30 مىڭ يۈەنلىك ئۈزۈكنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ تاپقان ساياھەتچى: شىنجاڭ ساقچىلىرى بەك ئىشەنچىلىك ئىكەن!
1-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسىدە، سەنشىلىك ساياھەتچى ليۇ يىخەن قىممىتى 30 مىڭ يۈەنلىك ئۈزۈكنى يۈتتۈرۈپ قويغان.
ئۇ شۇ جايدىكى ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، ئاخىرىدا يۈتۈپ كەتكەن ئۈزۈكنى ئىگىسىگە تېپىپ بەرگەن.
سەنشىلىك ساياھەتچى ليۇ يىخەن مۇنداق دېدى: ساقچىلارغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار ناھايىتى قىزغىن ئىكەن.
ئەينى چاغدا ئۇ ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى خۇاجيەن مۇنچىخانىسىدا يۇيۇنۇۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۈزۈكىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ، خېلى يەرلەرنى ئىزدەپمۇ تاپالمىغان ئۇ، ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ، شۇ جايدىكى ساقچىلاردىن ياردەم سورايدۇ. ساقچىلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يولغا چىقىپ، نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ھەممە يەرنى تولۇق ئاختۇرۇپ، يۈتۈپ كەتكەن ئۈزۈكنى تاپىدۇ.
مەزمۇن «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات
ھەمبەھىرلىنىڭ
·تەۋسىيە·
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
يەر تەۋرەش توغرىسىدا پىتنە-ئىغۋا تارقاتقانلار بىرتەرەپ قىلىندى
نى بېسىپ كۆرۈڭ«阅读原文» ئاستىدىكى