家里的花木箱,到底什么来头?
شىنجاڭدەك بۇ بىپايان مۇنبەت تۇپراقتا ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ئۇرۇقى بىخلاپ مېۋە بېرەلەيدۇ، ياغاچ ساندۇقمۇ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقتىن پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرنىڭ بىرى.
ئېيتىلىشىچە، ياغاچ ساندۇق مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭغا سودا يولى ئارقىلىق سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا رۇس ساندۇقى دەپ ئاتالغان.
گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى ياغاچ ساندۇقنىڭ نەقىشى، رەڭلىرى، ئويما-بېزەكلىرى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى كۈنلەردە مۇھىم تويلۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
چوڭلار: «ھەر بىر قىز ياتلىق بولغاندا چوقۇم تويلۇق ساندۇقى بولۇشى كېرەك، بولمىسا تويىدا ئىناۋىتى بولماي، مازاققا قالىدۇ» دەيتتى.
ئەسلىدە، چوڭ ئۆيگە بارغاندا ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ياغاچ ساندۇق دەل ئۇلارنىڭ تويلۇق ساندۇقى بولۇپ، شۇنچە ئەتىۋارلىق بولۇشى ئازراقمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسكەن!
ياغاچ ساندۇقنىڭ تەرەققىياتى
ياغاچ ساندۇق ھەققىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار.
رۇس ساندۇقى شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، بىر قىز ياتلىق بولماقچى بوپتۇ. توي كۈنىنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، بۇ قىز چۈشىدە ئۇنىڭ توي ساندۇقىدىن ئالتۇن نۇر چېچىلغىنىنى كۆرۈپتۇ.
ئۇ شۇئان ئويغىنىپ ساندۇقىغا قارىغۇدەك بولسا، ساپ ياغاچتىن ياسالغان ئاددىيغىنە ساندۇق بوينىنى قىسىپ تۇرغۇدەك، ئۇ ساندۇقىغا قاراپ تۇرۇپ كېتىپ كاللىسىدا بىر ئىشنى قارار قىلغاندەك بولۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، توي قىز چۈشىدە كۆرگىنى ۋە توي كىيىمىدىكى جىيەكنىڭ نۇسخىسى بويىچە، توي ساندۇقىنى بېزىتىش مەقسىتىدە ئۆيگە ياغاچچى تەكلىپ قىپتۇ ۋە نەقىشنىڭ ئۈستىگە كۆز قويدۇرۇپ ئاددىيغىنە ياغاچ ساندۇقنى كۆركەم ھەشەمەتلىك ساندۇققا ئايلاندۇرۇپتۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،رۇس ساندۇقىغا نەقىش ئويۇپ كۆز قويدۇرۇش ئەل-جامائەت ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، بارا - بارا قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ياغاچ ساندۇقىغا تەرەققىي قىپتۇ، شۇنداقلا تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن مەدەنىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان توي جابدۇقىغا ئايلىنىپتۇ.
ياغاچ ساندۇق شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۇرمۇش بۇيۇمى ۋە توي جابدۇقى بولۇپ، ماتېرىيال ۋە نەقىش نۇسخىسىنى تاللاش، ياساشتا ناھايىتى ئىنچىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
ياغاچ ساندۇق ئادەتتە ئاق تېرەك، ئۈجمە دەرىخى قاتارلىق قاتتىق ياغاچلارنى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىپ، دەرەخ يوپۇرمىقى، بادام، گۈل، ئوت - چۆپ قاتارلىقلارنىڭ شەكلىنى نەقىش قىلىپ ئويۇش ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدۇ.
تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياغاچ ساندۇقنىڭ گۈل نۇسخىلىرى دەسلەپكى رەڭلىك سىزمىدىن بارا-بارا ھازىرقى ئويما نەقىشكە ئۆزگەردى.
رەڭلىك سىزما گۈللۈك ساندۇق ئەمدىلا ياغاچتىن شەكىلگە كەلگەن ساندۇقنىڭ ئۈستىگە سىر بىلەن گۈل ياكى نەقىش سىزىپ، ئاپتاپتا قاقلىسىلا پۈتۈپ چىقىدۇ.
رەڭلىك سىزما سىزىلغان ساندۇقلار ياغاچچى، سىرچى ئۇستاملارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان مول تەسەۋۋۇرىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەت بىللە ئىناق ياشاشتەك گۈزەل تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
رەڭلىك سىزما ياغاچ ساندۇق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مىس قاپلىغان ياغاچ ساندۇقنىڭ ياسىلىشى خېلى مۇرەككەپ بولۇپ، ياسىغاندا ئاۋۋال مىس ياپراقچىسى تەييارلىۋېلىپ، ياغاچ ساندۇقنىڭ سىرتقى يۈزىگە مىس ياپراقچىسىنى چاقماق، رومبا، تۆت چاسا شەكلىدە ياپسالاپ مىخلاپ، ساندۇقنىڭ يۈزىدە قارىماققا ناھايىتى سىپتا كۆرۈنىدىغان گۈل نۇسخىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
تەييار بولغان ساندۇق ئادەمگە ھەشەمەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. ياساتقۇچى نۇسخا بۇيرۇتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، نەقىش سىزىش ۋە مىس ياپراقچىسىنى قاپلاش پۈتۈنلەي ياسىغۇچى ئۆزىنىڭ ئىلھامى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان بولۇپ، ھەربىر ياغاچ ساندۇق ئۆزگىچە خاس ئۇسلۇبتا ياسىلىدۇ.
ياغاچ ساندۇقنىڭ تۈزۈلىشى
ياغاچ ساندۇق چاسا شەكىلنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇشقا ئەپلىك. ئالدى يۈزى تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە بولۇپ، ئالدى يۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى كەڭلىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
ئوڭ-سول ئىككى يۈزىگە تۇتقۇچ ئورنىتىلغاچقا، كۆتۈرۈشكە ئەپلىك؛ ئاستىنقى يۈزىگە تۆت تال ياغاچ پۇت ئورنىتىلغان بولۇپ، ساندۇقنى يۆتكىگەندە ساندۇق يۈزىنىڭ سۈركىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئۈستۈنكى يۈزى كۆپىنچە ئەھۋالدا تۈز ۋە يايسىمان ئىككى خىل شەكىلدە بولۇپ، ئۈستىگە يوتقان-كۆرپە يىغىپ قويۇشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، كۆپىنچە ئەھۋالدا ساندۇق ئاغزىنىڭ ئالدى تەرىپىگە يەنە ئۈچ تال دۈگىلەك ۋە سوزۇنچاق كېلىدىغان قۇلۇپ ئورنىتىلغان بولۇپ، شەخسىي بۇيۇملارنى ساقلاشقا ماس كېلىدۇ.
قارىماققا ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنىدىغان ھەر بىر ياغاچ ساندۇقنىڭ نەقىشلىرى ۋە رەڭلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس گۈزەللىك ئىلمېنىتلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
شۇڭا بۇ ساندۇقلار ھەمىشە سىرلىق تۈستە بىزنىڭ قىزىقىشىمىزنى قوزغاپ، ھەر قېتىم كۆرگىنىمىزدە كاللىمىزدا ئىختىيارسىز «بۇ ساندۇقنىڭ ئىچىدە زادى قانداق نەرسە باردۇ؟» دېگەندەك ئويلارنى پەيدا قىلىدۇ.
ياغاچ ساندۇق ۋە قىزلار
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي توي - تۆكۈنلىرىدە، قىز تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىسى ياغاچ ساندۇقنى كەم بولسا بولمايدىغان تويلۇق سۈپىتىدە توي قىز بىلەن بىللە ئوغۇل تەرەپكە ئەۋەتىدۇ.
توينىڭ تۇنجى كۈنى، قىز تەرەپ توي قىزچاققا ئايرىم ئىچكىرى ئۆي تەييارلاپ، تامنىڭ بۇلۇڭىغا بىر ياغاچ ساندۇق قويۇپ، ئۈستىگە قىزنىڭ ئانىسى ئۆز قولى بىلەن تىككەن كۆرپىنى سېلىپ قويىدۇ.
توي قىزچاق كۆرپە سېلىنغان ياغاچ ساندۇق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قولدىشى ۋە دوستلىرىنى كۈتىدۇ. توي قىزچاق تويدىكى مېھمانلار ۋە دوستلىرى سوۋغا قىلغان تويلۇق سوۋغاتلارنى ياغاچ ساندۇقنىڭ ئىچىدە ساقلايدۇ، ساندۇقنىڭ ئىچىدە بۇ سوۋغاتلاردىن باشقا، يەنە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئالدىن تەييارلاپ قويغان تويلۇق كىيىم - كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەتلەرمۇ بار.
توي ساندۇقى كۆپچىلىكنىڭ توي قىزچاققا تىلىگەن تىلىكىنىڭ شاھىتى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى يېڭى توينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى سۈپىتىدە توي قىزچاق بىلەن بىللە گۈزەل توي تۇرمۇشىغا بىرلىكتە قەدەم قويىدۇ.
مەن دائىم مومامدىن ياغاچ ساندۇقتا قانداق ئېسىل نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ:«ھېچقانداق ئالاھىدە نەرسە يوق، شۇ دائىم ئىشلىتىلمەيدىغان شەخسىي نەرسىلەرلا بار» دەيتتى، مەن بۇ گەپلەرگە ئىشەنمەي، ساندۇقنى بىر ئېچىپ كۆرسىتىپ قويۇشىنى ئۆتۈندۈم.
مومام ئاخىرى ماڭا گەپ تېپىپ بېرەلمەي ساندۇقنى ئېچىپ ساندۇقتىكى نەرسىلەرنىڭ قاچان، قانداق كەلگەنلىكىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەردى، مەن ئۇنىڭ بۇ نەرسىلەر توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگىنىنى ئاڭلاشقا بەكلا خۇشتار!
كېيىن ھېس قىلدىمكى، مەن ئاڭلاشقا ئامراق ھېكايىلەر مومامنىڭ ياشلىقتىكى ھېكايىسى ئىكەن ئەمەسمۇ! دېمەك، ياغاچ ساندۇققا تالاي ئاياللارنىڭ ياشلىقتىكى قىزغىنلىقى سىڭگەن بولۇپ، شۇنچە يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ھېلىھەم ئەتىۋارلىنىپ كەپتۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ياغاچ ساندۇقنى تويلۇق قىلىش بارا-بارا ئەمەلدىن قېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە يەنىلا چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مۇھىم توي جابدۇقى، شۇنداقلا يېڭى تويدىكى بەختنىڭ سىمۋولى.
-تامام-
—设置“我从新疆来”为星标—
—点击跳转“我从新疆来”各平台—
باش مۇھەررىر: ئابدۇۋەلى ئابدۇرېشىت، لىيۇۋ مېييى
مۇئاۋىن باش مۇھەررىر: ئەزىز قاسىم، شۈ لۇچى، مۇنىرە ئەنۋەر
بۆلەك مەسئۇلى: ئايتېكىن،مىرادىل غېنى، مىھراي ئەنۋەر
ئاپتورى: رازىگۈل
تەرجىمىدە: كامىلە ھېكىم
كوررېكتور: رىزۋانگۈل سىيىتئەمەر
مىكروفون ئالدىدا: ئاينىگار مەمەت
بەت تەھرىرى:دىلارە خالىق
ئارقا سۇپا خادىمى :چىن جيايىن