاستىدا، ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تاغ چوققىسىدا كۆرۈنگەن كەچكى شەپەق تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق تۈسكە كىردى. باللان جانار فوتوسى.

ساياھەتچىلەر كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلىۋاتىدۇ (ماتېرىيال سۈرەت). فۇ شۈەن فوتوسى

ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان قار پەسلىدە جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ئۈستى ئوچۇق ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا يىغىلىشى، شۇڭغۇما پاراشوت بىلەن ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش نومۇرى، كەچكى شەپەق ئۇچرىشىشى قاتارلىق بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى يولغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە كەچكى شەپەق ئۇچرىشىشى ھەر كۈنى بىر سائەت ئېچىلىدىكەن.


مەزمۇن «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات








ھەمبەھىرلىنىڭ

تەۋسىيەلەر


01

ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا پىسخىك ھالىتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك

02

ئەتلەستىن تىكتىم ئەستەر، ھەممىدىن ياخشىسى قەشقەر

03

ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇماي قوشۇمچە ھەققى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ


ئاستىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章