بۇنداق ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ

文摘   2025-01-12 22:51   新疆  







بۇنداق ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ

1-ئاينىڭ 7-كۈنى شىزاڭنىڭ رىكازې شەھىرى دىڭرى ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، «خارابىلىك ئاستىدا بېسىلىپ قالغان ئوغۇل بالا»نىڭ بىر پارچە سۈرىتى توردا كەڭ تارقىلىپ، تورداشلارنىڭ بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىدى. ئەمما تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ سۈرەتنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ھاسىل بولغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، ئاپتور خې ئەپەندى بۇلتۇر 11-ئايدا ئېلان قىلغان سۈرەتنى ئۆز تاراتقۇلار ئوغرىلىقچە ئىشلەتكەن ھەمدە يەر تەۋرەش بىلەن باغلاپ خەۋەر قىلغان.

ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ساختا خەتەرلىك ئەھۋال، يۇقۇم ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالى، دېلو ئەھۋالىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇچۇر تورى ياكى باشقا تاراتقۇلاردا تارقاتقان ياكى يۇقىرىقىلارنىڭ ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇچۇر تورى ياكى باشقا تاراتقۇلاردا قەستەن تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.



مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


ىنجاڭ گېزىتى


·تەۋسىيە·



ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى

 نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章