مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئىش باشلىنىدۇ

文摘   2025-01-21 22:46   新疆  

مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىدا بۇ يىل ئىش باشلىنىدۇ

1-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

1-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل شىنجاڭ «ئون تور»نى يېتەكچى قىلغان چوڭ-چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3-يولى، G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلەرنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4-يولى، لوپنۇر-چاقىلىق تۆمۈريولى، جياڭجۈنمياۋ-نوم تۆمۈريولى 2-لىنىيەسى، تارباغاتاي 660000 × 2 كىلوۋاتلىق كۆمۈر بىلەن ئېلېكتىرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى قۇرۇش تېزلىتىلىدۇ. نوم- ۋۇتۇڭشۇي تۆمۈريولى، غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈريولى، لىنخې-قومۇل تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، ئۆزگەرتىش، G3033 لىنيەسى كۇيتۈن-مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(مايتاغ-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى)، چياۋنو سۇ ئامبىرى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى، كورلا ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلىنىدۇ.

مەنبە: تىيانشان تورى


ىنجاڭ گېزىتى


·تەۋسىيە·



ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى

 نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章