كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
26 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
27-قىسىم
ئاسقۇ 3تال 9.9 يۇەن
27 - قىسىم
ئىشلار كەينى-كەينىدىن يۈز بەردى
چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم: [ مەن سىلەرنىڭ شىركەتكە كەلدىم ... ئىدىيەرىڭىزدە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ ] دېگەنىدى.
- مۇنىرە ئاچا، چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان بۇ ئەپەندىم كىم بولىدۇ؟ - دېدى غۇنچەم.
- نېمە؟ ئۇ ئۇچۇر ئەۋەتتىمۇ؟- دەپ سورىدى مۇنىرە.
- شۇنداق، ئۇ بىزنىڭ شىركەتكە كەپتۇ. - دېدى غۇنچەم.
شىركەتكە كەپتۇ!
ئۆلگۈر، تازىمۇبىر! ! !
مۇنىرەنىڭ يۈرىكى ئاتلار چېپىپ يۈرگەندەك ئاۋاز چىقىرىپ سوقۇپ، كومپيۇتېر ئالدىغا كەلدى، غۇنچەم ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلا جاھىللىق قىلىپ:
- مۇنىرە ئاچا، چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان بۇ ئەپەندىم كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئۇ... - مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى ئىشخانىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان سايىنىڭ بۇرجىكىگە تىكىلىپ، قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ، ئىچىدە <ئەجەب تېز كەپتۇ!> - دېدى.
ئۇ ھايات-ماماتلىق بوسۇغىسىغا كېلىپ، كاللىسىنى تېزلا ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا:
- ھە، بۇ مېنىڭ دادام، توغرا، دادام! - دېدى.
نادىر ئۇنىڭ قەستەن يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، تەمكىنلىك بىلەن ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى.
مۇنىرە قولىنى ئىتتىك قىلىپ، پاراڭلىشىش رامكىسىنى ئېتىۋېتىپ، - ھەي، دادامنى خىزمەت ۋاقتىدا ئاۋارە قىلماڭ دەپ قويساممۇ، تازىمۇبىر، ئازراق ئىش بولسىلا ئۆزىنى تۇتالمايدۇ، كۆپ قېتىم دېگەن بولساممۇ، يەنە ... - دېدى.
گەپنى قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە جىمىپ قالدى، چۈنكى نادىر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولغانىدى.
نادىر ئېڭىشىپ، مۇنىرەنىڭ مائۇسنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان قولىغا بىرنى ئۇردى.
مۇنىرەنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان غۇنچەم نەپەس ئالالماي، تىنىقى توختىغىلى تاس قالدى، <بۇ كېلىشكەن يىگىت كىم بولىدۇ؟ ئۇنىڭغا يېقىن تۇرسا، ئادەمنى خىجىل قىلىپ قويىدىكەن> دېگەنلەرنى ئويلىدى.
نادىر پاراڭلىشىش رامكىسىنى چەكتى، ئۆزىنىڭ ئايرىمخانىسى ئىكەنلىكى ئېنىق، ئالاھىدە ئەسكەرتمىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇردى.
پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا مۇنىرە گەپ قىلالماي بوغۇلۇپ، قاش - كۆزلىرىنى تۆۋەن قىلىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
بۇ قېتىم قانداق قىلسا، ئاندىن ھاياتلىق پۇرسىتى بولىدۇ؟
نادىر لەۋلىرىنى ئۇچلاپ، بېشىغا شاپىلاقلاپ تۇرۇپ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ :
- تونۇشلۇق بېرىش مۇراسىمىنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز، دادىڭىز سىزنى رازى قىلىدۇ. - دېدى.
مۇنىرەنىڭ پۇتى بوشىشىپ، ئۈستەلگە يۆلىنىپ تۇرۇپ قالدى.
مۇنىرەنىڭ يۈزى تۆكۈلدى، چاتاق بولدى، ھەقىقەتەن چاتاق بولدى.
ئاينۇر پىخىلدەپ كۈلۈپ، قورسىقىمۇ ئاغرىپ كەتتى، ئادەتتە مۇنىرە بىلەن يېقىن ئۆتسىمۇ، بۇ چاغدا ھەقىقەتەن ھېسداشلىق قىلىشقا ئامالسىز قالدى.
مۇنىرە خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- نادىر ئەپەندى، سىز ھەر كۈنى نۇرغۇن ئىش بېجىرىسىز، ۋاقىتقا دەخلى يەتكۈزمەيلى، لىدىرنى ئىزدەپ كەلگەنسىز، مەن سىزنى باشلاپ باراي - دېدى.
نادىر قولىنى ئۇنىڭ بېشىدىن ئېلىپ :
- مەن سىزنى ئىزدەپ كەلدىم. - دېدى.
- مېنى ئىزدەمسىز؟ - دېدى مۇنىرە ئۈستەلگە يۆلىنىپ يەنە بىر پەس تىرەپ، چاندۇرماي تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ، - نېمە ئىش بارتى. - دېدى.
نادىر سۇس كۈلۈپ قويۇپ:
- ئاڭلىسام كۆزىڭىزنىڭ ئىششىپ كېتىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن؟ - دېدى.
مۇنىرە يۈزىنى ئېتىۋالدى، نەس باسقۇر ، ئاغزى ئىتتىك خوجايىن راستتىنلا تېلېفون قىپتۇ - دە!
كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، سەمىمىيلىك بىلەن:
- خاتا ئاڭلاپ قاپسىز. - دېدى.
نادىر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۇنىڭ قاش-كۆزلىرىگە سىنچىلاپ قارىدى، ئەسلىدىلا ئانچە چىرايلىق ھېسابلانمايدىغان كۆزلىرى قىزىرىپ، قاپىقى ئىششىپ قالغان بولۇپ، ئەسلىدىلا بار بولغان ئازراق جانلىقلىقىنى پۈتۈنلەي كۆرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنىدى.
قارىماققا ھەقىقەتەن ئېغىر يارىلانغاندەك قىلىدۇ.
نادىر كەينىگە بۇرۇلۇپ:
- بۇياققا چىقىڭ، - دېدى.
مۇنىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، قولىنىڭ دۈمبىسىنى يۈزىگە سۈرتۈپ، كىچىك قەدەملەر بىلەن ئەگىشىپ ماڭدى.
غۇنچەم يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ، ئىشىك سىرتىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- ئاينۇر ئاچا، بۇ ئادەم كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى.
قورسىقىنى چىڭ تۇتۇپ كۈلۈۋاتقان ئاينۇر قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- باش لىدىرنىڭ نەۋرە ئۇكىسى، - دېگەن گەپنى ئارانلا قىلىپ، يەنە دۈم يېتىپ پىخىلىداپ كۈلدى.
مۇنىرەنىڭ يۈزى تۆكۈلگەن ھالىتى ھەقىقەتەن ئوماق بىلىنىپ كەتتى!
چايخانا كىرگەندىن كېيىن، مۇنىرە قاش - قاپاقلىرىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ، ھۆرمەت بىلەن قەھۋەنى سۇندى.
نادىر قولىنى كۆتۈرۈپ ئىستاكاننىڭ يېنىك سىيلاپ قويۇپ:
- چۈشەندۈرۈپ قويۇڭە، نېمىشقا دائىم مۇشۇنداق قىلمىغان ئىش ماڭا ئارتىلىپ قالىدۇ، - دېدى.
ئالدىنقى قېتىم خالىدە مۇئەللىم بىرمۇنچە قالايمىقان گەپلەرنى قىلدى، مۇراتنىڭ ئۇچرىشىشىغا كەلمىگەنلىكى، يەنە پەزىلىيە بىلەن مۇراتنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىپ قېلىشى، بۈگۈن يەنە ئەخمەتنىڭ قالايمىقان گەپلەرنى قىلىشى... مۇنىرە ئىچىدە ساناپ باقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسىلا، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان چىرايىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتلىكىنى قوشقاندا، ئاران بەش-ئالتە ياق يەتتە-سەككىز قېتىمغۇ شۇ!
بولىدۇ. بولىدۇ، راست سەل ئېشىپ كېتىپتۇ.
مۇنىرەنىڭ يۈرىكى پوك - پوك بولۇپ:
- بەلكىم ... مۇشۇنداق تالانتىڭىز بولسا كېرەك؟ - دېدى.
- مىنى قارىلىماڭ - دېدى نادىر رەت قىلىپ، - قايتا دەڭ، - دېدى.
مۇنىرە ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، باش قاتۇرۇپ سەۋەبىنى ئويلىدى، ھەرقانچە ئويلاپمۇ پەقەتلا تاپالمىدى، شۇڭا راست گەپ قىلىشنى تاللاپ:
- نادىر ئەپەندى، مېنىڭچە بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىزنىڭ يوقلۇقىدىن بولدى، - دېدى.
- ئۇنداقتا مېنىڭ خاتالىقىمما؟ - دېدى نادىر.
مۇنىرە دەرھال بېشىنى چايقاپ:
- ئۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايمەن... - دېدى - دە ئېھتىيات بىلەن بېشىنى كۆرسىتىپ، - مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم چوقۇم باشقىلارنىڭ خاتالىقى. - دېدى.
نادىر بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر يۇتۇم قەھۋە ئىچتى، قەھۋەنىڭ خۇش پۇراقى ئېغىز بوشلۇقىنى بىر ئالدى، تىلىنى تامىشىپ، خۇش تەمىنى ئۇزاق تېتىدى.
- نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى نادىر.
- نېمە؟ - دېدى مۇنىرە ھېچنېمىنى چۈشەنمەي.
نادىر ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق قىلىپ:
- كۆزىڭىزگە نېمە بولدى، - دەپ سورىدى.
- ھە. ـ مۇنىرەنىڭ نەپىسى شۇ زاماتلا ئۆچتى، چۈنكى ئالدىنقى قېتىم نادىرغا ھەممىنى دەپ بولغان، بۇنى تىلغا ئېلىشتىن تارتىشقۇدەك يېرىمۇ يوق، - مەن پەزىلىيە بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۆزىنىڭ ئۇنى تېخى ئۇنتۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
مۇرات دىرېكتورنىڭ ئۇنتىيالمىغىنىمۇ ئېنىق، مەن كېيىن تونۇشقان، ئوتتۇرىمىزدىكى ھېسسىيات سۇسراق بولغاچقا، قايتا ئارىلاشماسلىقنى قارار قىلدىم.
تۈنۈگۈن كەچتە، ھەممىنى ئېنىق قىلىپ مۇناسىۋەتنى ئۈزدۈم، - مۇنىرە شۇنداق دېگىنىچە كۆزلىرىنى ساڭگىلىتىپ، كۆزلىرىدىكى لىغىرلاپ قالغان ياش تامچىلىرىنى قولى بىلەن توسۇۋالدى.
ـ ئەمىسە نېمىشقا يىغلايسىز، ـ دېدى نادىر لەۋلىرىنى تۈرۈپ.
- مەن شۇ... چىدىماي قالدىم، بۇ ئادەمنى قولدىن بېرىپ قويسام، بۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلۈمگە ياقىدىغان ئادەمنى ھەرگىز تاپالمايمەن... - دېدى.
- ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن چىدىماقچى بولىسىز؟ - دېدى نادىر.
- چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوتتۇرىدىكى ئارتۇقچە ئادەم مەن . - دېدى مۇنىرە. تۈنۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ ئاققان كۆز ياشلىرى يەنە تاراملاشقا باشلىدى، مۇنىرە ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلغان ياش بېزىدىن ھەيران قالدى، تۈنۈگۈن ئاخشامقى يىغلاشتىن كېيىن، بۈگۈن روھلۇق بولۇشنى ئېنىق قارار قىلغان، نېمىشقا يەنە يىغلايدۇ؟
كۆز ياشلىرى كۆزلىرىنى غۇۋالاشتۇردى، سۇنۇلغان بىر پارچە قەغەزنى قولىغا ئالدى، قەغەزنىڭ گىرۋىكى يەنە بىر ئۇزۇن قولغا تۇتاشقانىدى.
نېمىشقا تۇيۇقسىز يەنە بۇنداق ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىدۇ؟
مۇنىرە قەغەزنى ئېلىپ كۆزىگە بېسىپ سۈرتۈپ:
- ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇقلۇق نېمشىقا ئايرىلىپ كېتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر مەزگىللىك مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتمەي يەنە باشقىلارنى ئاۋارە قىلىدۇ؟ بۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا نېمىشقا قېچىشنى تاللايدۇ؟ نېمىشقا مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىز ئېچىپ بۇ قارارنى چىقىرىمەن؟ نېمىشقا مېنىڭ ھېچقانداق تاللاش ئىمكانىيىتىم بولمايدۇ؟... - دېدى.
نادىر ئېغىز ئاچماي، جىمجىت ئولتۇردى.
كۆز ئالدىدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئازابى كۆپ تەرەپتىن كەلگەن، بىر تەرەپتىن كۆڭلىدىكى ئادىمىگە قىيالمىسا، يەنە بىر تەرەپتىن دوستىغا چىدىماسلىق بار، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ، بۇ ئۈچ خىل مۇرەككەپ كەيپىيات ئۇنى بېسىپ ھاردۇرۇپ قويدى...
ھېچكىم كۆرۈلۈشىنى خالىمايدىغان بۇ ئىشتا، قالغان ئىككى ئادەم ھەقىقەتەن كەڭ قورساقلىق قىلماپتۇ.
نادىر ھەممىنى ئېنىق كۆرەلىدى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشقا قول تىقىشقا ھېچقانداق ئاساسى يوق، مۇشۇ تاپتا مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇشلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش.
راست گەپ قىلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن خىزمەتنى تاشلاپ بۇ يەردە پەيدا بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمىدى.
ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.
مۇنىرە يىغلاپ بولغۇچە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىدى، نادىرنىڭ قەھۋەسى سوۋۇپ قالغان بولسىمۇ، پەقەت باشتا بىر يۇتۇم ئىچكەن پېتى، قايتا ئىچمىدى.
مۇنىرە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، ئاچالماي قالغان ياڭاقتەك ئېشىپ كەتكەن قاپاقلىرىنى كۆتۈرۈپ نادىرغا قاراپ:
- كەچۈرۈڭ، نادىر ئەپەندى... - دېدى.
ئۇ ھەم خىجىل بولدى، ھەم ئوسال بولدى، ئۈستەلنىڭ بۇلۇڭىدىكى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن قەغەزگە بىر قاراپ قويۇپ، پەس ئاۋازدا رەھمەت ئېيتىپ:
- بۇنچە كۆپ قەغەز سۇنۇپ بەرگىنىڭىز رەھمەت، - دېدى.
نادىر بېشىنى چايقاپ، بىردىنلا كۈلۈپ، قوشۇمىسى سۈزۈلدى، نۇرغا تولغان كۆزلىرى بىردىنلا مۇنىرەگە تىكىلدى، ئۇ خۇددى تەرەپلەرنى پەرق ئېتەلمىگەندەك ھاڭۋىقىپ، خېلى بىر ھازاغىچە ئويلىنىپ ئاندىن ئېسىنى يىغدى.
ياق، توغرا ئەمەس، ئۇ نېمىشقا تۇيۇقسىز كۈلۈپ كېتىدۇ؟ ؟ ؟ !
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar