كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
33 | 32 | 31 | ||
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
34-قىسىم
34 – قىسىم
يەنە بىر قېتىملىق قىز - يىگىت ئۇچرىشىشى (2)
ھاۋا تەڭشىگۈچى ئېچىلىغان سالقىن مېھمانخانىدىن چىققاندا، سىرتتىكى ئىسسىق ھاۋا قىلچە رەھىم قىلماي ئۇرۇلۇپ، ھاۋا بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتكەندەك، دىمىقتا نەپەس ئالالماي قالدى.
مۇنىرە مېھمانساراينىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرۇپ ئويلىغانسېرى ئاچچىقى كەلدى.
ئۇ بىر ئاز مېڭىپ، بۇرۇلۇش چىرىغىدا توختاپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ تېلېفون ئۇردى.
تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ قىزغىنلىق بىلەن:
- شۇنچە تېزلا ئاخىرلاشتىمۇ؟ مۇنىرە سىزنىڭچە قانداقراقكەن، قارىسام ئۇ يىگىت ئەدەپلىك، روھلۇق ئىكەن، بويى ئېگىز بولمىسىمۇ، سىزنىڭ بىر مېتىر 60 سانتېمىتىر بويىڭىزدىن 10 سانتىمېتىر پەرقلىنىدىكەن... - دېدى.
- نېمە دېمەكچىسىز؟ - دېدى مۇنىرە ئاپىسىنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، - سىز زادى نېمە دېمەكچى؟ - دېدى.
- نېمىنى نېمە دەپتىمەن؟ - دېدى ئاپىسى.
مۇنىرە چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى، كۆز چاناقلىرى چىڭقىلىپ ئاغرىپ:
- سىز مېنىڭ ئۆز ئاپاممۇ؟ نېمىشقا دائىم ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىسىز، يېقىندىن بۇيان كەيپىياتىم ناچار، كۆرۈپ تۇرۇپ بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ نېمىشقا كەيپىياتىمنى ئويلاشمايسىز؟ - دېدى.
تېلېفوننىڭ ئۇ چېتىدىن چېكىلىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭ گېپىگە ئاچچىقى كەلگەندەك قاتتىق ھاياجانلىنىپ:
- قانداق قىلىپ ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىپتىمەن؟ مۇنىرە ۋىجدانىڭىز بارمۇ يوق، بۇنچە كۆپ غەم قىلىشىم كىم ئۈچۈن؟ مېنى ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردى دەۋاتامسىز؟ ! - دېدى.
- سىزنىڭچە بۈگۈن كەچتە قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟ لايىق تونۇشتۇرسىڭىز مەنمۇ قارشى تۇرمايمەن، لېكىن ئاۋۋال ماڭا دېسىڭىز، مۇۋاپىق ۋاقىتنى تېپىپ كۆرۈشسەم بولىدىغۇ. - دېدى مۇنىرە ئاۋازىنى پەسەيتىپ، ئۇنىڭغا داۋلى سۆزلەشمەكچى بولۇپ، - بىراق سىز مېنى ئالدىدىڭىز، ئىشتىن بۇرۇن مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمىدىڭىز، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ مۇشۇنداق بىر ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇردىڭىز ، - دېدى .
- ئۆز بېشىمچىلىق قىلدىممۇ تېخى؟ ! كىچىكىڭىزدىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە قايسى ئىشىڭىزنى مەن ئورۇنلاشتۇرمىغان؟ ئەمدىلىكتە مەندىن بىزار بولۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى دەۋاتامسىز؟ ! سىزگە دەپ قوياي مۇنىرە، ئاپىڭىز مۇشۇنداق ئادەم، مۇشۇنداق ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان ئادەم! سىز يا قوبۇل قىلىڭ، ياكى مەندەك ئاپىڭىزنى تونۇماسقا چىقىرۋېتىڭ! - دېدى ئاپىسى.
مۇنىرە تەسلىكتە ئېغىز ئېچىپ:
- ئاپا ... - دېدى.
تېلېفون ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئۇ يەنە نېمە قىلماقچى؟ يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىدىغاندۇ؟
مۇنىرە تېلېفوننى كۆتۈرۈپ تۇرغان قولىنى ئاستا چۈشۈردى.
ئۇ ئېنىقلا شۇنچىلىك تىرىشتى.
تاس - تاس....
قاتتىق يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىپ كەتتى، يامغۇر تامچىلىرى بەدەنگە ئۇرۇلۇپ ئاغرىشقا باشلىدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يازلىق كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتتى.
يەنە يامغۇر ياغدىمۇ؟
مۇنىرە پەسكە قارىدى.
كېيىنكى سېكۇنتتا، ئاق رەڭلىك يانفونىنى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، يەرگە قاتتىق ئۇردى، تىلىفون يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا سەكرەپ، تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىغا چۈشۈپ، دەسسىلىپ كەتتى.
يامغۇر يېغىپ جاھان قاراڭغۇلاشتى، كوچىلار بىردىنلا قۇرۇقدىلىپ قالدى، پەقەت ئاندا-ساندا كۈنلۈك تۇتۇۋالغانلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.
نادىر بىر خالتا نەرسىنى كۆتۈرۈپ يولۇچىلار پاناھگاھى بولغان تاللا بازىرىدىن چىقىپ، كۈنلۈكنى ئېچىپ، يامغۇر پەردىسىگە قەدەم قويدى.
كەچقۇرۇندىن باشلاپ ھاۋا باشقىچە دىمىق بولۇپ قالغان، دەرۋەقە يامغۇر ياغدى.
يامغۇردا يول تېيىلغاق بولغاچقا، ماشىنا سۈرئىتىنى 30 ئەتراپىدا كونترول قىلىپ، ئالدىدىكى ماشىنا بىلەن مۇتلەق بىخەتەر ئارىلىق ساقلىدى. ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدىكى يەر ئاستى سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش ئېغىزىغا ئازراق سۇ يىغىلىپ توسۇلۇپ قالغاندەك قىلاتتى، ئۇ ئوڭغا بۇرۇلۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ، ناھايىتى ئاستا سۇ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان ئورۇندىن ئوڭغا بۇرۇلدى.
مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوڭغا بۇرۇلۇپ 30 مېتىر ماڭغاندىن كېيىن، ئارقىنى كۆرۈش ئەينەككە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىز تورمۇزنى دەسسەپ، ئون نەچچە مېتىر كەينىگە چېكىندى.
ئۇ ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ چۈشۈشىگە، بىر پۇتى بىلەن پاتقاق سۇ ئازگىلىغا كىرىپ قالدى.
يامغۇردا كۆتۈرۈۋالغان كۈنلۈك بىلەن ئالدىغا ئېڭىشىپ، يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقان نەس باسقان ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
- يەنە نېمىگە يىغلايسىز؟ - دەپ سورىدى.
ماشىنىنىڭ يامغۇر سۈيى پالاقچىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى بىلەن يامغۇر سۈيى يايسىمان ھالەتتە ئېقىپ چۈشتى.
قېلىن، پۇختا ئىمارەتنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ، شىر-شىر قىلغان يامغۇر ئاۋازى يەنىلا ئېنىق ئاڭلىناتتى.
ئاچقۇچ ئايلىنىپ، مۇزدەك چوڭ ئىشىك ئېچىلدى.
نادىر يانچە تۇرۇپ:
- كىرىڭ! - دېدى.
بېشىغا لۆڭگە يېپىلغان مۇنىرە بوينىنى قىسىپ، كىچىك قەدەملەر بىلەن ئالدىغا قاراپ مېڭىپ، سۇغا چۈشكەن قۇشقىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
نادىر ئۇنىڭ ئايىقى بىلەنلا يەرگە دەسسەپ تۇرغىنىغا قاراپ قاپىقىنى تۈردى، ئاخىرى قولىنى سوزۇپ قوشۇمىسىنى چىمدىپ، ئاندىن بۇرۇلۇپ ئىشىكنى يېپىپ:
- ھازىرچە چوڭ ياتاق ئۆينىڭ تازىلىق ئۆيىدىلا يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى بار، شۇ يەردە يۇيۇنۇڭ، - دېدى نادىر ئۇنىڭغا ئادەتتە ئۆزى كىيىدىغان مۇنچا كىيىمىنى ئېلىپ بېرىپ، - يېڭىسى يوق، مۇشۇنى كىيىپ تۇرۇڭ، - دېدى.
مۇنىرە ھە دەپ قولىغا ئالدى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى خۇددى سۇدىن ئەمدىلا سۈزۈپ چىققاندەك چىلىق - چىلىق ھۆل ئىدى ، شۇ تاپتا قۇرۇق كىيىم بولسىلا، تاللاپ ئولتۇرمايتتى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ تازىلىق ئۆيىگە قاراپ:
- ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز تازىلىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ، بىرەر تال چاچمۇ قالمىسۇن. - دېدى.
خەققە ئېھتىياجى چۈشۈپ قالغان مۇنىرەنىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن بولسىمۇ، ھە دېدى.
- بېرىڭ. - نادىر ئارتۇق گەپ قىلماي، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
مۇنىرە مۇنچا كىيىمىنى قۇچاقلاپ، نادىرنىڭ ھۇجرىسىدا تۇرۇپمۇ قالايمىقان قاراشقا جۈرئەت قىلالماي، تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىغاندىن كېيىن، ئەينەكتىكى ئوسال سەت چىرايىغا قاراپ قويدى.
ئەينەكتىكى ئۆزى سولغۇن، ياداڭغۇ بولۇپ، كۆزلىرى قىزىرىپ، قاپاقلىرى ئىششىپ، چاچلىرى باشلىرىغا چاپلىشىپ، پېشانىسى چوڭ ئېچىلىپ قالغانىدى.
مۇنىرە ئەينەكتىكى يۈزىگە بىر كاچات سالدى.
نېمىدېگەن سەت.
يامغۇردا قالغاندىن كېيىن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنسا، پۇت-قوللىرى ئىللىپ، خۇددى كۆرۈنمەس كۈچ بىلەن يېنىك ئۇۋۇلىغاندەك، قانلىرى جانلىنىپ، روھلىنىپ قالاتتى.
مۇنىرە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالماشتۇرغان كىيىملىرىنى كىرئالغۇغا سېلىپ، تازىلىق ئۆيىنى يەنە بىر قېتىم ئىنچىكىلىك بىلەن تازىلىدى، ئۆزى سەۋەبلىك بىرەر يەرنىڭ مەينەت پېتى قېلىشىنى خالىمىدى، ئاندىن مۇنچا كىيىمىنى كىيىپ، نادىرنىڭ مۇنچىغا قويغان ساپما كەشىنى كىيىپ سىرتقا چىقتى.
بۇ شىركەت نادىرغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ئۆي بولۇپ، چوڭ ھەم قۇپقۇرۇق ئىدى، ئۆي ئىگىسى بۇ يەردە تۇرۇشنى ئويلاشمىغانلىقتىن پاكىز بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايتتى.
مۇنىرە ھەممە يەرگە تەپسىلىي قارىماسلىققا تىرىشىپ، ئۇدۇل مېھمانخانىغا قايتىپ كەلدى.
نادىر يوق ئىدى، ئەكسىچە ئايلانما تامنىڭ كەينىدىكى ئىشىك تەرەپتىن ئېغىرمۇ ئەمەس، يېنىكمۇ ئەمەس ئاۋاز چىقىۋاتاتتى.
مۇنىرە ئاۋازغا ئەگىشىپ مېڭىپ، بىر قاراپلا جايىدا تۇرۇپ قالدى.
ئىشىك ئالدىدىكى ئاياغ ئىشكاپىنىڭ سېرىق چىراغ نۇرى ئاستىدا، نادىر بېلىنى ئېگىپ، ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن پول سۈرتكۈچنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدى-كەينى بولۇپ پولدىكى سۇ داغلىرىنى سۈرتۈۋاتاتتى.
مۇنىرەنىڭ كۆڭلىدە بىر-بىرىگە زىت بولغان پىكىر پەيدا بولدى، بۇنداق ھەرىكەت نادىرغا ئوخشاش ئادەمگە ماس كەلمەيدىغاندەك بىلىندى، يەنە كېلىپ ھازىرقى نادىرنىڭ سىرتتا سالاپەتلىك كىيىنگەن نادىر ئەپەندىگە قەتئىي ئوخشىمايتتى.
نادىر پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئالدىدىكى بۇ باش جىنايەتچى مەينەت قىلىۋەتكەن پولنى تازىلىغاچ، بېشىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ:
- ئاشخانىغا كىرىپ زەنجىۋىل شورپىسىنى ئىچىۋېلىڭ، - دېدى.
ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى بىلەن زەنجىۋىل پۇرىقىنى پۇرىغاندەك بولدى، مۇنىرە بۇرۇنىنى تارتىپ، ساپما كەشنى پالاقلىتىپ سۆرەپ ماڭدى.
نادىر ئەپەندى دەرۋەقە ئاقكۆڭۈل ئادەمكەن. ياقتۇرۇپ قالدى.
ئەمما مۇنىرەنىڭ ياقتۇرۇپ قېلىشى قانداق تېز پەيدا بولغان شۇنداق تېز يوقالدى، زەنجىۋىل شورپىسىدىن بىر يۇتۇم ئوتلىغاندىن كېيىن يۈزى پۈرلۈشۈپلا قالدى، نادىرنىڭ قانچىلىك زەنجىۋىل سالغانلىقىنىمۇ بىلمىدى، شۇنچىلىك ئاچچىق ئىدى.
زەنجىۋىلنىڭ ئاچچىق تەمى بىلەن مۇچنىڭ ئاچچىق تەمى ئوخشىمايدۇ، مۇنىرە بۇ خىل ئاچچىقنى ياقتۇرمايتتى.
مۇنىرە نەپەس ئالماي ئىككى يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن، قاچىسىنى كۆتۈرۈپ، نادىرنىڭ كىرمىگەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، تۆكۈۋەتمەكچى بولدى، ئەمما نادىر دەل ۋاقتىدا كىرىپ تۇتۇۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن:
- تولۇق ئىچىۋېتىڭ، - دېدى.
مۇنىرە تىركىشىپ:
- بەك قويۇق ئىكەن ... - دېدى.
نادىر پىخىلداپ كۈلۈپ كېتىپ:
- كاللىڭىزدىكى سۈيىڭىزنى نېيتراللاشتۇرىدۇ، - دېدى.
مۇنىرە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر تىنىقتا ھەممىنى ئىچىۋەتتى.
نادىر ئىستاكاننى كۆتۈرگەن تۇرقىغا ھېچقانداق باھا بەرمەي، پول سۈرتكۈچنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكەچ:
- ئاشخانىنى يىغىشتۇرۇپ قويۇڭ، - دېدى.
مۇنىرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئاشخانىنى ئايلىنىپ چىقتى. مەينەت بولغان ئىزنى تاپالمىدى، بىراق بايا زەنجىۋىل قايناتقاندا ئىشلەتكەن ئاشخانا سايمانلىرى، قاچا-قۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان جايلار پاكىز بولۇپ، نادىرنىڭ قانداق تازىلىغانلىقىنى بىلمىدى.
ياۋاشلىق بىلەن ئاشخانىنى پاكىز يىغىشتۇرۇپ، ئىشلەتكەن دەسمالنى سىقىپ، جۈمەكتىن سۇ چۈشۈرۈپ پاكىز يۇدى.
بۈگۈنكىدەك ۋاقىتتا نادىرنى ئۇچرىتىپ قېلىشىنى ، يەنە كېلىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى .
ھەرقېتىم ئەڭ قىيىن، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا بۇ ئادەمگە ئۇچراپ قالغىنى نېمىسى.
- تازىمۇبىر
مۇنىرە دەسمالنى نەچچە قېتىم يۇيۇپ، قاتتىق غەزەپلەندى.
ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدە نادىرنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرگۈدەكمۇ يۈزى قالمىدى!
نادىر پولنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنىرەنىڭ مۇنچىنىڭ بۇلۇڭىغا قويۇپ قويغان ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىنى ئاياغ ئىشكاپىغا سېلىپ قويۇپ، يەنە ئىشلىتىپ باقمىغان مېھمانلارغا تەييارلاپ قويغان ياتاق ئۆينى ئېچىپ، باشتىن-ئاخىر بىر قېتىم تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، يېڭىدىن ئالماشتۇرغان يوتقان-كۆرپىلەرنى ئۇنىڭغا يېپىپ قويۇش ئۈچۈن تەييارلىدى، قايتىپ چىقىپ مۇنىرە يۇيۇشقا سېلىپ قويغان كىيىملەرنى يېرىم قۇرۇتۇپ بالكۇنغا ئېسىپ قويدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar