塔森江|父母离世,他在乡村靠养小鹅撑起一个家
بۇ تۈرگە
سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى ۋە سىچۈەن خەيخۇي نامراتلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت مەركىزى مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى.
此项目由
招商局慈善基金会和四川海惠助贫服务中心
提供资金支持。
ئۇ كىشىلەرنىڭ پاراڭ ئوبيېكتى ھەم ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى
他是话题的中心也是家庭的中心
يېزا-كەنتلەردە، 30 نەچچە ياشقا كىرىپمۇ توي قىلمىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا كەنتتىكىلەرنىڭ پاراڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى 10-كەنتتىكى تاسىنجان مانا مۇشۇنداق دائىملىق «پاراڭ ئوبيېكتى».
在乡村,30多岁还没结婚的男性往往会成为村里话题的中心。生活在新疆喀什叶城县伯西热克镇10村的塔森江就是这样一位处在“话题中心”的男人。
لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ.
但他至今没有成家背后的原因,却十分令人动容。
تاسىنجاننىڭ ئۆيىدە جەمئىي يەتتە بالا بار بولۇپ، ئۇ بەشىنچىسى ئىدى، ئۈچ ئاچىسى بىلەن بىر ئاكىسى ئىچكىرىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى.
塔森江家里一共有7个孩子,他是第五个孩子,三个姐姐和一个哥哥都在内地定居生活。
يۇرتىدا قالغان ئەڭ چوڭ بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاتا-ئانىسى ئارقا-ئارقىدىن تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، تاسىنجان ئۆينىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. ئۆزى يالغۇز ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. دەل مۇشۇ مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ توي ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە بىر چەتكە قايرىپ قويۇشىغا سەۋەب بولدى.
作为留在家乡最大的孩子,在父母相继去世后,塔森江成为了家中的顶梁柱,独自背负起了照顾弟弟妹妹的重任,也正是这份责任让他将个人的婚姻生活暂时搁置在了一边。
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ تىرىشىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلدى. ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۇ يەر تېرىپ باققان، قوي باققان، ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، ھەتتا ئۆزى سودا قىلىشنى سىناپ باققان.
多年来,他努力维持家庭的生计,涉足多种行业以确保家中的经济稳定。他种过地、放过羊,也曾外出打工,甚至尝试过自己做生意。
ئۆيدىكى ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، تاسىنجان نەچچە يىل ئىلگىرى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، سۈپۈرگە ياساش ۋە غاز بېقىش ئىشلىرىنى باشلىدى.
为了更好地照顾留在家里的弟弟妹妹,塔森江也在几年前回到家乡,开始了制作原始扫把和养殖小鹅的事业。
مەغلۇپ بولغان بولساممۇ، باشتىن كېلىش جۈرئىتىم بار
失败过,但也能重头再来
تاسىنجان ياش ۋاقتىدا ئۈرۈمچىدە چارۋىچىلىق كەسپىنى ئۆگەندى ھەمدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىقتىدارى بىلەن شۇ يەردىن ياتاق تامىقىنى كۆتۈرىدىغان، ئېيىغا 5000 يۈەن مائاش بېرىدىغان خىزمەت تاپتى. بۇ ئۆيدىكىلىرىنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى ياخشى تەمىناتلىق خىزمەت ئىدى.
塔森江年轻时在乌鲁木齐接受了畜牧专业的教育,并凭借自己的技术能力在当地找到了一份月薪5000元且包吃住的工作,这在家人眼里是非常不错的待遇。
لېكىن ئوخشاش ساھەدىكى خوجايىنلارنىڭ بىر قېتىمدىلا قوي سېتىپ نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك كىرىم قىلغىنىنى كۆرگەندە، تاسىنجاندىنمۇ بۇنىڭغا قىزىقىش پەيدا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يۇرتقا قايتىپ ئۆزىنىڭ قوي باقمىچىلىق ئىگىلىكىنى باشلاشنى قارار قىلدى.
然而,看到从事相同行业的老板单次出售一车羊就能赚取十几万,年轻气盛的塔森江心动不已,最终决定回到家乡开始自己的养羊事业。
ئېنىقلا، قوي باقمىچىلىقى ئويلىغاندەك ئاسان ئەمەس. بولۇپمۇ 2014-يىلىدىكى چارۋىچىلىق بازىرى كاسات ھالەتتە بولغاچقا، تاسىنجان قوي باقمىچىلىقىدىن يۈز مىڭ يۈەن زىيان تارتتى. بۇ غايەت زور ئىقتىسادىي بېسىم ئۇنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ، قەرىزلەرنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى.
但显然,养羊事业并非易事,特别是在2014年畜牧市场低迷的情况下,塔森江在养羊上遭受了十万元的亏损。这一巨大的经济压力迫使他不得不重新回到乌鲁木齐打工,以偿还欠下的债务。
تاسىنجان ئەينى ۋاقىتتىكى ئەسلىمىلەرنى ئويلىغىنىدا: «مەن ئۇ ۋاقىتتا ئاران 22 ياش، ماڭا نىسبەتەن يۈز مىڭ يۈەن تېپىش ناھايىتى تەس ئىش، ھەتتا ئۇدا بىر نەچچە ئاي تاماقتىنمۇ قىينالدىم. بىراق ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق مەن ئاخىرى بۇ پۇللارنى يىغىپ قەرزلىرىمنى قايتۇردۇم» دېدى.
回忆起那段经历,塔森江表示,“那时我只有22岁,对我而言,挣到十万元是极为艰难的。我甚至有几个月连基本的饭食都难以保障。但是,通过持续不懈地努力,我最终还是挣回了这些钱,偿还了债务。”
قەرىزنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتا -ئانىسىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ئۆيدىكى ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئۆيگە يىغىلىپ قالغان سۈپۈرگىنى سېتىۋەتتى ۋە بۇ پۇللار ئارقىلىق 300 غاز چۈجىسى سېتىۋېلىپ يېڭى ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىنى باشلىدى.
还完债务后,考虑到父母年事已高,家里还有弟弟妹妹需要照顾,塔森江决定回家,卖掉了家里做好但积压了很久的原始扫把,用这笔钱购买了300只小鹅,开始了新的创业之旅。
تارتقانغا جاپاسىغا يارىشا، نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق بىلەن، 2018-يىلى تاسىنجاننىڭ غاز توپى 700نەچچىگە يەتتى. قارىماققا تاسىنجاننىڭ كەلگۈسى پارلاق نۇرغا تولغاندەك قىلاتتى.
不负众望,经过几年的辛勤工作,到2018年,塔森江的鹅群已经增长到700多只,他的前景看似一片光明。
ئەمما ياخشى كۈن ئۇزۇنغا بارماي، تاسىنجان بىر يامان غەرەزلىك رىقابەتچىگە ئۇچراپ قالدى. بۇ رىقابەتچىسى تاسىنجان تۇرۇشلۇق كەنتتە غاز تۇخۇمى سېتىشقا باشلىدى، باھاسى ئىككى يۈەن ئەرزان بولسىمۇ، ئەسلا تاسىنجاننىڭكىدەك سۈپەتلىك ئەمەس ئىدى.
然而,正当他认为生活即将迎来转机时,却不幸遭遇了恶意竞争。一位竞争者也开始在塔森江所在的村里销售鹅蛋,其价格比塔森江鹅蛋的价格足足低了2元,但质量却远不及塔森江的鹅蛋。
كەنت ئاممىسى ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپىنچە نىسبەتەن ئەرزان مەھسۇلاتلارنى تاللايدۇ، ئەمما سۈپىتىنى ئىنچىكىلەپ سېلىشتۇرمايدۇ. بۇ تاسىنجاننىڭ سۈپەتلىك تۇخۇملىرىنىڭ سېتىلىشىنىڭ بارا-بارا ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.
对作为消费者的村民而言,他们往往倾向于更经济的选项,而不是深入比较质量。这也间接导致塔森江的高品质鹅蛋销量骤减,几乎断了销路。
يېڭى غاز تۇخۇمىنىڭ ساقلاش مۇددىتى ئۇزۇن ئەمەس. ئەگەر داۋاملىق بۇ ھالەتتە تىركىشىۋەرسە، تاسىنجان دەسمايىسىنىمۇ قايتۇرۋالالمايتتى.
新鲜鹅蛋的保质期并不长久,如果继续选择跟竞争者较劲儿,塔森江将赔得血本无归。
بۇ خىرىس ئالدىدا، تاسىنجان ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان مۇئەللىمى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم سورىدى. ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل ئويلاشقاندىن كېيىن، ئۇ 1800 دانە سۈپەتلىك غاز تۇخۇمىنى ئۆزى ئۈرۈمچى بازىرىغا توشۇپ سېتىشنى قارار قىلدى.
面对这一挑战,塔森江联系了他在乌鲁木齐读书时的老师寻求帮助。在认真考虑老师的建议后,他决定亲自将1800枚高质量鹅蛋运送到乌鲁木齐市场销售。
بۇ تەدبىر ئارقىلىق، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ھەر بىر تۇخۇمنى يەتتە يۈەنلىك باھادا مۇۋەپپەقىيەتلىك سېتىپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ غاز چۈجىسى باقمىچىلىق سودىسىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، كەلگۈسى تەرەققىياتقىمۇ پۇختا ئاساس سالدى.
通过这一策略,他最终成功地以每枚7元的价格售出了所有鹅蛋,不仅保住了自己的小鹅养殖生意,也为未来的发展奠定了坚实的基础。
نىشاننى توغرا تونۇپ، دادىللىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش
认准目标,大胆向前
2023-يىلى تاسىنجان ئاتا-ئانىسى قالدۇرۇپ كەتكەن يېرىنى سېتىۋېتىپ، سىڭلىسىنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەملەشتى. ئەسلىدە، ئۇ سىڭلىسىنىڭ تويى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ توي قەسىرىگە قەدەم قويۇشنى پىلانلىغانىدى. ئەمما ئارقىدىنلا، ئىنىسىمۇ ئۈرۈمچىدە توي قىلىش پىلانىنى ئېيتتى.
2023年,塔森江卖掉了父母留给他们的田地,帮衬着妹妹举行了婚礼。原本,他计划在妹妹的婚礼结束后,自己也步入婚姻的殿堂。但随后,弟弟又提出了想在乌鲁木齐结婚并举办婚礼的计划。
ئەينى چاغدا، تاسىنجان ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئۇدا ئىككى قېتىم توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە يار بەرمەيتتى. گەرچە بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ يۈك بولسىمۇ، ئىنىسىنى ئاۋۋال بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاسىنجان قەتئىي ھالدا ئۆزىنىڭ يىغقان بارلىق پۇلى بىلەن ئىنىسىنىڭ تويىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.
当时,塔森江一家的经济条件并不允许连续举办两场婚礼。为了让弟弟先获得幸福,塔森江毅然决定用自己所有的积蓄为弟弟办了婚礼,尽管这对他个人而言是一笔不小的负担。
ئەينى چاغدا ئىنى-سىڭلىسىنىڭ تويىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىكى ھېسسىياتى ئۈستىدە توختالغاندا، تاسىنجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ئىنى ـ سىڭىللىرىم ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، ھېچ بولمىغاندا قېرىنداشلىرىم بەختكە ئېرىشتى، بۇ خۇددى مەن بەختكە ئېرىشكەندەك ئىش».
谈及当时给弟弟妹妹办婚礼的心情时,塔森江笑着说:“我为弟弟妹妹们高兴,至少我的兄弟们得到了幸福,这就像我自己得到了幸福一样。”
ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ توي ئىشىنى ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاسىنجان ئۆزىنىڭ توي ئىشىنى قايتا ئويلاشقاندا، قولىدىكى 1000 دىن ئارتۇق سۈپۈرگىدىن باشقا، ئۇنىڭ يانچۇقىدا ھېچقانچە پۇل قالمىغانىدى.
相继为弟弟妹妹安排好婚事后,当塔森江再考虑自己的婚姻时,除了手上已经做好的1000多个原始扫把外,他的口袋里已所剩无几。
بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، تاسىنجان شىنجاڭ قىزىل تاش خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىگە 10 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش فوندى ئىلتىماس قىلىپ، بۇ مەبلەغ بىلەن 600 غاز بېقىشنى ھەم غاز تۇخۇمى سېتىش ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.
鉴于这些条件,塔森江向新疆红石慈善基金会申请了一万元的创业基金,计划用这笔资金养殖600只小鹅,并通过销售鹅蛋来提高家庭收入。
شىنجاڭ قىزىل تاش خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ بىزگە تاسىنجاننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇلار تاسىنجان ئائىلىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان غاز باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭمۇ غاز بېقىش جەھەتتە مول تەجرىبە توپلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
新疆红石慈善基金会的工作人员也跟我们详细地介绍过塔森江的背景。他们表示,塔森江家族长期从事小鹅养殖,因此他自己也积累了丰富的养鹅经验。
بۇنىڭدىن باشقا، شۇ جاينىڭ غاز تۇخۇمى ئۆزگىچە تەمى بىلەن ساياھەت بازىرىدا ئىنتايىن ئالقىشلىق ئىدى. باھاسىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلاتتى. بۇ ئۇلارنى تاسىنجاننىڭ غاز باقمىچىلىقىدا ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە زور ئۈمىد باغلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
此外,当地的鹅蛋因其独特的味道在旅游市场上极受欢迎,价格相对较高,吸引了众多游客的兴趣,这使得他们对塔森江的小鹅养殖创业项目都抱有很高的期望。
ئەلۋەتتە، بازار ئىستىقبالىدىن باشقا، ئۇلارغا ئەڭ تەسىر قىلغىنى يەنىلا تاسىنجاننىڭ ۋاپادارلىقى ئىدى. ئۇلار تاسىنجانغا ئوخشاش ئەستايىدىل، ئىشچان ھەم ۋاپادار ياشلارنىڭ غاز بېقىش تىجارىتىنى چوقۇم ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
当然,在市场前景外,最让他们触动的还是塔森江的孝心,他们相信像塔森江这样踏实肯干又孝顺的青年肯定能把养小鹅的生意做好。
تاسىنجان باقمىچىلىق لاپىسىدا بىزگە ئۆزى بېقىۋاتقان غازلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ چۈشەندۈرۈپ، ئەگەر بۇ غازلارنى ھازىرلا ساتسا، 10 مىڭ يۈەن پايدا ئېلىپ، تەننەرخنى قايتۇرۇۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
在养殖棚内,塔森江向我们详细介绍了他正在养殖的小鹅。他解释说,如果现在就将这些小鹅出售,他可以赚回1万元,正好收回成本。
ئەمما ئۇ يەنە ئۈچ ئاي سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاشنى پىلانلىدى، شۇ چاغدا بۇ غازلار تۇخۇملاشقا باشلايدۇ. ھەر كۈنى تەخمىنەن 150 غاز تۇخۇمى يىغقىلى، ھەر بىرىنى بەش يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك كىرىمىنىڭ 750 يۈەنگە يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق پايدا ئۈچ ئاي داۋاملىشىپ، خېلى كۆپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.
然而,他计划再耐心等待三个月,届时这些小鹅将开始产蛋。每个鹅蛋可以卖五块钱,每天大约可以收集150个鹅蛋,这意味着他每天的收入将达到750元。这样的收益可以持续三个月,为他带来一笔可观的收入。
بۇ غازلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھەر بىرىنىڭ بازاردىكى ئوتتۇرىچە باھاسى 100 يۈەنگە يېتىدۇ. تەخمىنەن ئالتە ئايلىق باقمىچىلىق مەزگىلىدىن كېيىن، ئۇ 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئېلىشنى مۆلچەرلىدى، بۇ پۇل بىلەن ئۇ توي قىلىشقا ئىشەنچ باغلىدى.
等到这些小鹅长大后,每只的市场均价差不多能达到100元。大约6个月的养殖周期后,他预计将收获20万元左右的收益,有了这些钱,他也有了结婚的底气。
ئايرىلىش ئالدىدا، بىز تاسىنجاننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەن تۇرمۇشىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى خىرىسلارنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ كەچۈرمىشلەرگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ بىر قانچە يىللىق كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتقانلىقىنى ئېيتتى.
在临别之际,我们询问塔森江这些年所经历的生活波折和创业挑战,以及他是如何看待这些经历的。他表示,这些年的经历对他而言是宝贵的财富,也让他认识到了明确目标的重要性。
«ھەرقانداق ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئېنىق بىر نىشان بېكىتىش كېرەك. جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىشقا، تەۋرىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت قەتئىي ۋە يۈرەكلىك ھالدا تىرىشقاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ».
“在开始任何事情之前,都需要设定一个清晰的目标。不能随波逐流,也不应摇摆不定。只有坚定并大胆地去努力,才能取得成就。”
ئاخىرىدا تاسىنجان يەنە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئارزۇسىنى ئورتاقلاشتى: «مېنىڭ بىر نىشانىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئىگىلىكىمنى داۋاملىق زورايتىش. مەن بۇ يۆنىلىشكە قاراپ ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمەن. گەرچە ھازىرقى ئىلگىرىلەشلەر قارىماققا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئائىلەم، ئىنى -سىڭىللىرىمنىڭ تىنچ-مۇقىم تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى بولۇپ قالدى. ئەگەر ھەممە ئوڭۇشلۇق بولسا، ئىشىنىمەنكى، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، كەسپىمدە كۆپ يۈكسىلىش بولىدۇ.»
最后,塔森江还分享了他的未来愿景:“我有一个目标,那就是将自己的事业做大做强。我正朝着这个方向不断努力前进。虽然目前的进展可能看起来微不足道,但它已经开始为我的家庭带来帮助,确保我的弟弟妹妹们能过上安稳的生活。如果一切顺利,我相信在不到两年的时间内,我的事业将会蒸蒸日上。”
*تەرجىمە گۇرۇپپىمىزدىكى ئۈمىدە پولات، يۇلتۇزئاي ئەمەت قاتارلىق خادىملار بۇ ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا كۈچ قوشقان.
*维汉翻译组成员吾米旦·甫拉提、尤丽图孜阿依 ·艾麦提对本文亦有贡献。
-تامام-
نۇرئامىنە | بالىلىرى ئۈچۈن دەس تۇرغان ئانا
ئابدۇقەييۇم | ئۇ تاماق يەتكۈزگۈچىلا ئەمەس مۇھەببەت يەتكۈزگۈچىدۇر
—设置“我从新疆来”为星标—
—点击跳转“我从新疆来”各平台—
باش مۇھەررىر: ئابدۇۋەلى ئابدۇرېشىت، لىيۇۋ مېييى
مۇئاۋىن باش مۇھەررىر: ئەزىز قاسىم، شۈ لۇچى، مۇنىرە ئەنۋەر
بۆلەك مەسئۇلى: شۈ لۇچى، مىرادىل غېنى، مىھراي ئەنۋەر
زىيارەتتە: ئابدۇۋەلى ئابدۇرېشىت
ئاپتورى : شۈ لۇچى
تەرجىمىدە: نۇرنىسا، بۇھەجەر، ئەرشىدىن، ئۆمەرجان مەمەتئېلى
كوررېكتور: ئۆمەرجان مەمەتئېلى
مىكروفون ئالدىدا :پەخىرە پەرھات
بەت تەھرىرى :مۇخپۇل قۇربان
ئارقا سۇپا خادىمى :چىن جىيايىن