2024-يىللىق قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە شىنجاڭغا ئۇچىدىغان بېلەت باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 تۆۋەنلىتىلىدۇ، شىنجاڭدىن ئۇچىدىغان بېلەت باھاسى پەقەت 200 يۈەندىن كۆپرەكلا بولىدۇ
10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى 2024-يىللىق قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىغا قاراشلىق 26 ئايرودۇرۇمنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ پىلاندىكى مىقدارى 1307 ئايروپىلان قېتىمغا يېتىپ، 2023-يىلىدىكى قىشلىق، ئەتىيازلىق ئايروپىلان پەسلىدىكىدىن كۈندىلىك ئوتتۇرىچە 155 ئايروپىلان قېتىم كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە سىستېمىسى ھەر يىلى ئىككى قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى تەڭشەپ، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇكەممەل ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىن 10-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تولۇق ھەپتىسىنىڭ شەنبە كۈنىگىچە يازلىق، كۈزلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى ئىجرا قىلىدىكەن؛ 10-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تولۇق ھەپتىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇكەممەل ھەپتىسىنىڭ شەنبە كۈنىگىچە، قىشلىق، ئەتىيازلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانى ئىجرا قىلىنىدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ پەسىل ئالمىشىشىدا ئاساسلىقى ئوخشاش بولمىغان ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئاۋات-ئاۋاتسىز مەزگىلىنىڭ تەڭشىلىشى ھەمدە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان بازىرى ئىنكاس قىلغان ئېھتىياج ئويلىشىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى
جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى
مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى
ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى
شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى
ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!
فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ