مائاش ھېسابلاش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولدى،ھەربىر ئادەمگە چېتىلىدۇ

时事   2025-01-03 12:03   北京  

دىققەت! مائاش ھېسابلاش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولدى، بۇ ھەربىر ئادەمگە چېتىلىدۇ!

بارلىق پۇقرالارنىڭ بايراملىق دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئەسلىدىكى 11 كۈندىن 13 كۈنگە كۆپەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پۈتۈن يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە تۈزۈمدىكى خىزمەت ۋاقتى ۋە مائاشقا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش چارىسى، يىللىق دەم ئېلىنمىغان مائاش ھەققىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تەڭشىلىدۇ، بۇ كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا چېتىلىدۇ.

تۈزۈملۈك خىزمەت ۋاقتىنى ھېسابلاش

يىللىق خىزمەت كۈنى: 365 كۈن-104 كۈن (دەم ئېلىش كۈنى)-13 كۈن (قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى) = 248 كۈن

پەسىللىك خىزمەت كۈنى: 248 كۈن ÷ 4 پەسىل = 62 كۈن/پەسىل

ئايلىق خىزمەت كۈنى: 248 كۈن ÷ 12 ئاي =  20.67 كۈن/ئاي

خىزمەت سائەت سانىنى ھېسابلاش: ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق خىزمەت كۈنى ھەر كۈندىكى 8 سائەتكە كۆپەيتىلىدۇ.

كۈندىلىك مائاش، سائەتلىك مائاشقا سۇندۇرۇپ ھېسابلاش

ئەمگەك قانۇنىنىڭ 51-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە مائاش بېرىشى، يەنى كۈندىلىك مائاش، سائەتلىك مائاشقا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا دۆلەت بەلگىلىگەن قانۇندا بەلگىلەنگەن 13 كۈنلۈك بايرام، دەم ئېلىش كۈنىنى چىقىرىۋەتمەسلىكى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، كۈندىلىك مائاش، سائەتلىك مائاش تۆۋەندىكىدەك سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ:

كۈندىلىك مائاش: ئايلىق مائاش كىرىمى ÷ ئايلىق مائاش ھېسابلىنىدىغان كۈن سانى

سائەتلىك مائاش: ئايلىق مائاش كىرىمى ÷(ئايلىق مائاش ھېسابلىنىدىغان كۈن سانى × 8 سائەت)

ئايلىق مائاش ھېسابلاش كۈن سانى: ( 365 كۈن-104 كۈن) ÷ 12ئاي = 21.75 كۈن

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىدىكەن

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە تىزىملىتىش رەسمىي باشلاندى

بۇ يىل ئەمگەك كۈچلىرىنى تەكشۈرۈش داۋاملىق تەشكىللىنىدۇ

مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان پاش قىلىڭ

جۇڭگو تەرەپ نەق مەيداندا رەددىيە بەردى

ھەقنى قايتۇرىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ

كەڭ تور ئەھلىنىڭ تورنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىشنى قارشى ئالىمىز

بىر دوختۇرخانىنىڭ تورۇسى چۈشۈپ كېتىپ تۆت ئادەم يارىلاندى


人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章