تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

时事   2024-10-31 21:20   北京  

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: پۈتۈن دۇنيادا تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك مىساللىرىدا كۆزىتىش-ئۆلچەش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

 دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلغان «2024-يىللىق دۇنياۋى تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى دۇنيا بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىدا 1995-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا بويىچە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى باشلىغاندىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان بولۇپ، تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى يەنە بىر قېتىم دۇنيا بويىچە بىرىنچى نومۇرلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىككە ئايلانغان.

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023 ـ يىلى پۈتۈن دۇنيادا تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالى 8 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 2022 ـ يىلىدىكى 7 مىليون 500 مىڭغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. 2023 ـ يىلى پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 10 مىليون 800 مىڭغا يەتكەن، تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىگە ئالاقىدار ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 250 مىڭ كىشى بولغان.

 دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى ئاغرىقلىرى ئىچىدە ئەر ئاغرىقلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 55، ئاياللار 33، بالىلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر 12 بولغان. يېڭىدىن پەيدا بولغان تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى ئاغرىق مىساللىرى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش، ئىسپىرت ئىشلىتىش توسالغۇغا ئۇچراش، تاماكا چېكىش ۋە دىيابېت كېسەللىكىدىن ئىبارەت بەش چوڭ خەۋپ-خەتەر ئامىلىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان.

 دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردىكى بارلىق تۇبېركۇليۇز كېسەللىكى ئاغرىقلىرى ئائىلىسى ئىچىدە، تەخمىنەن يېرىمغا يېقىن ئائىلىنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تەننەرخى ئائىلە يىللىق كىرىمىنىڭ 20 ىدىن ئاشقان. بۇ دوكلاتتا بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ تۇنجى قېتىم مۆلچەرلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت


ئىلگىرىكى خەۋەرلەر:

بۇ ياپونىيەنىڭ ئىچكى ئىشى

خې ۋېنجۇڭ قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى

جەمئىي 16 مىليارد 60 مىليون يۈەن قايتۇرۇۋېلىندى

جۇڭگو جىددىي ياردەم قىلدى

مەركەزنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئامېرىكا، كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

شىخەنزە داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تەكشۈرۈلدى

ئەڭ يېڭى ئېلان: 40 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ!

فىلىپپىننىڭ كېمىسى جۇڭگونىڭ پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتىمۇ؟

ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆلەپ تۇرۇش چېكى 500 مىڭ يۈەن بولىدۇ

زۇلھايات ئىسمايىل ئۆلكە ھالقىپ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مۇددىتى ھەققىدە

人民网维吾尔文版
人民网 维吾尔文版 / 报道全球,传播中国,介绍新疆/ ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاخبارات تورى __ خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
 最新文章