دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 1-كۈن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ، دېدى. ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىنىدۇ:
1. تەكشۈرۈش دائىرىسى: دۆلىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ شەھەر-بازىرى ۋە يېزا-كەنت رايونى.
2.تەكشۈرۈپ تىزىملاش ئوبيېكتى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى نۇسخا ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە تاللاپ چىققان شۇ مەھەللە (كەنت) دىكى ئائىلە نوپۇسى ۋە كوللېكتىپ نوپۇسى. تاللانغان نوپۇس ئىچىدە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك كىشىلەر :
(1) تەكشۈرۈش ۋاقتى ۋە نۇقتىسىدا شۇ نوپۇستا تۇرۇشلۇق كىشىلەر؛
(2) شۇ ئائىلە نوپۇسىدىكى ئاھالە ئىچىدە، سىرتقا چىقىپ كەتكىنىگە يېرىم يىل بولمىغانلار.
3. تەكشۈرۈش ۋاقتى: ئادەتتە ھەر ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بولىدۇ، ئەگەر قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، تەكشۈرۈش ۋاقتى مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ.
4.تەكشۈرۈش ئۇسۇلى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاپپاراتى تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىپ شۇ مەھەللە (كەنت)دىكى تاللانغان ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تىزىملايدۇ. تەكشۈرگۈچى ئائىلىلەرگە كىرىپ تىزىملىغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاپپاراتى تارقاتقان خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى
مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:
بۇ پۇلنى كۆپەيتىپ تارقىتىشقا ئىلھام بېرىلدى
مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان پاش قىلىڭ
جياۋ شياۋپىڭغا 14 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى
جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى
بىر شىركەت قانۇنسىز ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇشنى قانات يايدۇردى
ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ
كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز
بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى