بۇنۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ماھارەت تۈرى كۆپ بولدى

文摘   2025-01-21 22:46   新疆  

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ماھارەت تۈرى ئەڭ كۆپ بولدى

مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرى ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپا قار-مۇز مۇسابىقىسى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ماھارەت تەنتەربىيەسى تۈرىدە جەمئىي يەتتە چوڭ تۈر، ئون تارماق تۈر، 180 كىچىك تۈر بار، مۇسابىقە ياش ئايرىمىسىغا ئاساسەن ئا، ب گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، جەمئىي 180 ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىدىكەن. يەتتە چوڭ تۈر ئايرىم-ئايرىم: مۇز تېيىلىش (تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، قىسقا يولدا تېز تېيىلىش)، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، چاڭغا تېيىلىش (دالىدا چاڭغا تېيىلىش، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش، يەككە تاختىدا چاڭغا تېيىلىش)، مۇز توپ، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش، دالىدا چاقلىق كانكى تېيىلىش، چاقلىق كانكى تېيىلىشتىن ئىبارەت. ھازىرغىچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن 80 تەنھەرىكەت كوماندىسى، 1200دىن ئارتۇق تىرېنېر ۋە تەنھەرىكەتچى ماھارەت تەنتەربىيە تۈرىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.

ماھارەت تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى جەھەتتە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 63 كىچىك تۈر كۆپ بولغان. چاقلىق كانكى تېيىلىش، دالىدا چاقلىق كانكى تېيىلىش قاتارلىق ئىككى تۈردىن باشقا، قالغان تۈرلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن ئوخشاش بولغان. بۇ، بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ قار-مۇز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ قار-مۇز ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە مۇسابىقە ئارقىلىق قار-مۇز ماھارەت تەنتەربىيەسى زاپاس ئىختىساسلىقلىرى قېزىپ ۋە تاللاپ چىقىلىدىكەن.

ئاممىۋى گۇرۇپپا قار-مۇز مۇسابىقىسى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش، دالىدا چاڭغا تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قارلىق دالا پۇتبولى، قارلىق دالا ئات بەيگىسى، قەدىمىي تېرە چاڭغىدا چاڭغا تېيىلىش، قار-مۇز مارافونى قاتارلىق سەككىز تۈر ۋە بىر قىش پەسىللىك تەنتەربىيە كاتتا بايرام پائالىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.




مەنبە: ئانار بۇلۇت

تەۋسىيەلەر


01

ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا پىسخىك ھالىتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك

02

ئەتلەستىن تىكتىم ئەستەر، ھەممىدىن ياخشىسى قەشقەر

03

ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇماي قوشۇمچە ھەققى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ


ئاستىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章