كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
31-قىسىم
ئاسقۇ 3تال 9.9 يۇەن
31- قىسىم
تەتۈر ئايلىنىش داۋاملاشماقتا
- ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، ھىم، ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولسا ئەلۋەتتە مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ، لېكىن چوقۇم مۇشۇنداق بىر ئەر بولۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس! - دېدى مۇنىرە يان تەرەپكە يۆتكىلىپ، - بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، جىلە قىلماڭ بولامدۇ... ھە راست، ھاممامچۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ئەمدى ئېسىڭىزگە كەلدىمۇ؟ ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا ئۆيىگە قايتتى، ئەسلىدە سىزنى چاقىرىپ ئۇزىتىپ قويسۇن دېگەنتىم، لېكىن ھاممىڭىز قوشۇلمىدى. سىزنى چارچاپ قاپتۇ، ياخشىراق ئارام ئېلىۋالسۇن دېدى، مۇنىرە، ھاممىڭىز سىزگە قانچىلىك ئامراقلىق قىلىدۇ، شۇنچە يىللاردىن بېرى كۆڭلىڭىزدە ئازراق بولسىمۇ سان بار، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭ. - دېدى ئاپىسى.
ئاپىسىنىڭ سەمىمىي نەسىھەتى ئالدىدا، مۇنىرەنىڭ كاللىسى تېخىمۇ ئاغرىپ كەتتى.
- بىلىمەن، مەن ئۇنىڭ رايىمغا باقماي ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلىرىنى ياقتۇرمايمەن... ئىشقىلىپ ئىككىڭلار ئوخشاش! - دېدى مۇنىرە.
قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن ئاپىسى:
- ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ۋىجدانسىز! - دېدى.
مۇنىرە ياستۇقنى تارتىپ ئېلىپ، بېشىنى چۆكۈرۋېلىپ، گەپنى ئاڭلىماسقا سېلىۋالدى.
تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاشقا باشلىدى، يېتىۋېرىپ يەنە ئۇيقۇسى كەلدى.
- مۇنىرە... - ئاپىسىنىڭ ئاۋازى بىر ئاز مۇلايىملاشتى، مۇنىرە ئېرىنچەكلىك بىلەن ھىم دەپ ئاۋاز چىقاردى. ئىشقىلىپ جاۋاب قايتۇردى.
- تۈنۈگۈن كەچتە سىز ھېلىقى نادىر ئەپەندى بىلەن كېچىلىك كۇلۇبقا بېرىپ... - دېدى ئاپىسى.
تازىمۇبىر!
مۇنىرە سافادىن قاڭقىپ تۇرۇپ كېتىۋېدى، چۆچۈپ كەتكەن ئاپىسى:
- مۇنىرە نېمە قىلىۋاتىسىز! - دەپ توۋلىدى.
تۈگدى، تۈگدى، مۇنىرە، ئۇ تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ نادىر بىلەن كۇلۇبقا بارغانلىقىنى، ئاندىن يەنە يېرىم يولدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى، ئۇنداقتا ئۇ زادى قانداق قايتىپ كەلدى؟
مۇنىرە شۇلارنى ئويلاپ ئاپىسىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:
- ئاپا، ئاخشام ئۆزۈم قايتىپ كەلدىممۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئاپىسى بىزار بولغاندەك قىلىپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:
- قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، غەرق مەست بولۇپ لايدەك تۇرسىڭىز، ماڭالامتىڭىز، - دېدى.
- ئۇنداقتا مېنى ئالغىلى باردىڭلارمۇ؟؟ - دەپ سورىدى مۇنىرە.
ئاپىسى ئۇنىڭ قولىنى سىلكىپ تۇرۇپ:
- بىز تېخى سىزنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتۇق، نادىر ئەپەندى يۈدۈپ كېلىپ كەلدى، سىزنىڭ نېمانداق تەلىيىڭىز بار، خەقنىڭ دۈمبىسىدە ئۇخلاپ قېتىپ قاپسىز. - دېدى.
ئانامەي.
مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ ھوشىنى بىلمەي ئۇخلاپ قالدىمۇ؟ !
ياق، توغرا ئەمەس، مۇنىرە بېشىنى چايقاپ، قايتىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- ئاپا، نادىر ئەپەندى كەلگەندە چىرايى قانداقراق ئىكەن، سەتلىشىپ كېتىپتىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئاپىسى ئاخشامقى ئىشلارنى ئەسلەپ:
- ياق، مېنىڭچە ئۇ بەك ئەدەپلىك بالىكەن... ئۇنىڭ بىلەن راستتىنلا مۇناسىۋىتىڭىز يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە ئالىيىپ قويۇپ:
- ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېيىشنى ئويلىماڭ، نادىر ئەپەندىگە ئوخشاش ئەر كىشىنىڭ ھالىدىن مەن خەۋەر ئالالامدىم. - دېدى.
- كىم سىزنى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسۇن دەپتۇ، ئەگەر تېپىشىپ قالساڭلار، ئۇ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالمامدۇ؟ - دېدى ئاپىسى.
- بولدى قىلىڭا. - مۇنىرە بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، - مەن ئۇنى ھالىمدىن خەۋەر ئالغۇزالامدىم؟ ئۇنىڭ مۇلايىم ھالىتىگە كۈنەلمەيمەن، - دېدى.
- تۈنۈگۈن سىزنى يۈدۈپ كېلىپ كەلدى، ئاراڭلاردا چوقۇم مۇمكىنچىلىك بار! - دېدى ئاپىسى گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، - قايسى بىر ئەر ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالنىڭ ئالدىدا كۈچنى سەرپ قىلىشنى خالايدۇ؟! - دېدى!
يەنە باشلىدى.
مۇنىرەنىڭ پەرۋا قىلغۇسى كەلمەي، ھەسەل سۈيىنى تارتىپ ئېلىپلا ئىچىۋېتىپ، ساپما كەشنى سۆرەپ، ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
يېرىم مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيدىن چىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
- مەن يەنە ئىشقا بېرىشىم كېرەك...
گەرچە مەستلىكتە مالىمانچىلىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، مۇنىرەنىڭ روھىي ھالىتى يەنىلا خېلى ياخشى ئىدى.
ھازىرچە ئوسالچىلىقنى ئويلىماي، كۆز ئالدىدىكى ئىشنى تۈگەتمەكچى بولدى.
مۇنىرە پالاق-پالاق قىلىپ كۇنۇپكا تاختىسىنى چەكتى، ئۈچ كۈنگىچە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كارتون ئادەمنىڭ باش سۈرىتى جىمىپلا كەتتى، كەلگەن ئۇچۇرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئالاقىلىشىشى خاتىرىسىنى خېلى ئۇزۇن سېرىمىغۇچە كۆرگىلى بولمايدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
ئىزچىل كەچۈرۈم سوراش ياكى رەھمەت ئېيتىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدى...
- ھەي... - مائۇسقا قويغان ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن ئوڭ تەرەپ كۇنۇپكىنى چېكىپ، كۆرۈنگەن دىيالوگ رامكىسىدىن پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈشنى تاللاپ، پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ قويدى، شۇنداق بولسۇن، ئىشقىلىپ ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى.
- گۈزىلىم، ئەتكەن چاي ئىچەمسىز؟ - دېدى بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، كەيپىياتى ياخشى بولغان ئاينۇر ئىككى خالتا ئەتكەن چاي تالقىنى كۆتۈرۈپ، - پەقەت بۈگۈنلا ھەقسىز. - دېدى.
مۇنىرە بوينىنى سوزۇپ ئۇدۇلغا قارىدى، غۇنچەم يوق ئىدى.
- ماقۇل، - دېدى مۇنىرە.
ئىككىيلەن بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، قىزغىن پاراڭلىشىپ، چايخانىغا قاراپ ماڭدى.
ئەتكەن چاي تالقىنىنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندىن كېيىن قويۇق تاتلىق پۇراق بۇرنىغا ئۇرۇلدى، قايسى خىل قويۇقلاشتۇرۇلغان بىرىكلىمىلەردىن ياسالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
تالقان ئۈستىگە قىزىق چايدىن قويغان مۇنىرە ئارىلاشتۇرغاچ:
- ھەقىقەتەن بىخسىق ئىكەنسىز، بىر يۈەنلىك ئەتكەن چاي ئىچشكە تەكلىپ قىلىشقىمۇ غۇنچەم يوق چاغنى تاللاپسىز، - دېدى .
ئاينۇر كۆزلىرىنى ئالايتىپ:
- ماڭا ئۇۋال قىلماڭ، سىز يوق چاغدا مەن ئۇنى مېھمان قىلدىم... بىزنىڭ ئورنىمىز ئوخشىمايدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ تەڭلىكتە قېلىشىنى خالىمايمەن. - دېدى.
- ھىم، ئۇغۇ شۇ. - دېدى مۇنىرە ئۇنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپ.
غۇمچەمنىڭ تۇرمۇشى ئۇلاردەك ئاددىي پۇقرالارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقەتەن چەك-چېگراسى بولىدۇ، ھەممە نەرسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا بولمايدۇ. بىراق تەڭ بەھرىلىنىش تىلغا ئېلىنىپ، بىر نەرسە ئېسىگە كېلىپ:
- گۈزىلىم، شىسەن كوچىسىدا بالىلار كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئېچىلىپتۇ، رەختى، سۈپىتى يامان ئەمەس ئىكەن، باھاسىمۇ نەچچە ئون يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ئىكەن، بىكار بولسىڭىز بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى.
- بولىدىكەن ھە، ھازىر بالىلارنىڭ كىيىمى بەك قىممەت... بىراق سىز بالىلار كىيىم-كېچەك دۇكىنىغا بېرىپ نېمە قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى ئاينۇر.
مۇنىرە قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- مەن بىللە بېرىشىپ بېرىمەن، شىسەن كوچىسىنىڭ بۇلۇڭىدا ناھايىتى پاكىز گۆشسىز تائاملارنى چىقىرىدىغان تاماقخانا بار.- دېدى.
ئاينۇر ھەيران بولۇپ:
- گۆشسىز تائاملارنى چىقىرىدىغان تاماقخانا؟ سىز گۆشسىز تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرمەيتتىڭىزغۇ؟ - دېدى ئاينۇر.
- بېزەكچىلىك ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، نادىر ئەپەندى مېنى باشلاپ بارغان، ئەمەلىيەتتە تەمى يامان ئەمەس ئىكەن ، - دېدى.
- ھە؟ - ئاينۇر چۆچۈپ كەتتى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي:
- سىز چىشىغا تەگكىلى بولمايدىغان ئەپەندىم بىلەن بىللە بالىلار كىيىم-كېچەك دۇكىنىنى ئايلاندىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە ھېچنېمىنى سەزمەي:
- يولدىن ئۆتكەچ كىرىپ كۆرۈپ باقتىم، كىرىپ-چىقىشقا ئۈچ مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمىدى. - دېدى.
- بۇ ۋاقىت مەسىلىسىمۇ ھە... مۇرات دىرېكتور. - ئاينۇر گەپتىن توختاپ، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغان مۇراتقا قارىدى، ئاندىن ئىستاكاننى تۇتۇپ دېرىزىگە يۆلىنىپ تۇرغان مۇنىرەگە قارىدى، چىرايىغا دەرھال كۈلكە يۈرگۈرتىپ، پاراڭ تېمىسىنى ئۆزگەرتىپ، - ھەي، تۇيۇقسىز بىر ھۆججەتنى يوللىمىغانلىقىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى، مۇنىرە، ئالدىرىماي ئىچىڭ! - دېدى.
ئۇ شامالدەك چىقىپ كېتىپ، مۇنىرە بىلەن مۇراتنى يالغۇز قويدى.
ئەمەلىيەتتە ئىككىسىنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى.
ھېلىمۇ ياخشى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قۇرامىغا يەتكەن، مۇرات تېخىمۇ ئۇزۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن بولغاچقا، ئالدى بىلەن كۈلۈمسىرەپ كەيپىياتنى ئوڭشاپ:
- خىزمەتتە ئېرىنچەكلىك قىلىپ پاراڭلىشىۋاتقاندا تۇتۇۋالدىم، قانداق قىلسام بولار؟ - دېدى.
ئۇنىڭ چىرايى تەبىئىي ئىدى، مۇنىرە ئۇھ تارتىپ قويۇپ، خۇپسەنلىك قىلىپ ئېڭىكىنى سىلاپ تۇرۇپ:
- سىزدەك پېشقەدەم يولداشقا پارا بېرەيمۇ؟ - دېدى.
مۇرات قايناقسۇدىن قۇيغاچ، مەردانىلىك بىلەن رەت قىلىپ:
- پاتقاققا پېتىپ قالسام بولمايدۇ. - دېدى.
مۇنىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- قانداق لاي- پاتقاقكەن ئۇ ... - دېدى.
مۇراتمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئۇنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارىم يوق، ئىشقىلىپ مەن پاك-دىيانەتلىك ئادەم. ئەزەلدىن شامىلىم پاكىز، - دېدى.
- بولدى قىلىڭا، - دېدى مۇنىرە ئىستاكاننى قويۇپ، ئۇنىڭغا يانچە قاراپ، - قاچان قايتىپ كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
مۇرات ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بارماقلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ:
- تۈنۈگۈن ئاخشام، شۇنچىلىك چارچىدىم. سىزچۇ، بۇ بىر نەچچە كۈننى قانداقراق ئۆتكۈزدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
مۇنىرە ئۈنسىز كۈلۈپ قويدى، ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، پاراڭلىشىش بۇرۇنقىدىن يېنىكلەپ قالدى.
- مەنمۇ شۇنچىلىك چارچىدىم، بىراق نادىر ئەپەندىنىڭ ئۆيى ئاخىرى پۈتتى، بۇ بىر نەچچە كۈندە خېلى يېنىكلەپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر يېڭى كەلگەن خىزمەتدىشىم ياردەم قىلغاچقا، خىزمىتىم خېلىلا يېنىكلەپ قالدى، - دېدى مۇنىرە.
- يېڭى خىزمەتدىشىڭىزنى يېتەكلەۋاتامسىز؟ - دېدى مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ، - خىزمەت مىقدارىنى بۆلۈپ بېرىشتىن باشقا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، نېمىلا دېگەن بىلەن يېڭى كەلگەن ئادەم سادىر قىلغان سەۋەنلىكنىمۇ سىز ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك. - دېدى.
مۇنىرە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى شىركەتتە يوق چاغلاردا تاپشۇرغان ئىشلىرىنى ئويلاپ يۈرىكى بىردىنلا دۈپۈلدەپ كەتتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar