تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 29-قىسىم_ ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشتى

文摘   小说   2024-12-08 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق 78-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221



2726


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

29-قىسىم

   

ئاسقۇ 3تال 9.9 يۇەن



----------------------




29 -قىسىم 

 ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشتى


ئاپىسى ئۇنىڭدىن بەكرەك خاپا بولۇپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ:

   -  ئاۋۋال سۈرەتنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقسىڭىز نېمىشقا بولمايدىكەن؟ ! ئۆزى تاپارمىش، بۇنداق گەپنى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاڭلاپ قۇلىقىم قاداقمۇ بولۇپ كەتتى، بىرەرسىنى باشلاپ كەلدىڭىزمۇ؟ - دېدى.

كىمنىڭ قۇلىقى قاداق بولۇپ كەتتى؟ !

مۇنىرەنىڭ ئاچچىقىدا كاللىسى غۇڭۇلداپ، قولىدىكى خالىتىنى كۆتۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

داستىخاننى كىرئالغۇغا تاشلاپ، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قۇيغاندىن كېيىن،  قاپىقىقىنى پاققىدە يېپىپ، كىرئالغۇنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ساقلاپ، يەنە بىرنى تەپتى.

  -  تازىمۇبىر...

مۇنىرە يېزىلىقلارنى كەمسىتمەيدۇ، لېكىن ئۇ ئازراقمۇ ئارىلىق ساقلىمايدىغان، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان كىشىلەرگە ئۆچ.

مەسىلەن ماۋۇ ھاممىسىدەك .

كىچىك ۋاقتىدا بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، موما يېيىشنى ياقتۇرمايتتى، بۇ ھاممىسى ئۆزى پىشۇرۇغان مومىنى ئۇنداق ياخشى ، بۇنداق يېيىشلىك دەپ چوقۇم يېيىشىڭىز كېرەك دەپ تۇرۇۋالاتتى، كېپىنەك  شەكىللىك چاچ قىسقۇچ تاقاشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، نەۋرە ئاچىسىنىڭ چاچ قىسقۇچىنى بۇلاپ ئەكېلىپ تاقاپ قوياتتى، قۇچاقلاشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، تاغىسىنى قۇچاقلاپ قويۇڭ دەيتتى...

بۇلارنىڭ ھەممىسى  ھاممىسىنىڭ ياخشى كۆڭلى، لېكىن باشقىلارنىڭ ياخشى نىيىتى بولغىنى بىلەن، ئۇ  بىئارام بولسا قانداق بولىدۇ.

شۇڭا ئۇ پەقەت ھېيت-بايراملاردا كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، كۆپچىلىك ئىناق ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدۇ، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك.

  -  ئۇنىڭمۇ ياخشى كۆڭلى، ئاچچىقلىنىشقا بولمايدۇ، بۈگۈن ئۈچىنچى كۈن،  ئەتە چوقۇم قايتىپ كېتىدۇ  ... - دېدى مۇنىرە ئۆز - ئۆزىگە.

ئەتىسى مۇنىرە قولىدىكى ھۆججەتنى ئۇدۇلدىكى غۇنچەمگە ئۇزارتىپ:

   -  گەرچە ئىمزا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈستىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەڭشەلدى، سىز باش دىرېكتورغا كۆرسىتىپ يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۋېتىپ، ئاندىن سېتىۋېلىش بۆلۈمىگە بېرىپ ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۋېتىڭ، - دېدى. 

غۇنچەم كۈندىلىك مەلۇمات جەدۋىلىنى ئىشلىتىۋېتىپ ، ئاندىن بارماقچى بولۇپ، بېشىنى لىڭشىتىپ ئېلىپ ئۈستەلنىڭ بۇلۇڭىغا قويۇپ:

   -  مۇنىرە ئاچا، مەن بۇ مەلۇمات جەدۋىلىنى ئىشلەپ بولۇپ ئاندىن باراي ، - دېدى. 

مۇنىرەنىڭ قاچان بېرىشى بىلەن كارى يوق، ئىشقىلىپ  بىر-ئىككى سائەتكىچە ئالدىرايدىغان ئىشىمۇ ئەمەس، ئۇ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاچ:

   -  ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن بىر تەرەپ بولسىلا بولىدۇ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم، كەچتە شىركەتكە قايتمايمەن، ئەتە كۆرۈشەيلى.  - دېدى.

ئاينۇر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ:

   -  بېرىڭ، بېرىڭ، بۇ ئالدىراش كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشىپ قالار، - دېدى. 

مۇنىرە ئۆزىنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ:

   -  ئاخىرى ئازاب دېڭىزىدىن قۇتۇلۇپ، ئىشلار ئىزىغا چۈشىدىغان بولدى، - دېدى. 

ئۇمۇ ئىككى ئوتتۇرىدا يۈگۈرۈپ بەل- پۇتلىرى تارتىشىپ، كۆپ چارچىدى.

ئەمما ئىشنىڭ تۈگىشىشىگە ئەگىشىپ، نادىرغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشىغا  سەل قارىمىدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۆينىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تازىلاپ بولغان مۇنىرە ئاچقۇچنى  سوغۇققان نادىرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئاندىن ئازراق ئېگىلىپ تۇرۇپ:

- يېقىندىن بۇيان  ھالىمدىن  خەۋەر ئالغىنىڭىزغا رەھمەت. - دېدى.

ئاندىن    ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئېيتىپ ئاخىرلاشتۇردى.

 بىر تىزىق ئاچقۇچ ئالىقىنىغا چۈشكەن نادىر بىر بارمىقىغا كىرگۈزۈپ  تۇتۇپ، بىردىنلا ياش يىگىتلەردەك بارماقلىرىنى ئوينىتىپ:

  -  مۇھىم ئىش ئاخىرى پۈتتى، بىرەر رومكا ئىچەمدۇق؟  - دېدى.

مۇنىرە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى.

بىرەر رومكا ئىچەمدۇق؟

مۇنىرە زادىلا ئىچەلمىسىمۇ،   راستتىنلا ئىچكىلى باردى. 

ئانچە چوڭ بولمىغان مۇزىكىلىك كۇلۇبقا باردى، مۇزىكىسىمۇ ئاستا بولۇپ، بىر قىز گىتارنى قۇچاقلاپ ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى.

قىزچاقنىڭ يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس بولۇپ، 20 نەچچە ياشقا كىرگەندەك قىلاتتى، ناخشىسىدا بىر خىل سۈكۈت بار ئىدى.

- ئۇ قىز 14 يېشىدىن باشلاپ گىتارنى قۇچاقلاپ سىرتتا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. - دېدى كۇلۇب  خوجايىنى ئەمدىلا تەڭشەلگەن بىر ئىستاكان ئىللىق ئىچىملىكنى ئىتتىرىپ، قىزغا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرغان مۇنىرەگە قاراپ،   -  ئۇ سىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولۇشى مۇمكىن، - دېدى. 

مۇنىرە كەينىگە بۇرۇلۇپ، رومكىنى قولىغا ئېلىپ:

- مەن ئۇنى كۆرگەن.  - دېدى.

بۇ قېتىم كۇلۇب خوجايىنى ھەيران بولۇپ:

  -  سىرتتىمۇ؟  - دەپ سورىدى.

  -   ھىم، - دېدى مۇنىرە رومكىغا تىكىلىپ، خىرە چىراغ نۇرى سۇيۇقلۇقتا ئەكس ئېتىپ، رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى، ـ تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئۇنى ئىزدەپ كەپتىكەن، ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى ئۆتۈندى، ئەمما ئۇ ئۇنىمىدى،  شۇڭا ئۇ ئېسىمدە قالغان، - دېدى. 

كۇلۇب خوجايىنى كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  سىزنىڭچە ئۇ رەھىمسىزلىك قىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

مۇنىرە بېشىنى چايقاپ، رومكىنى كۆتۈرۈپ بىر يۇتۇم ئىچتى.

 ئېغىزىغا كىرگەندىن كېيىن ئازراق تاتلىق ھەم ئاچچىق تېتىدى، پىۋىدىن تەملىك بولغىنى بىلەن، ئەمما ئىچىشلىك ئەمەس ئىدى.

- ئۇ بەك قالتىس، مەن ئۆگىنىپمۇ ئۆگىنىپ بولالمايمەن. - دېدى مۇنىرە. 

كۇلۇب خوجايىنىنىڭ كۆزلىرى قىسىلدى، 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر كۈلسە ھەممىشە ئىنچىكە قۇرۇقلار پەيدا بولۇپ، باشقىچە سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ:

   -   ياش تۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە بەك بېسىم قىلىۋالماڭ. - دېدى  كۇلۇب خوجايىنى.

مۇنىرە گەپنى ئاڭلىيالماي، رومكىنى كۆتۈرۈپلا ئىچىپ، پاققىدە قويۇپ:

  -  يەنە بىر رومكا بېرىڭ!  - دېدى.

بۇ ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى رومكا ئىدى، خوجايىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قاراپ چىقىپ،  مۇنىرەنىڭ يېنىدىكى نادىرغا قارىدى، نادىر  بېشىنى سەل-پەل لىڭشىتقاندىن كېيىن،  يەنە بىر رومكا تەڭشەپ بەردى.

بۇ ئىچىملىكنىڭ كۈچى زور بولۇپ، ئۈچىنچى رومكىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، مۇنىرە پوكەي ئۈستىدىلا يېتىپ قالدى.

كاللىسى ئۇچۇق بولسىمۇ، كۆز ئالدى بىر ئاز غۇۋالاشتى.

ئۇ بېشىنى بىر تەرەپكە بۇراپ،  بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان نادىرغا تىكىلىپ قارىدى.

گەرچە بىللە   ئىچكىلى كەلگەن بولسىمۇ، نادىر ئەپەندى يەنىلا سوغۇققان ھالىتىنى ساقلاپ، ئۆزى يالغۇز   ئىچىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىدى.

نادىرنىڭ  چىراي ئىپادىسى ئادەتتىكىدىن خېلىلا بوشاپ قالغان بولۇپ، يېنىك قىسىلغان كۆزلىرى، پۈتۈن بەدىنىدىن ئۇرغۇپ چىققان سالاپىتى بىلەن تېخىمۇ كېلىشكەن كۆرۈندى.

مۇنىرە مەجنۇنلارچە تىكىلىپ قاراپ ھەقىقەتەن كېلىشكەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

سوغۇققان نادىر تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ:

   -  نېمىنى كۆردۈڭىز؟  - دەپ سورىدى.

مۇنىرە ئۈستەلدىكى يۈزىنى كۆتۈرۈپ، بېشىنى چايقاپ:

   -  كۆرەلمىدىم، - دېدى.

  -   ئۇنداقتا كۆزىڭىزنى يۇمۇپ بىردەم ئۇخلاڭ. - دېدى نادىر. 

  -   ھە. - مۇنىرە  ماقۇل بولدى، لېكىن يەنىلا كۆزىنى يۇممىدى. نادىرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي  خىيالىنى سۈردى.

ئەپسۇس بىردەمدىن كېيىن ئىچكەن ئىچىملىكنىڭ كۈچى مۇنىرەنىڭ بېشىغا چىقىپ، بىر جۈپ لامپۇچكىدەك كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ، كېلىشكەن يىگىتكە قاراپ ۋاتىلداشقا باشلىدى، يەنە كېلىپ، نادىرنى  ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  -    قېرىشقاندەك مەن ياخشى كۆرىدىغان ئادەم نېمىشقا دوستۇمنى ياخشى كۆرىدۇ؟ قانداق قىلىپ ياخشى دوستۇمنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستىغا ئۇچراپ قالىمەن؟ بۇ زادى قانداق تەلەي ... 

 يەنە ھېلىقى خوجايىنمۇ بار،  نېمىشقا دائىم مېنى ئورىغا ئىتتىرىدۇ! 

 مېنى نېمانچە نەس باسىدۇ؟ دەڭە، ھەي، نادىر ئەپەندى، ماڭا قاراڭ، ماڭا قاراڭ! 

  -   مەن بەك زېرىكتىم، يەنە تېخى دائىم نەس باستى، ئاپام يەنە ماڭا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىۋاتىدۇ، مېنىڭ لايىق تاپقۇم يوق، ھېرىپ قالدىم... 

 ئۇ نېمانچە ئۆز بېشىمچى، ھەمىشە ماڭا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، باشقىلارنى تاڭىدۇ، ئۇ ئاپام بولمىغان بولسا، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان بولاتتى...

 نادىر ئەپەندى، سىزنىڭچە مەن نېمىشقا بۇنداق خاراب ھالغا چۈشۈپ قالىمەن... 

ھەي، نادىر ئەپەندى، ماڭا قاراڭ، ماڭا قاراڭ! 

بىرەر سائەت سۆزلەپمۇ پەقەت تىنجىمىدى .

نادىر بۇ گەپنى ئالتىنچى قېتىم تەكرارلاۋاتقاندا قولىنى سوزۇپ، مۇزدەك بارماقلىرى بىلەن ئۇنىڭ قاپاقلىرىنى سىيلىدى، يېنىك ئەندىككەن مۇنىرە كۆزلىرىنى ئاستا يۇمدى.

نادىرنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرغان ناخشا ئاۋازىغا قوشۇلۇپ، قۇلىقىغا كىردى:

   -  خاتىرجەم ئۇخلاڭ، يېنىڭىز مەن بار، - دېدى . 

خاتىرجەم ئۇخلىسا بولامدۇ؟

مۇنىرە شۇلارنى ئويلىغاچ، قايتىدىن ئېچىلغان كۆزلىرىنى ئاستا يۇمدى.

كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندىن كېيىن، ھارغىنلىق باستى.  قىزچاقنىڭ بوغۇق ناخشا ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ، خۇددى ھېچنېمىنى ئاڭلىمىغاندەك ئۇيقۇغا كەتتى.

ئۇ ئىسىنى يوقىتىشتىن بۇرۇن، تۇنجى قېتىم بىر ئەر بىلەن ئىچىملىك ئىچكىلى چىقىپ مەست بولۇپ قالغانلىقىدىن نومۇس قىلدى.

خېرىدارلار كىرىپ-چىقىپ تۇردى، خوجايىن ئۇياق-بۇياققا بىر نەچچە قېتىم ئايلىنىپ، ئاخىرى يەنە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئىستاكاننى سۈرتكەچ:

   -  بۈگۈنكى كەيپىياتىڭىز ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىم كەلگىنىڭىزگە ئانچە ئوخشىماي قاپتۇ، - دېدى.

نادىر رومكىنى ئايلاندۇرۇپ :

  -  ھىم.  - دېدى.

  -   بۇ قىز ئۈچۈنمۇ؟ - دېدى كۇلۇب خوجايىنى.

  -  بەلكىم شۇنداقتۇ. - دېدى نادىر. 

كۇلۇپ خوجايىنى كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  قانداق دەيسىز؟ - دەپ سورىدى.

- ناھايىتى قىزىقارلىق ، - دېدى نادىر.

  -   ياقتۇرۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى كۇلۇب خوجايىنى.  

  -  بەلكىم شۇنداقتۇ. - دېدى نادىر. 

  -    جەزىملەشتۈرەلمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى كۇلۇب خوجايىنى. 

نادىر يېنىدا جىمجىت ياتقان مۇنىرەگە قاراپ:

   -  مۇشۇنداق ئارىلىق ياخشى بىلىندى، يىراقمۇ ئەمەس، يېقىنمۇ ئەمەس.  - دېدى.

كۇلۇب خوجايىنى تۇرۇپ قېلىپ، بېشىنى چايقاپ:

- سىز بەكلا سوغۇققان، ئەمەلىيەتتە بىرەرسىنى تېپىپ يېقىن ئۆتسىڭىز بولاتتى، - دېدى. 

نادىر ئۈنسىز كۈلۈپ قويۇپ، گەپ قىلمىدى.

ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.



 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章