كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
36-قىسىم
36 - قىسىم ئاخىرى چىقمىغان تالاش - تارتىش
تۇخۇم پوشكىلى ناھايىتى يېيىشلىك بولغانىدى.
مۇنىرە ئۆيدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، نادىر ئەپەندىنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئاپىسىنىڭ قولىنىڭ تەمى بارلىقىنى ئەسلىدى.
شەنبە كۈنى ئەتىگىنى خىزمەت كۈنىدىكىگە قارىغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىپ سائەت يەتتىدە يولغا چىققان بولسىمۇ، يولدا ئادەم يوق بولۇپ، پەقەت چاقناپ تۇرغان قۇياشلا ئىشقا چىققانىدى.
مۇنىرە نادىر سوۋغا قىلغان كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ، كىچىك قەدەملەر بىلەن سەكرەپ - تاقلاپ ماڭدى، ھازىرقى خۇش كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى يالغۇز كىيىم سېتىۋالغىلى باردى ~
بۇنچە بالدۇر ئېچىلىدىغان دۇكانلار ئاز ئىدى، بىراق ئىشچان خوجايىنلارمۇ يوقمۇ ئەمەس، مۇنىرە بىر كىچىك دۇكانغا كىرىپ، خوجايىن بىلەن پاراڭلىشىپ، بىر تەرەپتىن كىيىم سىنىدى، ئاخىرىدا مۈرىسى ئۇچۇق گۈللۈك كىيىمدىن بىرنى سېتىۋالدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئاپىسى تاپقان قالايمىقان قىز-يىگىت كۆرۈشۈشنى يوققا چىقارماقچى بولدى!
ئۇ دۇكاندىن چىقىپ، پورتمالىدا قالغان 30 يۈەن نەق پۇلنى كۆرۈپ، بانكا كارتىسىنى سىيلاپ قويۇپ، ئاۋۋال يېڭى يانفون سېتىۋالماقچى بولدى. يان تېلېفون ساتىدىغان دۇكان ئىزدەپ يۈرگەن مۇنىرە ئۇدۇلدىكى كوچىدا ئالدىراش كېتىۋاتقان بىر كىشىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى، جايىدا تۇرۇپ، كوچىغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- پەزىلىيە... - دەپ چاقىردى.
كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى پەزىلىيەنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، يۈگۈرۈپ كېلىپ، بوينىنى سىقىپ:
- ئۆلگۈر مۇنىرە ئاخشام نەگە باردىڭىز؟ نېمىشقا تېلېفوننى ئالمايسىز!
بىلەمسىز؟ بىز بەك تىت-تىت بولۇپ كەتتۇق، ھاممام ساقچىخانىغا بېرىپ مەلۇم قىلدى! ! ! - دېدى.
مۇنىرەنىڭ گىلى بوغۇلۇپ تۇنجۇقۇپ گەپ قىلالمايلا قالدى.
پەزىلىيە قولىنى بوشىتىپ، مۈرىسىگە يەنە بىر شاپىلاق سېلىپ:
- ئاتا-ئانىڭىز بىلەن قانداق زىددىيەتلىشىپ قالسىڭىزمۇ، تېلېفوننى ئالماي، ئۆيگە قايتمىغىنىڭىز بەك ئېشىپ كەتتى! - دېدى .
مۇنىرە توختىماي يۆتىلىپ، ئاندىن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ:
- مەن 25 ياشقا كىردىم، بەش ياشقا ئەمەس ... - دېدى.
- ھاممامنىڭ قانچىلىك يىغلىغانلىقىنى بىلەمسىز! - دېدى پەزىلىيە گېپىنى بۆلۈپ، قاتتىق غەزەپلىنىپ، - بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭ قانچىلىك ئازابلايدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ - دېدى.
- بىلىمەن. - دېدى مۇنىرە كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ ئەلۋەتتە بىلىدۇ.
- ئۇنداقتا يەنە كۈلۈۋاتىسىزغۇ؟ - دېدى پەزىلىيە ئىشەنمىگەن ھالدا، - مۇشۇ ۋاقىتتا قانداقمۇ كۈلىگىڭىز كەلگەندۇ؟ - دېدى.
مۇنىرە بېشىنى چايقاپ:
- تۈنۈگۈنكىدەك ئىشنىڭ بولغانلىقى، دەل مېنىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى خالىمىغانلىقىمدىن بولدى، - دېدى. يەنى تۈنۈگۈن، ئۇ كېچىلىك كۇلۇبتا ناخشا ئېيتىۋاتقان ھېلىقى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى جاپا-مۇشەققەتتە قىزىنى تېپىپ، شۇنچە ئۆتۈنسىمۇ قىزنىڭ نېمىشقا ئۆيىگە قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئاخىرى چۈشەندى.
ھەممە ئىشنىڭ سەۋەب-نەتىجىسى بولىدۇ، كىمنىڭ ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، يەنە باشقا ئىشلارنى ئويلايدىغان كەيپىياتى بولسۇن!
پەزىلىيە ھېچنېمىنى چۈشىنەلمىدى، ھەم چۈشىنىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى، ئۇ ئۇدۇللا مۇنىرەنىڭ ئاپىسىغا تېلېفون قىلىپ:
- ئاپىڭىزغا ئۆزىڭىز دەڭ. - دېدى.
مۇنىرە رەت قىلمىدى، تېلېفوننى ئېلىپ، ئۇدۇلدىكى ئالاقزادىلىك ئىچىدە قالغان ئاپىسىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۈچۈن:
- ئاپا. - دېدى.
تېلېفوننىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى ئاۋاز دەرھال ئۈزۈلۈپ قالدى، كېيىنكى سېكۇنتتا ھېچقانداق ئاۋاز كەلمىدى. ئارقىدىنلا تېلېفوننى قويۇۋەتكەنىدى.
مۇنىرە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، تېلېفوننى پەزىلىيەگە قايتۇرۇپ بېرىپ:
- قاراڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدىغان ئادەم ئەزەلدىن مەن ئەمەس، بەلكى ئۇ. - دېدى.
پەزىلىيە بىر مەھەل گەپ قىلالماي قالدى، لېكىن ناھايىتى تېزلا سەۋەبىنى تېپىپ:
- سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولسام، مەنمۇ تىنچ-ئامانلىقىڭىزنى بىلىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتسە خاپا بولاتتىم. ئەمما ئۇ دېگەن ئاپا، ھەرقانچە خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ سىزنى تۇغۇپ بېقىپ چوڭ قىلغان، سىز ئۇنىڭغا ئاچچىقلانماسلىقىڭىز كېرەك. - دېدى.
- بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئويلايتتىم، - دېدى مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۈلۈشتىن توختاپ، - لېكىن، ئەمدى يول قويالمايدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، ئۇنىڭ خاتا قىلغانلىقى ئېنىق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرغىلى ئۇنىمايدۇ؟ - دېدى.
- پەقەت شۇ قىز-يىگىت كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇردىغۇ خالاس، سىزمۇ بۇنداق چەتكە قېقىپ كەتمەڭ، - دېدى پەزىلىيە ئىككىلىنىپ، - مۇشۇ خىل لايىق ئىزدەشتىمۇ شارائىتى ياخشىلار بىلەن ئۇچراشقىلى بولىدۇ، ھامماممۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەيدۇ. ئىشقىلىپ مېنىڭچە سىزنىڭ تۈنۈگۈن كەچتىكى قىلغىنىڭىز بەك ئېشىپ كەتتى. ، - دېدى.
توختىماي يېقىنلاپ كېلىۋاتقان قارا رەڭلىك ماشىنا ئاخىرى توختىدى، مۇنىرەنىڭ كۆزى ئالدىدىكى پەزىلىيەدىن ئۆتۈپ، ماشىنىدىن چۈشكەن كېلىشكەن ئەرنىڭ ئۈستىگە چۈشتى، ئاندىن كۆزىنى يۇمدى.
مۇراتنىڭ كۆزلىرىدىن ئازراق ئۆكۈنگەنلىك چىقىپ تۇرىسىمۇ، يەنىلا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ:
- ئاخىرى تاپتىم، مۇنىرە، ناشتا قىلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- يەپ بولدۇم، رەھمەت. - دېدى مۇنىرە. مۇئامىلىسى ئادەتتىكىدەك بولۇپ، باشقا روشەن كەيپىياتلارنىمۇ ئىپادىلىمىدى، بۇرۇلۇپ پەزىلىيەگە قاراپ، - مېنى شۇنچە ئۇزۇن ئىزدەپ، سىلەرمۇ جاپا چەكتىڭلار، قايتىپ ئارام ئېلىڭلار، ئارام ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، مەن سىلەرنى تاماققا تەكلىپ قىلاي، - دېدى.
ئۇ ناھايىتى تەبىئىي ھالدا مۇراتنى چەتكە قالدۇردى، بۇمۇ گۇماندىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىق ھېسابلىناتتى.
ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ گۇماندىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىغا كەلسەك، مۇنىرەنىڭ ئىچكىرىلەپ سۈرۈشتۈرگۈسى يوق، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى توسالغۇدىن ئۆتەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
مۇنىرە بىلەن بولغان شۇنچە يىللىق دوستلۇق مېھرى بار يەردە مۇراتنى ياردەمگە چاقىرسا مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن پەزىلىيە:
- سىز ماڭغاچ تۇرۇڭ، مەن مۇنىرەگە ھەمراھ بولۇپ بىللە ماڭاي ، - دېدى.
مۇرات قوشۇمىسىنى سەل تۈرۈپ:
- قايتىپ كەتمەمسىز؟ - دېدى.
- سىز ئاۋۋال قايتىپ تۇرۇڭ، - دېدى پەزىلىيە.
مۇرات مۇنىرەگە بىر قارىۋېتىپ، ئاخىرى يەنىلا كېتىپ قالدى.
مۇنىرە ئاستا-ئاستا نەپەس ئالدى، مۇرات ئەمدى ماڭمىسا ئورنىدا ئۆزى قېچىپ كەتكۈدەك بولدى.
ھېلىمۇ ياخشى ئوسال ئەھۋالدىن ساقلىنىپ قالدى.
پەزىلىيە ئالدىغا ئۆتۈپ مۇنىرەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يېنىك تەلەپپۇزدا:
- بولدى، كەيپىياتىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، نۇرغۇن ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدىڭىز، توغرا-خاتانى دېيىشمەيلى، بىز داۋاملىق بازار ئايلىنايلى، - دېدى.
- بۇ گېپىڭىز قۇلاق ياقتى، - دېدى مۇنىرە كەيپىياتىنى تەڭشەپ، كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ، - يانفونۇم يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى، ئاۋۋال يانفون سېتىۋالاي، ئاندىن تىجارەت زالىغا بېرىپ كارتامنى تولۇقلاپ بېجىرەي، - دېدى.
پەزىلىيە ھاڭ-تاڭ قېلىپ:
- نېمە، تېلېفونىڭىزنى چېقىۋەتتىڭىزمۇ؟ ! سىز بىر پۇڭ ئۈستىدىمۇ تىك تۇرىدىغان ئادەتتىكى پۇقرا ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
- شۇنداق، شۇڭا سىزمۇ مېنىڭ ئەينى چاغدا قانچىلىك خاپا بولغانلىقىمنى ھېس قىلدىڭىزمۇ، - دېدى مۇنىرە.
- ھىم، كەچۈرۈڭ، مەن ھاممامنىڭ ئالدىراپ، ئۆز بېشىمچىلىك قىلغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم، سىزدەك مىجەزى ياخشى ئادەممۇ چىدىماي تېلېفون چاققۇدەك بوپسىز، بۇ ئېنىقلا بەرداشلىق بېرىش نۇقتىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولدى، - دېدى پەزىلىيە.
- بەك ئاچچىقىم كەلدى، كېلەر قېتىم يەنە مۇشۇنداق دەپمۇ قويماي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدىغان بولسا، مەن سىز بىلەن تەڭ ھالاك بولىمەن. - دېدى مۇنىرە.
- ھەي، ھەي، ھەي، مەن خاتا قىلدىم، كېلەر قېتىم بۇنداق ئىشنىڭ بولماسلىققا ۋەدە بېرەي! - دېدى پەزىلىيە.
مۇنىرە ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ قويۇپ، قىسقا مۇددەتلىك تالاش-تارتىشنى توختاتتى.
پەقەت مۇشۇنداقلا قىلالايدۇ .
چۈنكى ھەرقانچە ياخشى دوستلار ئارىسىدىمۇ، يۈز پىرسەنتلىك چۈشىنىش بولمايدۇ.
يېڭى يانفون سېتىۋالغاندىن كېيىن، مۇنىرەنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قۇرۇقدىلىپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ يانفوننى ئاتقانلىقىغا ئازراق پۇشايمان قىلدى.
ھازىرقى يانفونلار نېمىشقا بۇنچە قىممەت، يانفون ئىشلەتمەيدىغان دەۋرنى راستتىنلا قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمامدۇ...
مۇنىرەنىڭ بىر تەرەپتىن پۇلىغا ئىچى ئاغرىسا، بىر تەرەپتىن باي ئايال پەزىلىيە بىلەن بىللە نۇرغۇن نەرسە سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى ھېچنېمىسى يوق گادايغا ئايلاندۇرۇپ، كېيىنكى ئېچىنىشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىشقا ئىرادە باغلىدى.
كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئويلىمىغىنى ياخشى!
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، پەزىلىيە مۇنىرەنىڭ قولىنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ تۇرۇپ:
- ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ مەسىلىنى ھەل قىلايلى. - دېدى.
ھىم، بېرىلگەن مۆھلەت توشتى.
مۇنىرە قاپاقلىرىنى ئۇۋۇلاپ قويدى، ئەمما يەنىلا جاھىللىق قىلالماي:
- قايتاي، ئۆيگە قايتاي، - دېدى.
ئولتۇراق رايون يەنىلا ئادەتتىكىدەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق.
لېفىتقا چىققان مۇنىرە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، قولىدىكى مال سېتىۋېلىش خالتىسىنى ئېگىزرەك كۆتۈرۈپ ئۆز - ئۆزىگە:
[ياخشى گەپ قىل، سەۋرچان بول، بولمىسا ئاۋۋال كەچۈرۈم سوراپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئاندىن ئالدىرىماي چۈشەندۈر] دېدى.
پىسخىكا تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ كۈلۈمسىرەپ، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىردى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar