1987-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈمىد ئوبۇل ئۈرۈمچىدە بىر سەنئەتخۇمار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
1987年4月30日,玉米提·吾布力出生在乌鲁木齐一个艺术氛围浓厚的家庭里。
ئائىلىسىدىكى قويۇق مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل پۇرىقىنىڭ تەسىرىدە، ئۈمىد بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا سەنئەتكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئىنتىلگەنىدى. بۇ تەسىر ئۇنىڭ 12 ياش ۋاقتىدا پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قارارنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان، يەنى، ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت شۆيۈەنى (ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى ھەربىي ئىشلار مەدەنىيەت شۆيۈەنى)گە ئىمتىھان بېرىش.
在音乐和舞蹈的熏陶下,玉米提在童年时期就对艺术产生了浓厚的兴趣和向往。这也促使他在12岁时做出了影响他一生的决定:考解放军艺术学院(现在的国防大学军事文化学院)。
شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ھايات سەھنىسىدە ئۇسسۇلچى، ناخشىچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئارتىس قاتارلىق ئوخشىمىغان روللارنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىدى.
从此,他开启了从舞者、歌手、教师、演员等不同角色间的转换,一步一个脚印地践行对艺术创作的热爱。
مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان ئۆسمۈر
汗水与成就为伴的少年
1999 -يىلى ئۈمىد ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن ئىدى. شۇ يىلى ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت شۆيۈەنى ئۈرۈمچىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغىلى كەلگەندە، ئۇنىڭ يېشى ماس كەلگەچكە ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن سىناپ بېقىش ئويىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، بەختكە يارىشا ئىمتىھاندىن ئۆتتى.
1999年玉米提刚满12岁。那年解放军艺术学院来乌鲁木齐招生,由于他年龄符合,也受到了父母的支持,就以试试的心态去参加了考试,后来很幸运地考上了。
ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 12 ياشلىق بىر ئۆسمۈر، ناخشا-ئۇسسۇلغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇسسۇلچىلىق ھاياتىنى باشلىدى.
12岁,一个小学刚刚毕业的小男孩,因对歌舞的热爱踏上了通往“专业舞者”的漫长修炼之路。
ياسىن مەخمۇت فوتوسى▲
▲图源:摄影师亚生买合木提
ئۈمىد ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت شۆيۈەنىگە يېڭى بارغان چېغىدا، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ، ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بېسىم ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ بىرىنچى سائەتلىك كەسپىي ئۇسسۇل دەرسى ھازىرمۇ ئېسىدە بولۇپ، دەرستە توغرىسىغا چات كېرىش مەشىقىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
初入解放军艺术学院,面对来自全国各地的优秀同学们,玉米提感受到了前所未有的压力和挑战。他还记得自己的第一堂专业舞蹈课,其中一项训练是撕横叉。
ئەينى ۋاقىتتا، سىنىپتىكى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن ئۇسسۇل ئاساسىي ماھارەتلىرىنى ئىگىلەپ بولغان بولۇپ، مەيلى توغرىسىغا چات كېرىش بولسۇن، ياكى تىك چات كېرىپ ئولتۇرۇش بولسۇن، ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى ئاددىي، ھەتتا بۇ ھەرىكەتلەرگە كۆنۈك دېيىشكىمۇ بولاتتى، بۇ ئۈمىدكە نىسبەتەن ئېيتقاندا پۈتۈنلەي يېڭى بىر سىناق ھېسابلىناتتى.
当时班里大部分同学入学之前都接受过舞蹈基本功训练,因此不管是横叉还是竖叉对他们来说轻而易举甚至习以为常,这对当时的玉米提来说却是全新的挑战。
بېيجىڭغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۈمىدنىڭ ئۇسسۇلغا بولغان چۈشەنچىسى پەقەت مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى، لېكىن كەسپىي ئۇسسۇل مەشىقىنىڭ بۇنچىۋالا جاپالىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باشلىغانىدى.
在来到北京之前,玉米提对舞蹈的理解仅限于随着音乐随心所欲地舞动身体,但没想到专业舞蹈训练居然这么艰苦。
ئۈمىد مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنكى بىرىنچى يىلى، نۇرغۇن قېتىم قانداق قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان، بەزىدە يەنە كۆڭلى يېرىم بولۇپمۇ قالغان، ھەتتا بەزىدە ئۇسسۇل ئۆگىنىش نىيىتىدىنمۇ يانماقچى بولۇپ باققان. لېكىن، ئۇ شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى، بۇ پەقەت ۋە پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى ئادەمنى چارچىتىدىغان مەشىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا تەستە بىر كەلگەن پۇرسەت ئىدى.
在学校的第一年,他有过不少困惑,时而也会感到沮丧,甚至有过反悔的念头。然而,他似乎很清楚自己当时面临的,不仅仅是身体上令人精疲力尽的训练,更是一个难能可贵的机会。
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ جاپاغا چىداپ ئاساسىي ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى.
于是,他开始刻苦练习舞蹈基本功。
بەدىنىنىڭ ئېگىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۈمىد ئۇدا نەچچە ھەپتە تىك چات كېرىپ ئولتۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇپ ئۇخلىغان، يەنى، بىر پۇتىنى كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىگە، يەنە بىر پۇتىنى كارىۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىگە قويۇپ ئۇخلىغان ئىدى.
为了攻克柔软度这一难关,他有好几个星期都以竖叉的姿势入睡,一条腿搭在床头,另一条腿则搭在床尾。
ھەر كۈنى ئەتىگەن ئويغانغان ئاشۇ دەقىقىدە، ئاغرىقتىن پۇتىنى ئۆزىنىڭ ئەمەستەكلا ھېس قىلقىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، تەر ۋە ئاغرىقنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاپ، ئاخىرى ئۇسسۇل مەشقىدە رەتنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇردى.
每天早上醒来的那一刻,他总能真切地体会到什么叫做“腿好像不是自己的了”。就这样,在汗水与疼痛的陪伴下,他逐个克服了一个又一个“短板”,最终站在了舞蹈排练队中那个专属于最优秀舞者的C位。
▲سۈرەت مەنبەسى : فوتوگراف ياسىن مەخمۇت
▲图源:摄影师亚生买合木提
مەكتەپتىكى تۆتىنچى يىلى 16 ياشقا كىرگەن ئۈمىد «جۇڭگو ئۇسسۇل ئوسكارى» دەپ ئاتالغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ھەمدە يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل «ئوماققىنە بىر تال ئەتىرگۈل»نى ئورۇنلىدى.
在校的第四年,16岁的玉米提参加了被誉为“中国舞蹈奥斯卡”的“桃李杯”全国型舞蹈大赛,并表演了男子独舞《可爱的一朵玫瑰花》。
«بۇ ئەسەر قازاق مىللىتنىڭ ئۇسسۇلىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بىر قازاق يىگىتنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۆڭلىدىكى سۆيگۈنىنى قوغلىشىدىغان ئوبرازىنى جانلىق ياراتقان ئىدى.» بۇ بىر خىل ئۇسسۇل تىلى بىلەن ئىپادىلەنگەن ئارزۇ-ئارمانغا تولغان مۇھەببەت ھېكايىسى بولۇپ، قىزغىن ۋە غەيرەت-شىجائەتلىك باش قەھرىمان دومبىرانىڭ تارىسىنى ئۇسسۇلغا سېلىپ، قەلبىدىكى سۆيگىنى قىزىلگۈلگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلاتتى.
“这部作品以哈萨克族民间舞蹈为元素,生动塑造了一位执着追寻心之所爱的哈萨克族小伙形象”。这是一个用舞蹈语言讲述的“诗与远方”式的爱情故事,热情洒脱的主人公深情地拨动着冬不拉的琴弦,向心之所爱的玫瑰诉说着心中的爱恋。
سەھنىدىكى بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ ئۇچراشقان چاغدىكى قەلب ھاياجانغا تولغان تۇيغۇنى، چىن مۇھەببەتنى قوغلاشقاندىكى قەتئىيلىكنى، سۆيگۈنىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن چاغدىكى ھاياجىنىنى، شۇنداقلا سۆيگەن ئادەم بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشتەك رومانتىكىنى ئۇسسۇل ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى.
在不到五分钟的舞台时间里,他将相遇时的心潮澎湃、追求真爱时的坚定执着、获得爱人芳心时的激动难耐,以及与心爱之人共度余生的浪漫,都演绎得淋漓尽致。
ئاستى ئۈستىگە سىيرىپ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى كۆرۈڭ▲
▲上下滑动查看更多
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، بۇ ئەسەر ئۈمىدنى كىشىلەرگە تونۇتقان ئەسەر بولۇپ، ئۇ ئالدى-كەينى بولۇپ 2003-يىلدىكى 7-قارارلىق دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇسسۇل مۇسابىقىسى، 2005-يىلىدىكى 3-قارارلىق CCTVتېلېۋىزىيە ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ھەمدە 2006-يىلىدىكى كورىيە سېئول خەلقئارالىق ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
正如大家所熟知,这部作品被认为是玉米提的成名之作,它先后在2003年的第7届全国“桃李杯”舞蹈比赛、2005年的第3届CCTV电视舞蹈大赛、2006年的韩国首尔国际舞蹈大赛中均获得了金奖。
بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئۈمىد ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر كىشى بىلەن تونۇشقانىدى، ئۇ بولسىمۇ مەشھۇر ئەلنەغمە سەنئەتكارى، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس جىياڭ كۈن مۇئەللىم. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى 2005-يىلىدىكى CCTV تېلېۋىزىيە ئۇسسۇل مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.
通过这部作品,玉米提结识了他人生当中最重要的一位人物——著名相声表演艺术家、国家一级演员姜昆老师。他们的友谊开始于2005年CCTV电视舞蹈大赛颁奖典礼,并持续到了至今。
20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، جىياڭ كۈن مۇئەللىم ئۈمىدنىڭ ھاياتىغا يېتەكچى بولۇپ كەلدى. ھەر قېتىم ئۈمىد كەسپىي جەھەتتىن قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا، تۇنجى بولۇپ جىياڭ كۈن مۇئەللىمدىن تەكلىپ-پىكىر سورايتتى. كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى جياڭ مۇئەللىم ئۈمىدنىڭ «ئىككىنچى ئائىلە باشلىقى»غا ئايلانغان بولۇپ، ئۆيىدىن 3000 نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چوڭ شەھەردە ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى.
在近20年的时间里,姜昆老师一直是玉米提的人生导师。每当玉米提在职业生涯中遇到难题时,他都会第一个找姜昆老师寻求建议。最令人欣慰的是,姜老师还成了玉米提的“第二个家长”,让他在离家3000多公里的大都市里体会到家的温暖。
ئۈمىد مۇنداق دەيدۇ:«مەن ھەر قېتىم مۇئەللىمنى يوقلاپ بارغاندا، جىياڭ كۈن مۇئەللىم ئۆزى قولى بىلەن قوي گۆشى قورۇمىسى قىلىپ بېرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەتكەن قوي گۆشى قورۇمىسى بەك يېيىشلىك ئىدى».
玉米提曾说道:“我每次只要去家里拜访他,姜昆老师都会亲自下厨为我做一盘羊肉,而且他做的羊肉真的非常好吃。”
ئۈمىدنىڭ «ئوماققىنە بىر تال ئەتىرگۈل»ناملىق ئەسىرىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنى ئۇسسۇل ساھەسىدە كەڭ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشتۈردى، ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ ئارقىسىدا ئۈمىد توپتوغرا ئىككى يىل ھارماي-تالماي مەشىق قىلغان ۋە ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كىشىلەر ئانچە بىلمەيتتى.
《可爱的一朵玫瑰花》的成功为玉米提赢得了舞蹈界的广泛认可,但鲜为人知的是,这部作品背后是玉米提整整2年孜孜不倦的练习与付出。
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قالتىس ئۇسسۇل يەنە نۇرغۇن ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرى ۋە سەنئەت سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەقلىد قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن بىر كىچىك نومۇر ئورۇنلىغۇچى سەھنىدە ئۈمىدنىڭ ئەينى يىللاردىكى سالاپىتىنى جانلىق نامايان قىلدى.
此外,这段精彩的舞蹈也引发了很多舞蹈爱好者和艺术特长生的模仿热潮,其中有一位年仅7岁的小表演者,在舞台上生动地再现了玉米提当年的风采。
بۇنىڭغا قارىتا، ئۈمىد كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« نەتىجىنى ئۈلگە قىلماستىن، بەلكى نەتىجە قازىنىش يولىدىكى ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان، ئەڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان ئەگرى-توقاي جەرياننى ئۈلگە قىلىش كېرەك. نەتىجىگە بەك ئېسىلىۋالمىغاندىلا، ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ…»
对此,玉米提在日记簿中写道:“榜样的不该是结局,该是过程中最真实、最不可或缺、最能产生果效的起起落落。忽略结局,才能走近结局……”
ئۇسسۇل بىلەن ناخشىنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ
舞蹈与歌唱,一个都不能少
2004-يىلى، ئۈمىدنىڭ ئۇسسۇل ھاياتى ئۆگىنىش باسقۇچىدىن ئۆگىنىش نەتىجىسىنى نامايان قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. شۇ يىلى، ئۇ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ھەم شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئارتىسلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئارقىلىق ئېسىل سەھنە دەقىقىلىرىنى يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان ئىدى.
2004年,玉米提的舞蹈生涯从学习阶段步入了展现学习成果的阶段。同年,他考入了中国人民解放军艺术学院本科,并兼任新疆军区文工团的舞蹈演员,肩负了用音乐与舞蹈来创造一个又一个精彩舞台瞬间的使命。
«ئوماققىنە بىر تال ئەتىرگۈل»دىن كېيىن، ئۈمىد سەھنىدە بىر قاتار نادىر ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن نامايان قىلدى، ھەم ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ يەتتە خىل دۆلەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇسسۇل شەخسىي ماھارەت كۆرسىتىش ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 2006 ـ يىلىدىكى «بالا» 8 ـ نۆۋەتلىك «تاۋلى لوڭقىسى» ئالتۇن مۇكاپاتى، 2009 ـ يىلىدىكى «تەخسە ئۇسسۇلى» 5 ـ نۆۋەتلىك CCTV ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئالتۇن مۇكاپاتى قاتارلىق ئالاھىدە شەرەپلەر بار ئىدى.
在《可爱的一朵玫瑰花》之后,玉米提在舞台上陆续呈现了一系列的经典舞蹈作品,并先后获得了7个国家级以上的舞蹈个人表演金奖,其中包括2006年的“巴郎”获得第8届“桃李杯”金奖,以及2009年的“盘子舞”获得第5届CCTV舞蹈大赛金奖等殊荣。
جۇڭگو ئۇسسۇل تورى ئۇنىڭغا «ئۈمىدنىڭ ئۇسسۇلى ھەمىشە تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى ئاسانلا ئۇتۇۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۇسسۇلىدا سىز ئۇنىڭ بىلەن قايغۇدىمۇ، خۇشاللىقتىمۇ بىللە بولىسىز، ئۇنىڭ نومۇرلىرىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، قەلبىڭىز ئۇنىڭ ئۇسسۇلىدا قالىدۇ. ئۇسسۇل دۇنياسىدا ئۇنى شاھ دېيىشكە بولىدۇ. بىزنىڭ قەلبىمىز ئۇنىڭ ئۇسسۇل قەدىمىگە ئەگىشىپ داۋالغۇپ تۇرىدۇ. ئۈمىدنىڭ دۇنياسىدا، ئۇسسۇل ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولغان ئىنتىلىشى، ئۇ مەڭگۈ ئېنېرگىيەگە تولغان نۇر چىقارغۇچى جىسىم بولۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ھېسسىياتىنى سەھنىدە تولۇق ئۇرغۇتىدۇ» دەپ باھا بەرگەنىدى.
中国舞蹈网对他评价道:“玉米提的舞蹈总是可以轻而易举地俘获观众的心。在他的舞蹈中,你会与他同悲共喜,被他的表演深深感染,心为之羁绊。在舞蹈的世界里,他堪称王者。我们只能追随他的步伐,心随着他的舞步起伏跌宕。在玉米提的世界里,舞蹈是他与生俱来的追逐,他永远是一个充满能量的发光体,饱含热情地将他全部的情感在舞台上尽情释放 。”
2024-يىلى ئۈمىدنىڭ ئۇسسۇل ساھەسىگە كىرگىنىنىڭ 25-يىلى، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولغان بۇ سەنئەت توغرىسىدا ئۇ كۈندىلىك خاتىرە دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ:«ئۇسسۇل − كەسپىمنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى، ئۇ تىرەك بولغاچقا مەن تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ئىزدىنەلەيمەن، ئۆزۈمگە جەڭ ئېلان قىلالايمەن. ھازىر بۇ 20 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىمغا نەزەر سالسام، گەرچە قىسقا بولسىمۇ لېكىن مەنىلىك».
2024年是玉米提步入舞蹈界的第25个年头,关于伴随了他一生的这门艺术,他在日记簿中写道:“舞蹈——我事业的中流砥柱,有了‘她’的支撑,我才得以在更广阔的领域里寻找自我,挑战自我。如今回头看看这二十几年的艺术生涯,虽短暂却也有滋有味。”
ئۇسسۇل ساھەسىگە قەدەم قويغان 13-يىلى، ئۈمىد بىر ناخشىچىغا ئايلاندى. ئۇ 2012-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكىدە تۇنجى قېتىم ناخشا ساھەسىگە قەدەم قويدى.
步入舞蹈界的第13年,玉米提成了一名歌手。他第一次涉足歌坛是在2012年庆祝中国人民解放军建军85周年的大型文艺晚会上。
ئەينى چاغدا، ئۇ لى ۋېيپېڭ بىلەن بىرلىكتە «گويا بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكىلار» دېگەن ناخشىنى ئېيتقان. بۇ ئەرلەرنىڭ شوخ قوش كىشلىك ناخشىسى بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىجاد قىلىنغان كىلاسسىك ھەربىي ناخشا، ئۇنىڭدا مەمەت بىلەن ۋاڭ شياۋيىدىن ئىبارەت ئىككى ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ قىسىم تۇرمۇشى ۋە سەپداشلىق مېھرى بايان قىلىنغان.
当时,他与李炜鹏共同演唱了《真像一对亲兄弟》这首歌。这是一首曲调欢快的男声二重唱,创作于20世纪70年代,是一首经典的军旅歌曲,讲述了买买提和王小义两名解放军战士的部队生活和战友情谊。
بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ تىپتىكى سەھنىدە ناخشا ئېيتىشى بولۇپ، كىشىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، ئويۇن قويۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ ناخشا تېكىستى ۋە ئاھاڭى بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسسۇللۇق ھەرىكىتى، بۇ ئىنقىلابىي كونا ناخشىغا بىر خىل ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچ قوشقان.
这也是他首次在大型舞台上进行演唱,最令人印象深刻的是,在表演过程中,他那与歌词以及曲调完美结合的舞蹈性动作,为这首革命老歌注入了一种独特的活力。
بۇ بىر يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناقتىن كېيىن، ئۈمىد ئۇدا ئۈچ يىل ئارمىيە بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ناخشا ئېيتقان، ئېيتىدىغان ناخشىلىرىنىڭ تۈرىمۇ كىلاسسىك ئارمىيە ناخشىلىرىدىن «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» قاتارلىق شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرىغا كېڭەيگەن.
这一年的成功尝试之后,玉米提连续三年都在建军节庆典上表演歌唱,所唱的歌曲类型也从经典军队歌曲拓展到了如《花儿为什么这样红》这类的新疆民歌。
ئاستا-ئاستا، ئۇ ناخشا ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە قىسىمدىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ۋە يېڭى يىللىق كېچىلىك قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سەھنىلەرگە يۈزلەندى، ئېيتقان ناخشىلار شىنجاڭ خەلق ناخشىلىرى، مۇھەببەت ناخشىلىرى ھەمدە بىر قىسىم مودا ناخشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
渐渐地,他展现唱功的舞台从部队走向了央视春晚和元旦晚会等大型舞台,演唱的歌曲涵盖了新疆民歌、情歌以及一些流行歌曲。
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۈندە ناخشا ئېيتىمەن»، « جۇڭگو خەلق ناخشىسى»، «نۇرلۇق يۇلتۇزلار»، «قۇت دەرۋازىسى» قاتارلىق مۇزىكا تۈرىدىكى پىروگراممىلىرىدا ناخشا ئاۋازىنى نامايان قىلدى.
此外,他还在央视的《天天把歌唱》《民歌中国》《星光璀璨》《开门大吉》等音乐类节目上展现歌喉。
ئۈمىد 25 يېشىدىن باشلاپ ناخشىلىق مۇزىكا ساھەسىگە جەڭ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىراتى شۇ بولدىكى، سەنئەتتىن ئىبارەت بۇ تۈردە ئوخشاش بولمىغان سەنئەت ئىپادىلەش شەكىللىرى ئارىسىدا ئورتاقلىق بارلىقىنى، پەقەت مۇشۇ ئورتاقلىق نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ مەشىق قىلغاندىلا سەھنىدىكى ئاساسىي ئىپادىلەش كۈچىنى ئىگىلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانىدى.
从25岁那年起向声乐领域发起挑战,他最大的感触是发现了在艺术这一门类中,不同的艺术表现形式间是有共性的,只要抓住这一共通点,并做出必要的习练,便能掌握基本的舞台表现力。
ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭ ناخشىلىق مۇزىكىغا قول سېلىپ، بۇ ساھەگە قەدەم قويۇشقا جۈرئەت قىلىشىمدىكى سەۋەب، مېنىڭچە ھەر قايسى سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ئورتاقلىقى بار. گەرچە مېنىڭ ئاۋاز سىزىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئاساسىي ماھارىتىم ئۆلچەمگە يەتمىسىمۇ، لېكىن مەن ئورتاقلىقنى تاپساملا، خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك ئاسانلا ئۆگىنىپ كېتەلەيمەن».
他坦言道:“我之所以敢于触碰声乐,敢于踏入这个领域,是因为我认为各个艺术门类都是有共通点的。虽然我声线等很多基本功都不达标,但是找到共通点,就会很快能够如鱼得水。”
سەھنىدىن مۇنبەرگە قەدەم قويۇش
从舞台迈向讲台
سەھنىدە 20 يىل نۇر چاچقاندىن كېيىن، ئۈمىد مۇنبەرگە قەدەم قويۇشنى قارار قىلدى. ئۇ باش جېڭۋۇتۈەن ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئۇسسۇلچىلارنى تەربىيەلەشكە ئىرادە باغلىدى.
在舞台发光发热20年后,玉米提决定迈向讲台。他从总政歌舞团退役后,成为了中央民族大学舞蹈学院的一名教师,立志于培养更多青年舞者。
ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ رول ۋە سالاھىيەتتىكى ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈكسىلىشى ئىدى. ئۈمىد ئوقۇتقۇچى بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان پەيتى دەل ھەر قېتىملىق ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سەھنە ئاستىدىكى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىدى، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدا قان-تەر ئاققۇزغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە قوللاش، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ ـ قۇۋۋەت مەنبەسى ئىدى.
对他来说,这不仅是角色和身份上的转变,更是人生意义的再次升华。在成为老师之前,玉米提一直认为人生最骄傲的时刻莫过于每一次表演结束后听到台下雷鸣般的掌声,因为这是对他幕后洒下汗水的肯定与支持,是他事业进步的力量源泉。
ئەمما، ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن يۈكسەلگىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ سەھنىدىكى شانلىق پەيتلىرىگە شاھىد بولغاندا، ئۆزى ئالقىش ساداسىغا ئېرىشكەندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلان ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلدى.
然而,成为老师后,他慢慢意识到,看到学生因为自己的指导而变得更好,见证他们在舞台上的光辉时刻,竟然比自己获得掌声更令他感到温暖和动容。
ئۈمىد مۇنداق دەيدۇ:«مېنىڭ ئۇسسۇل دەرسى بېرىشىم بىر خىل ۋارىسلىق قىلىش، بىر خىل مەسئۇلىيەت، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش.» ئۇنىڭ ئۆتىدىغان دەرسى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇلى. ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغاندىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن كەلگەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇسسۇل مەدەنىيىتىگە بولغان بىر تەرەپلىمە تونۇشىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر چوڭ جەڭ ھېسابلىناتتى.
玉米提说:“我的舞蹈教学是一种传承、一种责任、更是一种创新。”他教授的课程是新疆各民族舞蹈。成为舞蹈学院的老师后,面对来自五湖四海不同文化背景的学生,改变他们对新疆及其舞蹈文化的单一认知是一项不小的挑战。
شۇڭا، ئۈمىد ئوقۇتۇش جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسۇل قىياپىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارغا ئوينىغان ئۇسسۇلنىڭ تارىخىي مەنبەسى ۋە مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارغا قانداق ئويناشنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
因此,在教学上玉米提不仅仅对学生的舞蹈动作进行指导,更多的是给他们讲述所跳舞蹈的历史渊源与文化内涵,从而让他们知道怎么跳的同时,也知道为什么这么跳。
ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسۇلنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىدە ماھىيەتلىك ھالقىش بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى.
他坚信,学生们在了解了舞蹈背后的故事以及民族文化的发展与变迁后,他们的舞蹈表现力会发生质的飞跃。
گەرچە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلى ئۈمىدنىڭ ئۇسسۇل ھاياتىدىكى ئاساسىي لىنىيە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر ئۇسسۇلچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرىنى، مەسىلەن، يۈننەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇللىرى، موڭغۇل ئۇسسۇللىرىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ئۇسسۇل قىياپىتى، ھەمدە شەرقىي شىمالنىڭ ياڭگېر ئۇسسۇلىنىڭ تارىخىي مەنبەسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەش مەسۇلىيىتىم بار، دەپ قارايدۇ.
虽然新疆各民族的传统舞蹈是玉米提舞蹈生涯的主线,但作为一名舞者,他认为自己有责任去研究和掌握更多其他少数民族的舞蹈,如云南地区各少数民族的舞蹈、蒙古族舞蹈最原始的舞姿,以及东北秧歌四个字的历史渊源。
ئۇ بۇ قەدىمىي ھەم قىممەتلىك ئۇسسۇل سەنئىتىنى ئۆزىنىڭ بىلىمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇسسۇل دەرسخانىسىغا ۋە ئۇسسۇل تارىخىغا كىرگۈزۈشكە كۈچ چىقاردى. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەيلى ئارتىس ياكى ئۇسسۇلچى بولايلى، بىزدە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك، مائارىپ مېنى بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇشقا ئۈندەيدۇ».
他致力于让这些古老而珍贵的舞蹈艺术留在身体的记忆里,走进舞蹈课堂里以及编进舞蹈史册里。对此,他说道:“不管作为一名演员还是舞者,我们都应当有社会责任感,而教育可以让我扛起这个担子,做一名传承者。”
ئۇسسۇلچىدىن ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىش، ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدا تۇرۇپ ئۆزى ئۆگەتكەن ئەنئەنىۋى مىللىي ئۇسسۇلغا ئەقلىي نەزەر سېلىش ۋە ئۇنى مۇلاھىزە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
从舞者转变为舞蹈老师,让他得以站在更高角度去理性地审视并思考自己所教授的传统民族舞蹈。
بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىنىڭ بەدەنگە بولغان تەلىپى ناھايىتى كۆپ، چەكلەشچانلىقى بىر قەدەر چوڭ. ھازىرقى ياشلار ئەركىنلىكنى، خاسلىقنى، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. مىللىي ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ قېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلىغا زامانىۋى مودا مەدەنىيەتنىڭ سىيماسىنى سىڭدۈرۈش مېنىڭ ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان نىشانىم».
对此,他表示:“维吾尔传统舞蹈对身体的要求很多,约束性较大,很容易把身体锁住。而现在的年轻人都喜欢自由、个性,喜欢跳现代舞。在保持民族特色的前提下,让维吾尔传统舞接纳现代流行文化的点缀,是我一直以来在探索的方向。”
شۇڭا ئۈمىد دائىم ئوقۇغۇچىلارنى دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، گەرچە يېڭىلىق يارىتىش مۇقەررەر ھالدا تالاش-تارتىش ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن تالاش-تارتىش بولغاندىلا ئىلگىرىلەش بولىدۇ.
因此,玉米提经常鼓励学生大胆创新,虽然创新必然会带来争议,但有争议才会有进步。
ئۇسسۇل سەھنىسىدىن كىنو ئېكرانىغىچە
把舞台搬到荧幕上
2018-يىلى، ئۈمىد «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمدە ئەر باش پېرسوناژ قەيسەرنىڭ رولىنى ئالدى. جۇڭگو روھى، شىنجاڭ ئۇسلۇبى ۋە خەلقئارالىق ئۇسلۇبقا ئىگە بۇ كىنو تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلدى.
2018年,玉米提在歌舞电影《你美丽了我的人生》中扮演了男一号凯撒。这部有着中国魂、新疆风和国际范的电影给观众带来了一场美到极致的视觉盛宴。
ئۈمىد دەسلەپتە بۇ رولنى ئالغاندا ناھايىتى ھاياجانلاندى. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئۇسسۇلىنى كىنو ئېكرانىدا نامايان قىلىش ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى. تۇنجى قېتىم كىنو سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشقان ئۈمىد دۇچ كەلگەن تۇنجى خىرىس سەھنىدىن ئېكرانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆزگىرىش بولدى.
玉米提最初接到这个角色时,内心既兴奋又激动。因为把自己的舞蹈展现在电影大荧幕上是他一直以来的一个心愿。首次参演电影拍摄给玉米提发起的第一项挑战是从舞台到荧幕间的转换。
ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇسسۇلچىلار سەھنىدە بەدەن ھەركىتى ئارقىلىق نۇرغۇن ھېسسىيات ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئەمما ئېكراندا ئەسلىدە يورۇتۇلغان بەدەن تىلى ۋە ھېسسىياتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۇسسۇلنىڭ ھەر بىر ھالقىسىدا بىر خىل ھېسسىياتنى يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھەرقانچە كىچىك ھېسسىياتمۇ ئېكراندا كۈچلۈك زەربە بېرىش كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ھاسىل قىلالايدۇ».
他解释道:“在舞台上,舞者会用肢体把很多情感和调度放大化。但在荧幕上,需要把原本放大了的肢体语言和情感细腻化,让舞蹈的每一个环节都能传递一种情感,即使再小的情感在荧幕中也能产生强烈的冲击力和感染力。”
كىنونى سۈرەتكە ئېلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ زىيارەت جەريانىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بىر كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىمى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ناخشا ـ ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن.» فىلىمدە تاجىك، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مول، پارلاق مەدەنىيەت-سەنئىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
电影杀青后,他在采访中表示:“这不仅仅是一部影视片,更是我们新疆各地歌舞艺术的精华汇聚”。影片中有塔吉克族、维吾尔族、哈萨克族等新疆丰富绚烂的文化艺术。
«شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن بۇ كىنونىڭ مەملىكەت تەۋەسىدە قويۇلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ، كۆپچىلىككە جۇڭگودىمۇ ياخشى ناخشا-ئۇسسۇللۇق كىنولارنىڭ بارلىقىنى تونۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ مول، چوڭقۇر، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت گېنىمىز ئۇنىڭغا سىڭىپ كىرىپ، كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلىنالايدۇ».
同时,我也希望电影在全国上映后,能引起大家的深思,让大家认识到,其实中国也可以有好的歌舞电影。我们那些丰富厚重、多元化的文化基因,都可以融入其中,成为经典之作。”
2021-يىلى قويۇلغان «ناخشىنىڭ قانىتى» ئۈمىد قاتناشقان ئىككىنچى ناخشا ـ ئۇسسۇل فىلىم بولۇپ، بۇ فىلىمدە جياڭ خەن، دىلشات، جارقىندىن ئىبارەت مۇزىكا ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۈچ ياشنىڭ يۇرتىغا، زېمىنغا، ئەنئەنىگە يېقىنلىشىش جەريانىدا ئۆز-ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىلھامىنى قوزغاتقانلىقى، ھەمدە مۇزىكا ئىجادىيەت جەريانىدىكى «بوغما» ھالەت مەزگىلنى بۆسۈپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان.
2021年上映的《歌声的翅膀》是玉米提参演的第二部歌舞片。该片讲述了江寒、迪力夏提、加尔肯三个怀揣音乐梦的年轻人在靠近故乡、贴近大地、亲近传统的过程中,激活了自己的艺术灵感,从而走出音乐创作瓶颈期的故事。
ئۈمىد بۇ كىنودا مۇزىكا ئەترىتىنىڭ گىتتارچىسى دىلشاتنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، بۇ رولنىڭ مىجەزى ئوچۇق، ئاۋازى ناھايىتى يېقىملىق ئىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئوپچە ئۇسسۇل كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئىچىدىكى زامانىۋى مودا ئۇسسۇل بىلەن ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر سەنىمىنىڭ يوچۇقسىز باغلانغان بۆلىكى كىشلەرنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى.
玉米提在这部电影中扮演了乐队吉他手迪力夏提这一角色,这个角色性格洒脱,歌喉曼妙。在喀什古城拍摄的群舞镜头里,那段现代流行舞与传统维吾尔赛乃木的无缝衔接令人惊叹不已。
كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« 2018-يىلىدىكى قەيسەردىن 2021-يىلىدىكى دىلشاتقىچە قەيسەر ئۆسۈپ يېتىلدى، دىلشات بولسا تېخىمۇ قەيسەر بولدى! سۈرەت خۇددى بىر ئىشپاتتەك، مېنى 3-شەخس نۇقتىسىدىن ئۆزۈمنى تەكشۈرەلەيدىغان قىلدى».
电影首映礼结束后,他在日记簿中写道:“从2018年的凯撒,到2021年的迪力,凯撒成长了,迪力坚定了! 影像是一种微妙的见证,它让我能够从第三者的视角审度自己。
ئارتىسلىق كەسپىدە سەھنىنىڭ پارلاق نۇرى خۇددى بىر پىشاڭغا ئوخشايدۇ، ماگنىي لامپىسى ئاستى قانچە پارلاق بولسا، كىشىلىك ھاياتنىڭ پىشاڭى شۇنچە ئاسان تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ. ئېكران ئالدىدا دىلشاتقا قاراپ ئولتۇرغان ئۈمىدتە باشلىنىش ئالدىدىكى شادلىق ۋە ئاخىرلاشقان چاغدىكى مەنىسىزلىك ھېسسىياتىمۇ قالمىغانىدى. بارغانسېرى تەڭپۇڭلىشىۋاتقان كىشىلىك ھايات پىشاڭى بىر جۈپ قاناتقا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ ئېگىز ۋە يىراق پەرۋاز قىلالايدىغاندەك قىلاتتى.
演员这个职业,舞台的光辉就像一支杠杆,镁光灯下越辉煌,人生的杠杆就越容易失衡。坐在屏幕前看着迪力夏提的玉米提,没有了开场前的狂欢,也没有了结束时的空虚。愈发平衡的人生杠杆,似拥有了羽翼,方能飞得更高,看得更远……”
كەسپىي ئۇسسۇلچىدىن ناخشا ساھەسىگە قەدەم قويغىچە، ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۇسسۇل سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىلىم ئىگىسىگىچە، سەھنىدە ئويۇن قويۇشتىن كىنو ئارتىسلىقىغىچە، ئۇنىڭ ئىشلىرى سەنئەت چوڭ سەھنىسىدە ئىزچىل گۈللەپ ياشناپ، ئەزەلدىن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توختىتىپ باقمىدى.
从专业舞者到涉足歌坛,从舞蹈教师到研究舞蹈艺术的学者,从舞台表演到电影演员,他的事业在艺术的大舞台上一直在枝繁叶茂,从未停下过前进的脚步。
ھەر قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشىش ۋە رەھمەت ئېيتىش ئۈمىدكە نىسبەتەن يەنە بىر قېتىم باشتىن باشلاش ۋە قايتا قوزغىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرى ئىچىگە چۆكۈپ كېتىشنى خالىمايدۇ.
每一次的获奖与谢幕,对玉米提意味着再一次的归零与重启,因为他不希望一直沉浸在上一次的光环之中。
ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى ساھەلەرنى سىنىشى، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئىشلارنى قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ كىشىلىك ھاياتىنىڭ ھەر بىر باسقۇچى، ھەر بىر يېشىدا يىپيېڭى ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئويلايدۇ.
他之所以不断在尝试新的领域、竭尽全力做不同的事情,是因为想在人生的每一个阶段、每一个年龄段都探索崭新的自己。
دەل مۇشۇنداق بەل قويۇۋەتمەي ئىلگىرىلىگەندىلا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېسىپ ئۆتكەن يولىمىغا نەزەر سالساق، يول بويىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنى كۆرمەي قالمايمىز!
如此坚持走下去,有朝一日回头看看自己的人生,肯定会是多彩斑斓的。
-تامام-
—设置“我从新疆来”为星标—
—点击跳转“我从新疆来”各平台—
باش مۇھەررىر: ئابدۇۋەلى ئابدۇرېشىت، ليۇ مېييى
مۇئاۋىن باش مۇھەررىر: ئەزىز قاسىم، شۈ لۇچى، مۇنىرە ئەنۋەر
بۆلەك مەسئۇلى: شۈ لۇچى، مىرادىل غېنى، مىھراي ئەنۋەر
ئاپتورى:ئايمىھرە ئابدۇۋەلى
تەرجىمىدە: نادىرە، مەريەم، بۇسارەم، ھەبىبە، ئابابەكرى، ئۆمەرجان، كامىلە
كوررېكتور: رۇقىيە ئابدۇراخمان
مىكروفون ئالدىدا: ئەلفىرە ئابدۇغېنى
بەت تەھرىرى: قەلبىنۇر ئەمەر
ئارقا سۇپا خادىمى:ياڭ روچى