تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

时事   2025-01-03 09:02   北京  

90 مىليون ئادەم قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ! مۆلچەرلىنىشىچە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 2025 يىللىق مەملىكەتلىك چاغانلىق تىرانسپورت توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2025-يىللىق چاغانلىق تىرانسپورت 1-ئاينىڭ 14 كۈنى باشلىنىپ 2-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە 40 كۈن داۋاملىشىدىكەن. پۈتۈن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ رايون ھالقىپ يۆتكىلىش مىقدارى ۋە تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى تىرانسپورت مىقدارىدا بىردەك تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە، 2025-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە پۈتۈن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ رايون ھالقىپ يۆتكىلىش مىقدارى 9 مىليارد ئادەم قېتىم ئەتراپىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تەخمىنەن 7 ئېشىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن؛ تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 510 مىليون ئادەم قېتىم ۋە 90 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىشى، كۆلىمى بۇلتۇرقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت ئاساسىدا يەنە ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بۇ پۇلنى كۆپەيتىپ تارقىتىشقا ئىلھام بېرىلدى

مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان پاش قىلىڭ

جياۋ شياۋپىڭغا 14 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى

بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى

قىش كىرىش ۋاقتى بىر كۈندىن ئون كۈنگىچە كېچىكتى

بۇ خىل جىنايەتكە مەركەزلىك زەربە بېرىلىدۇ


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章