جۇڭگو كارخانىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زاكازنى قولغا كەلتۈردى
جۇڭگو كارخانىسى 271 مىڭ كۇب مېتىرلىق 18 LNG تىرانسپورت پاراخوتىغا مۇناسىۋەتلىك
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كېمە ياساش يەككە زاكازنى قولغا كەلتۈردى
جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى قاتار ئېنېرگىيە شىركىتى ئۈچۈن 271 مىڭ كۇب مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى LNG (سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز) تىرانسپورت پاراخوتىدىن 18 نى ياساپ بېرىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە كېمە ياساش زاكاز رېكورتى يارىتىلدى.
LNG تىرانسپورت پاراخوتى نۆلدىن تۆۋەن 163 سېلسىيە گرادۇسلۇق LNGنى توشۇيدىغان «دېڭىزدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى توڭلىتىش ماشىنىسى»، دۇنيادىكى ياساش ئەڭ قىيىن بولغان پاراخوت شەكىللىرىنىڭ بىرى، كېمىسازلىق كەسپىدىكى ئۈچ «خان تاجىدىكى مەرۋايىت»نىڭ بىرى.
271 مىڭ كۇب مېتىرلىق LNG تىرانسپورت پاراخوتىنى جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى قارمىقىدىكى خۇدۇڭ جۇڭخۇا ئۆز ئالدىغا لايىھىلەپ ياسايدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 344 مېتىر، كەڭلىكى 53.6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 27.2 مېتىر كېلىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ LNG تىرانسپورت پاراخوتى بولۇپ، ئادەتتىكى 174 مىڭ كۇب مېتىرلىق LNG ترانسپورت پاراخوتىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىدىن %57 يۇقىرى.