شىۋىرغان، تۇمان، قار...ھاۋارايىنىڭ رايى ھەرخىل

文摘   2025-01-14 22:50   新疆  

شىۋىرغان، تۇمان، قار...ھاۋارايىنىڭ رايى ھەرخىل

مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈن كېچىدىن 1-ئاينىڭ 15-كۈنى كېچىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن داۋانچىڭ ئەتراپىغىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئالتە بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى كونا شامال ئېغىزى ۋە مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بالدىن ئون بالغا، ئۆتكۈنچى شامال 11 بالغا يېتىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قار ئۇچقۇندايدىكەن، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىڭ.

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالاھىدە مۇنداق ئەسكەرتتى:

2025-يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلىنىدۇ، سەپەرگە چىقىدىغان ئاممىنىڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ھاۋا رايى ئۇچۇرلىرىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 15-كۈنى كېچىگىچە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قىسمەن رايونلار ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇدا تۇمانلىق ياكى يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 1ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى كېچىدىن 19 ـ كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمىدا ئوتتۇراھال قار يېغىپ قېلىن قارغا ئۆزگىرەيدىكەن.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بۇغداي ۋە باغ-ئورمانلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ھەپتىدىكى مېتېئورولوگىيە شارائىتى بۇغداي ھەم باغ-ئورمانچىلىقنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە بىرقەدەر پايدىلىق بولۇپ، بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇغدايلىقتىكى قار قاتلىمىنى قوغدىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يىغىلىپ قالغان قارنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 سانتىمېتىردىن يۇقىرى بولۇپ، چارۋىلارنىڭ چارۋا بېقىشى، يەم-خەشەك يىغىشىغا پايدىسىز، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا، قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايىدا سىرتقا چىقىپ چارۋا بېقىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىش، چارۋىلارنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش، ئىسسىق ساقلاش ھەم يەم-خەشەك تولۇقلاش خىزمىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك؛ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە پارنىكلارنى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ مۇستەھكەملەش ۋە تېمپېراتۇرىنى ئاشۇرۇپ يورۇقلۇق تولۇقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەزمۇن «تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات

ھەمبەھىرلىنىڭ


ىنجاڭ گېزىتى


·تەۋسىيە·



ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى

 نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章