كىرىم ئون مىليارد يۈەندىن ئاشتى

文摘   2025-01-20 22:51   新疆  

كىرىم ئون مىليارد يۈەندىن ئاشتى! بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ پوچتا كەسپىدە يېڭى سۈرئەت بارلىققا كەلدى

دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىتىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، ھەممە جايدا تەرەققىيات، قۇرۇلۇشنىڭ قىزغىن دولقۇنى مەۋج ئۇردى...

2024-يىلى، شىنجاڭنىڭ پوچتا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى سۈرئەت يارىتىلىپ، پوچتا كەسپى تاماملىغان ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 983 مىليون پارچىگە، ئورۇندىغان كەسىپ كىرىمى 10 مىليارد 275 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.4 ۋە %11.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى،  كىرىمى 459 مىليون پارچە، 7 مىليارد 393 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.2 ۋە %15.3 ئاشقان.

تېز يوللانما مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جىتۇ تېز يوللانمىسى يەكەن ناھىيەسىدە يېڭىدىن قەشقەر ۋىلايىتى جەنۇبىي رايونىدىكى ئايرىپ تارقىتىش مەركىزىنى قۇردى. شۈ چياڭ فوتوسى

مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلى شىنجاڭنىڭ پوچتا كەسپى يەنىلا مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلايدىكەن، پوچتا كەسپىنىڭ كىرىمى 10 مىليارد 890 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى %6 ئەتراپىدا بولىدىكەن؛ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى، كەسىپ كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 528 مىليون پارچە، 7 مىليارد 984 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، ئېشىش سۈرئىتى %15 ۋە %8 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

مەزمۇن《网信新疆》دىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات




ھەمبەھىرلىنىڭ

تەۋسىيەلەر


01

ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا پىسخىك ھالىتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك

02

ئەتلەستىن تىكتىم ئەستەر، ھەممىدىن ياخشىسى قەشقەر

03

ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇماي قوشۇمچە ھەققى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ


ئاستىدىكى «阅读原文»نى بېسىپ كۆرۈڭ 

Alqi丨
سىز ئىزدىگەن سالون مۇشۇ شۇ
 最新文章