تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 30-قىسىم_ ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشتى

文摘   小说   2024-12-09 15:09   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق 80-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29282726


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

30-قىسىم

   

ئاسقۇ 3تال 9.9 يۇەن



----------------------


30 – قىسىم   ئىشلاردا ئۆزگىرىش بوپتۇ!


دىڭ -  دۇڭ.

مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ گازىر چېقىۋاتقان مۇنىرەنىڭ ئاپىسى بېشىنى بۇراپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، يولدىشىنى ئىتتىرىۋېتىپ:

   -  قىزىق ئىش، ئەگەر بۈگۈن كەچتە سايرىمىغان بولسا، بىزنىڭ ئۆيدە ئىشىك قوڭغۇرىقى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، يەنە كېلىپ بۇنچە كەچتە سايرىدى...  ھاڭۋىقىپ تۇرماي، تېز بېرىپ قاراپ بېقىڭ!  - دېدى.

دادىسى سۆڭگىچىنى مىدىرلىتىپ،  بارغۇسى كەلمىگەن بولسىمۇ، ئايالىغا ئالىيىپ قويۇپ،  ساپما كەشىنى سۆرەپ بېرىپ ،  ئىشىكنى ئېچىپ:

   - كىم... - دەپلا تۇرۇپ قالدى.

ئۇنىڭ كۆزى ئۇدۇلدىكى ئېگىز، كېلىشكەن ئەرنىڭ يۈزىگە چۈشتى، بىر ئازدىن كېيىن ئۇ ئەرنىڭ دۈمبىسىدە ئۇخلاۋاتقان قىزىنى كۆرۈپ قېتىپلا قالدى.

 ـ  تاغا، مەن مۇنىرەنىڭ دوستى، ئۇ مەست بولۇپ قالدى، ـ دېدى نادىر ئەدەپ بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ. 

مۇنىرەنىڭ دادىسى ئېسىگە كېلىپ،  ئالدىراپ-تېنەپ قولىنى سوزۇپ مۇنىرەنى ئالماقچى بولۇپ:

- رەھمەت، رەھمەت، ماڭا بېرىڭ، - دېدى. 

نادىر مۇنىرەنىڭ دادىسىنىڭ ئورۇق، پاكار بەدىنىگە قاراپ  قولىنى قويۇۋەتمىدى.

مۇنىرە خېلى ئېغىر بولغاچقا، دادىسىمۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىگە قاراپ قويۇپ، ئاخىرى مادارىغا قاراپ ئىش قىلىشنى قارار قىلىپ:

-  كەچۈرۈڭ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم. - دېدى.

نادىر دۈمبىسىدىكى ئادەمنى يۇقىرىغا سىلكىدى، مۇنىرە بىرنەچچە قېتىم غودۇڭشىدى، بېشىنى نادىرنىڭ بوينىغا سۈركىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئويغىنىدىغاندەك قىلمايتتى.

نادىر ئۆيگە كىرىپ، تۆۋەن ئاۋازدا:

   -  ئاۋارىچىلىك ئەمەس، - دېدى.

ئۇ ھەقىقەتەن ئاۋارىچىلىك ھېس قىلمىدى،  مۇنىرەنىڭ ئاپىسىمۇ چۆچۈپ، قولىدىكى گازىرمۇ چېچىلىپ كەتتى.

نېمە ئىش بولدى،  قىزىنى باشقىلار تاشلىۋەتكەنغۇ، ئەمما مۇشۇنداق كېلىشكەن ئەرنى كەلتۈرۋالغىنى قىزىق بولدىغۇ؟ ! بۇنداق قابىلىيىتى بارلىقىنى ئۇ نېمىشقا بىلمەيدۇ!

 نادىر مۇنىرەنىڭ دادىسىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئاپىسىغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

- ياخشىمۇسىز، ھامما.  - دېدى.

- ھە، ياخشى. - ئاپىسىنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولۇپ، ئۈچەيلەن مۇنىرەنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاندىن سافادىن سەكرەپ چۈشتى.

مانا مانا ئىشلاردا ئۆزگىرىش بوپتۇ!

نادىر مۇنىرەنى ئاۋايلاپ كارىۋاتقا قويدى، مۇنىرە ئۆرۈلۈپلا يوتقانغا يۆگىشىپ قايتا مىدىرلىمىدى.

دادىسى ئۇنىڭ پېشانىسىگە بىرنى ئۇرۇپ تۇرۇپ:

  -  مۇشۇنداقمۇ ئىچكەن بارمۇ؟ - دېدى. 

نادىر بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، مۇنىرەنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئانچە رەتلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدى، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئانچە چوڭ بولمىغان ھۇجرا ئۆي توشۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. تامغا رەقەملىك كود بويىچە رەڭ بېرىلگەن بىر نەچچە پارچە ماي بوياق رەسىم ئېسىلغان، ئىشكاپنىڭ تەكچىسىگە قولدا تۇقۇلغان ياپقۇچ قويۇلغان  ، تامغا ھەر خىل قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئېسىلغان بولۇپ، ئۈستەل ئۈستىگە يەنە بىر دۆۋە لايىھەلەشتە ئىشلىتىدىغان سايمانلار يېيىقلىق تۇراتتى ... بېرىپلا رەتلەپ قويغۇسى كەلدى.

نادىر قاپىقىنى تۈرۈپ، كارىۋات بېشىدىكى  ئېللىپىس شەكىللىك كىچىك سېۋەتتىن تىزگىنەكنى ئېلىپ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىغا تەڭشەپ، يانتۇ سېۋەتنى تۈزلەپ قويدى.

- رەھمەت سىزگە.  - دېدى مۇنىرەنىڭ دادىسى.

نادىر بېشىنى چايقاپ:

   -  مەن ئۇنى   تەكلىپ قىلغان، كەچۈرۈمنى مەن سورىسام بولىدۇ، - دېدى. 

 دادىسى بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەنىلا:

- ئۇنى ئەكېلىپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، بۇ رەھمەتنى چوقۇم ئېيتىشىم كېرەك، - دېدى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئىشىك ئالدىدا  يۆتىلىپ قويۇپ، قاچانلاردا يۇيۇلغان بىر تەخسە مېۋىنى كۆتۈرۈپ، كۈلۈمسىرەپ:

   -  يىگىت، مېھمانخانىغا كېلىپ مېۋە يېگەچ پاراڭلىشايلى، - دېدى. 

نادىر ئورنىدىن تۇرۇپ خوشلىشىپ:

   -  سىزنى ئاۋارە قىلماي،  شوپۇر مېنى پەستە ساقلاپ تۇرىدۇ، ماڭمىسام بولمايدۇ.  - دېدى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ كۆڭلى ئۇنىمىغان بولسىمۇ، قولىدىكى مېۋە تەخسىسىنى يولدىشىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، نادىرنى قىزغىنلىق بىلەن ئۇزىتىپ قويماقچى بولۇپ:

  -  تازىمۇبىر، مۇنىرە ئاران تەستە دوستىنى باشلاپ كەلگەندە،  ياخشىراقمۇ كۈتۈۋالالمىدۇق، - دېدى.

دادىسى ئوغرىلىقچە كۆزىنى ئالايتىپ قويدى، قايسى دوستى يېرىم كېچە سائەت 11 دىن ئاشقاندا ئۆيگە كېلىدىكەن، يەنە كېلىپ ئەر كىشى!

 نادىر ئىشىك ئالدىغا چىققاندىن كېيىن:

-  تۇرۇپ قېلىڭ.  - دېدى.

- ھەي، مەن سىزنى بىنانىڭ ئاستىغىچە ئۇزىتىپ  قوياي - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى.

  -    ھاجىتى يوق. ـ  دېدى نادىر قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزى بىلەن مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئارىلىق ئېچىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ،  ـ مۇنىرەنى شۇنچە كەچ ئەكېلىپ قويغىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر نەچچە رومكا ئارتۇق ئىچىۋالدى، ئالدىڭىزدا سەت بولدى، - دېدى. 

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  ھېچقىسى يوق، بۇ بالا ئادەتتە دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم سائەت ئوندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىشى ئەمەس.  - دېدى.

- ئۇ بەكلا چارچاپ قاپتۇ، - دېدى نادىر. 

مۇنىرەنىڭ ئاپىسى سەل تۇرۇپ قېلىپ،  نېمىشقا تۇيۇقسىز بۇ گەپلەرنى قىلىدۇ دەپ ئويلىدى؟

 نادىر قەددى-قامىتىنى تىك تۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، كۆزلىرى خۇنۈكلىشىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ :

- ئۇ ماڭا ئۆي تېپىپ بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۆينى بېزەشكە ياردەملەشتى،  كىچىككىنە قىز ئۈچۈن بۇ خىزمەت ئاسان ئەمەس، - دېدى. 

- ھە، ھە، ھە!  - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئاغزىنى ئېچىپ ھەيران بولۇپ،   -  نادىر ئەپەندى بولامسىز! -  دېدى! 

- ھىم، بۈگۈن ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشتى، شۇڭا ئۇنى بىر نەچچە رومكا ئىچىشكە تەكلىپ قىلغانىدىم، بىراق ئۇنىڭ  كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن، بىر نەچچە رومكا ئىچىپلا غەرق مەست بولۇپ، قالايمىقان گەپ قىلىشقا باشلىدى، - دېدى نادىر. 

مۇنىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ يۈزى قىزىرىپ:

   -  ۋاييەي، ئۇ سىزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمىگەندۇ؟  - دېدى.

 نادىر كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى چايقاپ:

- ئۇنداق ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ توختىماي غودۇڭشىغىنىنى ئاڭلىدىم، ئۆزى ھېرىپ قالدىغۇ دەيمەن، ئوبدان ئارام ئېلىۋالسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ، - دېدى.

- ھى... ئۇنچىلىك ئىشنىڭ ھارغۇدەك نېمىسى بار ... - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى.

نادىر كۈلۈپ تۇرۇپ، تۆۋەن ئاۋازدا:

   -  ئۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ، مېنىڭچە ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس، لېكىن ئۇ ئۆيدە تۇرسا، تاغام ، ھاممام بولغاندىكىن ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىسىلەر... ئارتۇق گەپ قىلماي، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭلار، مەن ماڭاي.  - دېدى.

ئۇ بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى، مۇنىرەنىڭ ئاپىسى ئىلاجىسىز <يولدا قاراپ مېڭىڭ> دەپ توختاپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.  ئۇنىڭ كەينىدىن قارىغانسېرى شۇنچىلىك رازى بولدى.

  -   ھەقىقەتەن مۇنىرەنىڭ دېگىنىدەك ئىكەن، ھېلىقى كونا ساۋاقدىشىڭىزنىڭ ئوغلىنى  نادىر ئەپەندى بىلەن سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدىكەن، يەنە مېنىڭچە... - دېدى ئاپىسى. 

نادىرنىڭ گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغان دادىسى ئۇھ تارتىپ:

   -  مۇنىرەگە ئىش تېپىپ بەرمەڭ، بالا بەك چارچاپ كېتىپتۇ، ئۆيدە  بولسىمۇ  ياخشىراق ئارام ئېلىۋالسۇن. - دېدى.

بۇ ئەخمەق خوتۇن، گەپنى مۇشۇنچىلىك دېسىمۇ چۈشەنمىگەنمىدۇ؟!

ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ يېرىم كېچە بولدى، شامال ئاستا-ئاستا كۈچەيدى.

 نادىر ماشىنىغا قايتىپ كېلىپ، ھارغىن ھالدا قوشۇمىسىنى تۈردى.

يات ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇمۇ پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ياردەم قىلالايدۇ.

ئىسپىرتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى،  چىڭىغان نېرۋىسىنى بوشىشىپ، يېنىك بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 مۇنىرە تاكى ئۆزىنىڭ بەدىنىدىن كېلىۋاتقان سېسىق پۇراقنى پۇراپ ئويغانغانغا قەدەر  قانغۇچە ئۇخلىدى.

ھىم يېپىلغان ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيدە بىر كېچە ئېچىغان   پۇراق ئادەمنى سەسكەندۈرەتتى.

ئۇ ئويغانغاندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى پېشانىسىنى تۇتۇپ ئۆتمۈشنى ئەسلەش ئەمەس، بەلكى سەكرەپ-تاقلاپ يۈگۈرۈپ بېرىپ دېرىزىنى ئېچىش بولدى. ھەم ئۆزىدىن ئازراق ئۈمىدسىزلەندى.

يۇيۇنۇپ ياتاق ئۆيدىن چىققان ۋاقتىدا سائەت 10 دىن ئاشقانىدى ، مۇنىرە سافاغا چىقىپ ئولتۇرغاندا، ئاپىسى ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيىنى تۇتقۇزۇپ:

  -  قابىلىيتىڭىز بار ئىكەن ھە، كەچ قالغانلىقىڭىزنى مەيلى دېسەك،  ئەمدىلىكتە مەست بولۇپ قايتىپ كېلىدىغان بوپسىز، - دېدى. 

مۇنىرە ھەسەل سۈيىدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ ئىستاكاننى شىرەگە قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ:

   -  مەن قۇرمىما يەتكىلى خېلى يىللار بولدى، - دېدى.

ئاپىسى ئۇنىڭ قۇلىقىنى تولغاپ تۇرۇپ:

   - سىزنى قۇرامىڭىزغا يەتكۈزگىلى خېلى يىللار بولدى، شۇنچە يىلىدىن بۇيان نېمىشقا ئوغۇل دوستىڭىزمۇ يوق؟ !  - دېدى.

  -  ھەممە ئىشنى ئاشۇ ئىشقا چېتىۋالامسىز... - دېدى مۇنىرە ئاپىسىغا ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ، قۇلىقىنى ئۇۋۇلاپ،   - مۇشۇ يىللاردا، ئەجەبا ئەر كىشى بولمىسا ياشىغىلى بولمامدىكەن؟  قىزىققۇ سىز، - دېدى. 

ئاپىسى ئۇدۇلغا كېلىپ، چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ:

   -  ئالدىنقى قېتىم يانفونغا قاراپ ئەخمەقتەك كۈلۈپ ئولتۇرغان كىم؟ باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇنداق گەپلەرنى قىلغاننىڭ ھېچقانداق قايىل قىلىش كۈچى بولمايدۇ، - دېدى.






 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章