قەشقەرنىڭ بۇ يېرىدە پىتنە-ئىغۋا تارقالدى

文摘   2025-01-08 23:42   新疆  


قەشقەرنىڭ بۇ يېرىدە پىتنە-ئىغۋا تارقالدى





1-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر تورداش ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق توردىكى كونا رەسىملەرنى قۇراشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەنلىك ساختا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆيلەرنىڭ قاتتىق سىلكىنىشى، ئاھالىلەرنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ قېچىشى قاتارلىق سىن سۈرەتلىرىنى قوشۇپ تارقىتىپ، ئاممىنى ساراسىمىگە سالدى.


مەكىت ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دەلىللىشىچە، «[شىنجاڭ يەر تەۋرەشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش مەركىزى]نىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 07دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە (كەڭلىك گىرادۇسى 38.95، ئۇزۇنلۇق گىرادۇسى 77.76) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 كىلومېتىر بولۇپ، مەكىت ناھىيە بازىرىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن. تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن يېزا-بازارلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىمارەتلەردە قاتتىق سىلكىنىش، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش، مال-مۈلۈك زىيىنى ۋە ئاممىنىڭ ئالاقزادە بولۇپ قېچىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەنلىكى بايقالغان.» بۇ ئۇچۇر ساختا ئۇچۇر بولۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، كەڭ تورداشلارنىڭ پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكى، پىتنە-ئىغۋا توقۇماسلىقى، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرىنى ئاساس قىلىش كېرەك.

ئەسكەرتىش: يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا قارىتا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئاساس قىلىش كېرەك، ساختا ئۇچۇر توقۇپ ۋە تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى گۇڭئەن ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، پىتنە-ئىغۋا توقۇماي، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي قول تۇتۇشۇپ ساغلام تور ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەزمۇن «شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى

 تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات


ھەمبەھىرلىنىڭ


ىنجاڭ گېزىتى


·تەۋسىيە·



ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى

 نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章