كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
32 | 31 | |||
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
33-قىسىم
33 – قىسىم
يەنە بىر قېتىملىق قىز - يىگىت ئۇچرىشىشى
ئاخىرىدا يەنىلا تاشلاشقا كۆزى قىيمىدى.
مۇنىرە ئەينى يىلى بىر ئايلىق مائاشىغا سېتىۋالغان يانفونىنى ئېلىپ، سائەت ئالتىدىن بۇرۇن ئاپىسى ئېيتقان رۇڭشىن مېھمانسارىيىغا يېتىپ كەلدى.
- نېمىشقا تۇيۇقسىزلا ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، بۇنداق ئېسىل مېھمانسارايغا كېلىشكە كۆزى قىيىپ قالغاندۇ...
ئۇ بىر تەرەپتىن پىچىرلاپ، بىر تەرەپتىن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ تېلېفون قىلىپ:
- ئاپا، مەن كەلدىم، سىلەر نەدە؟ - دەپ سورىدى.
تېلېفوننىڭ يەنە بىر تەرىپى بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ، خۇددى ۋارقىرىغاندەك ئاۋازلار ئاڭلاندى، ئاپىسىنىڭ ئاۋازىمۇ يۇقىرىلاپ:
- كەلدىڭىزمۇ؟ ئەمىسە ئالدى سۇپىدا ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن سىزنى ئالغىلى ئادەم ئەۋەتەي. - دېدى.
مۇنىرە تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، مېھمانخانىغا گۇمان بىلەن قاراپ قويدى، بۈگۈن كەچ زادى قانداق يىغىلىش باردۇ؟ شۇنچە قىزىپ كەتكۈدەك دەپ ئويلىدى.
شۇلارنى ئويلاۋاتقاندا، بويى بىر مېتىر 70 سانتىمېتىردىن ئاشىدىغان، تېرىسى قارامتۇل بىر ئەر كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدى.
شۇنداق، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈۋاتاتتى.
ئەر ناھايىتى ئەدەپلىك، قاش - كۆزلىرى قويۇق، كۈلۈشلىرىدىن ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنەتتى.
- مۇنىرەمۇ؟ مەن ئەمەت بولىمەن، كىچىك ئاپام سىزنىڭ ھاممىڭىز بولىدۇ، - دېدى.
كىچىك ئاپام سىزنىڭ ھاممىڭىز بولىدۇ؟؟؟
بۇ گەپ مۇنىرەنىڭ كاللىسىدا قايتا ئەكس سادا پەيدا قىلىپ، ئاخىر مەلۇم بىر نەرسىگە يەنى لايىق تونۇشتۇرۇش ئوبيېكتىغا كېلىپ توختىدى.
مۇنىرەنىڭ چىرايى بىرئاز كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، بىلىنەر-بىلىنمەس قارىداپ كەتتى، ئىچىدە <ناھايىتى ياخشى، ئويلىمىغان يەردىن دەپمۇ قويماي كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، يەنە تېخى ئالداپ بۇ يەرگە كېلىپ كەپتۇ> دېگەنلەرنى ئويلىدى.
- ياخشىمۇسىز. - ئەمەت بېشىنى لىڭشىتىپ، قولىنى ئالدىغا سوزۇپ، - ماڭايلى، ئىشتىن چۈشۈپ ھېرىپ قالغانسىز، دەرھال بېرىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋېلىڭ، - دېدى.
مۇنىرە لەۋلىرىنى چىڭ يۇمدى، قارشى تەرەپنىڭ قىزغىنلىقى ئالدىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى زادىلا ئېيتالمىدى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقۇسى يوقلۇقىنى تېخىمۇ دېيەلمىدى، بىر نەچچە سېكۇنت ئىككىلەنگەندىن كېيىن يەنىلا سۈكۈتكە چۆكتى، ئەمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورۇن تېپىپ ئولتۇردى.
ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى، ئەمما قارشى تەرەپ سۆزمەنلىك قىلىپ:
- بۇ شەھەر بىلەن Y ناھىيەسى ناھايىتى يېقىندەك قىلسىمۇ، ماشىنا بىلەن كېلىشكە بىر نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن، كەلگەن ۋاقتىمدا Y ناھىيەسىگە يۇقىرى سۈرەتلىك پويىز ئىستانسىسى قۇرۇلغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم، ئۇ چاغدا نەچچە ئون مىنۇتنىڭ ئىچىدە كەلگىلى بولىدۇ، ھەر كۈنى خىزمەتكە بېرىپ-كېلىپ ئىشلىسىمۇ بولغۇدەك. - دېدى.
- ھىم، ئاڭلىسام سىز Y ناھىيەسىدە مەمۇر ئىكەنسىز... ئۇنداقتا نېمىشقا ھەر كۈنى ئىككى ناھىيە، شەھەرگە بېرىپ كېلىسىز؟ - دېدى مۇنىرە گەپ باشلاپ، - ئىككى جاينىڭ خىزمەت ئىشىدا زۆرۈر ئالاقە مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئەمەت ئۇنىڭغا ئەركىلەتكەندەك قاراپ قويۇپ:
- بۇنىڭدىن كېيىن زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. - دېدى.
مۇنىرە يېنىك تىترەپ كەتتى، دەسلەپتە كۆرگەن چاغدىكى كىچىككىنە قىزىقىشمۇ پۈتۈنلەي يوقىدى.
بۇ گەپكە قارىتا باشقا گەپ قىلمىدى.
- سۈرەتكە قارىسام بەك ئورۇق كۆرۈنگەن، ئەمەلىيەتتىمۇ بەك ئۇرۇق ئىكەنسىز ، نېمىشقا كۆپرەك يېمەيسىز؟ - دېدى ئەمەت.
مۇنىرە يېقىندىن بۇيان سەل سەمرىپ، قوش ئىڭىكىمۇ چىقىپ قالغانىدى.
مۇنىرە كۆزلىرىنى ئالايتىش ئىستىكىدىن ئۆزىنى ئاران تەستە تۇتۇۋېلىپ، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن:
- ئورۇقراق بولسا كىيىم كىيسە يارىشىدۇ، ئورۇقراق بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن. - دېدى.
ئەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بىر ئۇستىخان، بىر تېرە بولسا نەدىمۇ چىرايلىق بولسۇن، مېنىڭچە سىز يەنە ئون جىڭ سەمرىسىڭىز ياخشى بولغۇدەك، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك يەڭ، نېمە يېگۈڭىز كەلسە شۇنى يەڭ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى كونترول قىلىمەن دەپ تۇرۇۋالماڭ، - دېدى.
مۇنىرە ئىچىدە <سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى تاماقنى يەمدىم؟ سىزنىڭچە مەن قانچە جىڭ سەمرىسەم بىر قەدەر چىرايلىق كۆرىنىمەن؟ تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمىزنىڭ يۈزىنى قىلاي، بوپتۇ. ئاكا، تەلەپ قويسىڭىز بولىدۇ، قانداق تەلىپىڭىز بولسا قويۇۋېرىڭ، سىڭلىڭىزغا قۇيىدىغان تەلىپىڭىزنىڭ ھەممىسىنى قويسىڭىز بولۇۋېرىدۇ!> دېگەنلەرنى ئويلاپ:
- كەچۈرۈڭ، مېنىڭ ئىشتىھايىم ياخشى ئەمەس،- دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئەمەت قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- خىزمىتىڭىز بەك جاپالىقمۇ؟ ھاممامدىن ئاڭلىسام سىز بەك جاپالىق ئىشلەيدىكەنسىز، يەنە تېخى دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەنسىز... قىز بالا ئۇنداق جاپا تارتمىسىمۇ بولىدۇ، ئۇنچە جاپا تارتىپ نېمە قىلىدۇ، يېنىكرەك خىزمەت تېپىپ، 9 دىن 5 كېچە ئىشلەپ، قالغان ۋاقتىنى ئائىلىسىگە قارىتىشى كېرەك، - دېدى.
مۇنىرەنىڭ تىزىغا قويۇلغان قولى چىڭ تۈگۈلدى، يۈزىدىكى تەبەسسۇمى تولغىنىپ، ئارقا ئېزىق چىشى چىڭ چىشلدى.
بۇ گەپكە چىدىسۇنمۇ ياكى چىدىمىسۇنمۇ؟
- راستىنى ئېيتسام، قىزلار بۇنداق جاپا تارتمىسىمۇ بولىدۇ، مېنىڭچە قىزلار بويتاق چاغلىرىدا ئۆزىنى باقالىسىلا بولدى، ئەگەر توي قىلىپ قالسا تېخىمۇ جاپا تارتمايدۇ، پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىش ئىشىنى ئەرگە تاپشۇرۇپ، ئۆزى ئۆيدە بالا بېقىپ، بازار ئايلىنىپ كۆڭۈل ئاچسا ياخشى. - دېدى ئەمەت.
تازىمۇبىر، ئەمدى چىدىمىدى!
مۇنىرە قەددىنى رۇسلاپ كەينىگە داجىدى ۋە كۆزلىرىنى سەل-پەل قىسىپ:
- ئەمەت ئەپەندى، ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ ھازىرقى مائاشىڭىز قانچە ئىكەنلىكىنى سوراپ باقسام بولامدۇ؟ - دېدى.
- نېمە ئۇ ئەمەت ئەپەندى دېگەن؟ مېنى ئەمەت ئاكا دەپ چاقىرسىڭىز بولىدۇ، - دېدى ئەمەت كۈلۈپ قويۇپ، مائاشىغا ئىشەنچ باغلاپ، - مائاشىم ئانچە يۇقىرى ئەمەس، لېكىن يىللىق مۇكاپاتلار بىلەن تەخمىنەن 80 مىڭ يۈەن، باشقا پاراۋانلىق تولۇقلىمىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يۇقىرىمۇ ئەمەس، تۆۋەنمۇ ئەمەس. - دېدى.
مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بولىدىكەن، ئايلىق مائاشقا سۇندۇرغاندا يەتتە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئۇنداقتا سىز بىر بالىنى بېقىشقا قانچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
- بىر ئايدا ئۈچ مىڭ يۈەن بولسا يېتىدىغاندۇ، - دېدى ئەمەت.
مۇنىرە كۆزىنى لاپپىدە كۆتۈرۈپ:
ـ ھازىرچە يېتىدۇ دەپ تۇرايلى، يەنە 4000 يۈەن قالدى، بىر ئايلىق ئائىلە چىقىمىغا قانچىلىك كېتىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئىككى مىڭ يۈەن بولسا ئېشىپ قالدى، يەنە ئىككى مىڭ يۈەننى ئامانەت قويغىلى بولىدۇ. - دېدى ئەمەت كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇمۇ تەييارلىق بىلەن كەلگەندەك قىلاتتى، - ئۆي، ماشىنام بار، قەرز قايتۇرىدىغان ئىش يوق، - دېدى.
مۇنىرەمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر سوئالنى سورىدى:
- ئۇنداقتا سىز بىر قىزنىڭ بازار ئايلىنىشقا بىر ئايدا قانچىلىك پۇل كېتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
ئەمەتنىڭ پەرەز قىلىشىنى ساقلىماي، گەپنى ئېنىق ئۇرغۇلۇق قىلىپ:
- مېنىڭ ئايلىق مائاشىم 6000، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 2000 يۈەننى ئامانەت قويالمايمەن. ئەلۋەتتە سىزمۇ خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، مەن سىزگە ھېسابات قىلىپ بېرىپ، سىزنى ئاز تاپىدىكەن دېگەنلىكىم ئەمەس، بەلكى سىزگە كۆپىنچە ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى پۈتۈن كۈنلۈك ئائىلە ئايالى قىلىپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلالمايدىغانلىقىنى دەپ قويماقچى، ھېچ بولمىغاندا يىللىق مائاشى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشمىغانلا ئەسلا قىلالمايدۇ. - دېدى.
ئەمەت ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئوچۇق-ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىنغان مەسخىرىنى چۈشىنىپ، گەپ-سۆزلىرى قاتتىقلىشىپ:
- ناھىيەمىزدە ئايلىق مائاشى 3000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىغان ئائىلىلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇلار يەنىلا بىر ئوبدان ياشاپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ مائاش سەۋىيەمنى دېمەيلا قويايلى، قالايمىقان پۇل خەجلىمىسەملا يېتىپ ئاشىدۇ، - دېدى.
- قالايمىقان پۇل خەجلەش دېگەن نېمە؟ - دېدى مۇنىرە.
- سېتىۋېلىش زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماسلىق، مەسىلەن گىرىم بۇيۇملىرى دېگەندەك، بىر يۈرۈشى نەچچە مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغىنى سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ؟ - دېدى ئەمەت.
مۇنىرە دىمىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:
- ناھايىتى ئەپسۇس، مەن ئىشلىتىدىغان بىر بوتۇلكا جەۋھەرنىڭ ئۆزى 500 نەچچە يۈەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭچە بۇنى سېتىۋېلىشىم ناھايىتى زۆرۈر. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى بولىدۇ، بۇ يەردە قالايمىقان پۇل خەجلەش دېگەن ئۇقۇم يوق. - دېدى.
ئەمەت ئالدىغا ئېڭىشىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئاڭسىز ھالدىكى ھۇجۇم قىلىش قىياپىتى بىلەن:
- بولىدۇ، بولىدۇ، مەن سىز بىلەن بۇلارنى تالاشمايمەن، قورۇما ھازىرلا چىقىدۇ، باشقا ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشايلى ، - دېدى.
يەنە پاراڭلىشىۋاتامدۇ؟
مۇنىرە قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- ئۈچ خىل قارىشىمىز ماس كەلمەيدىكەن، مېنىڭچە پاراڭلاشقۇدەك ئىشمۇ قالمىدى، - دېدى.
ئەمەت قاپىقىنى تۈرۈپ، ئاخىرى يەنىلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، قايتىدىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بۇ كىچىك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بىزنىڭ شارائىتىمىز ئاساسەن ئوخشاپ قالىدۇ، يەنىمۇ چۈشىنىشىپ باقايلى، بەلكىم بىر-بىرىمىزنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەرىپىمىزنى بايقىيالىشىمىز مۇمكىن.
قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئالايىتەن Y ناھىيەسىدىن كەلدىم، يەنىلا چىرايلىق ئولتۇرۇپ، چىرايلىق قايتايلى، سىزنىڭچە توغرىمۇ؟ خاپا بولماڭ، مېنىڭ خاتا بولمىغان تەقدىردىمۇ، مەن ھەرگىز سىز بىلەن تەڭ بولمايمەن، - دېدى.
بۇ گەپ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۇردى!
مۇنىرە ئۈستەلدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بولىدۇ. - دېدى.
ئىچىدە بولسا <مۇنىرە سەت گەپ قىلما، چىداپ تۇر، ئەدەپسىزلىك قىلساڭ بولمايدۇ.> دېدى.
قورۇما ئاخىرى چىقتى، ئىككى قورۇما، بىر شورپا، بىر قورۇما ئاچچىق چۆچۈك راك، يەنە بىرسى مۇچ بىلەن قۇرۇلغان ئۈچەي قورۇمىسى ، يەنە بىرى ئاچچىق كاۋا شورپىسى، يەنە ئىككى كىشىلىك گاڭپەن بىلەن تۈگىدى.
مېھمانساراينىڭ تاماقلىرى كوچا دوقمۇشىدىكى ئاشپۇزۇلنىڭكىدەك كۆپ پەرقلەنمەيتتى، شورپا قاچىسى چوڭ بولغاندىن باشقا، قالغان ئىككى خىل قورۇما تەخسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئازراق چىقاتتى، تولىمۇ ئاز ، بىچارە كۆرۈنەتتى.
بۇنچىلىك قۇرۇمىنى مۇنىرە ئۆزى يالغۇز يېسىمۇ تويمايدۇ.
ئەمەت قىزغىنلىق تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىچە قىزىقچىلىق قىلىپ:
- تېزراق يەڭ، تاماق جىددىيلىكنى پەسەيتىدۇ، ئاۋۋال يەيلى، يەتمىسە يەنە بۇيرۇتايلى ، - دېدى.
قۇرۇمىنىڭ مىقدارى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن تېز يېسە، ئون مىنۇتتىلا تۈگەيتتى.
مۇنىرە ئەمەت چوكىنى قويۇشىغىلا، مۇلازىمنى چاقىرىپ كېلىپ ھېسابات قىلماقچى بولدى، ئۇنىڭ پۇل تۆلىگەن ھالىتى ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، ئەمەتكە توسۇشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى.
جەمئىي 108 يۈەن بولغان بولۇپ، مۇنىرە مۇلازىمغا 60 يۈەننى سۇنۇپ:
- بۇ ئەپەندى ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز تۆلەيمىز، قالغىنىنى ئۇ تولۇقلاپ بەرسۇن. - دېدى.
گېپىنى تۈگىتىپ ئەمەتكە قاراپ:
- كەچۈرۈڭ، سەل بىئارام بولۇۋاتىمەن، قايتىپ ئارام ئالاي، - دېدى - دە سومكىسىنى كۆتۈرۈپلا ، ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىنى داسىلىدىتىپ دەسسەپ ھەيۋەتلىك كېتىپ قالدى.
ئەمەت مۇلازىم تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، كەينىدىن مېڭىپمۇ يېتىشەلمىدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar