كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
31 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
32-قىسىم
ئاسقۇ 3تال 9.9 يۇەن
32 - قىسىم
ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
ھېچ ئىش بولمايدۇ، ھەممىسى ناھايىتى ئاددىي كىچىك ئىشلار، ياخشى قىلالمىسىمۇ...
- كەچۈرۈڭ، مۇرات دىرېكتور، مەن ماڭغاچ تۇراي! - دېدى مۇنىرە ئەتكەن چايدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ، ئىستاكاننى چايقىۋېتىپ، چايخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
بولمايدۇ، بولمايدۇ، ئويلىغانسېرى قورقۇپ قالدى، ئۇ يەنىلا دەرھال بېرىپ ئىلگىرى تاپشۇرغان ئىشلارنى تەكشۈرۈپ كۆرسە بولغۇدەك!
ئۆزىنىڭ بىخۇدلۇق قىلىپ چاتاق چىقماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.
دەپتەرگە يېزىلغانلىرىنى، كاللىسىدا ئەسكە ئالالايدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇنچەم بىلەن بىر قېتىم توغرىلاپ چىقتى ھەمدە ھەرقايسى بۆلۈملەرنى بىر ئايلىنىپ، يېقىنقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەندىنكىن، مۇنىرەمۇ ئۇھ دەپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ:
< ناھايىتى ياخشى ... ناھايىتى ياخشى. ... ئارقا-ئارقىدىن بەختسىزلىككە ئۇچرىشىم مۇمكىن ئەمەستۇ> دەپ ئويلىدى.
مۇنىرە قولىدىكى خىزمەتكە قاراپ قويۇپ، ئاساسەن پۈتۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىشتىن چۈشۈشنى ساقلاپ ئولتۇردى.
شۇنداق بەخىرامان ئولتۇرغاندا، مال كىرگۈزۈش بۆلۈم دىرېكتورىنىڭ ئاچچىقىدا ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئون نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
مۇنىرە گاڭگىراپ قالدى، ئىچىگە ماڭسا، باش لىدىر ئىشخانىسى ياكى باش دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسى بار...
ئاينۇرمۇ ھەيران بولۇپ:
- توغرا ئەمەسقۇ، بۈگۈن بۇ دىنازاۋۇرنىڭ بىرىنچى بېكىتى نېمىشقا ياندىكى مالىيە ئىشخانىسى ئەمەس؟ - دېدى.
شىركەتتىكى ھەممەيلەن مال كىرگۈزۈش بۆلۈمى بىلەن مالىيە بۆلۈمىنىڭ ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بىرى كۈندە پۇل تەلەپ قىلسا، يەنە بىرى باستۇرۇپ قويۇپ، پۇل بەرمەيدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ كۈندە بىر كىچىك جېدەل، ھەپتىدە بىر چوڭ جېدەل چىقىدۇ، ئىككى بۆلۈم جېدەللىشىپ بولغاندىن كېيىن، باش دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ جېدەل چىقىرىدۇ، لېكىن ئەزەلدىن بىر تەرەپ بىۋاسىتە باش دىرېكتورنىڭ يېنىغا بارمايتتى.
يەنە يېرىم مىنۇتتىن كېيىن، باش دىرېكتور ئۆزى كاتىبات بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، كۆزى غۇنچەمنىڭ ئۈستىدىن سىيپاپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مۇنىرەنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ:
- مۇنىرە، بۇياققا كېلىڭ. - دېدى.
ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
مۇنىرەنىڭ بېشى ئۇيۇشۇپ، مىڭ تەسلىكتە ئېسىنى يىغىپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى.
باش دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسىغا كىرگەندە، مۇنىرە باش دىرېكتورنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ، تېخى كەينىگە بۇرۇلماي تۇرۇپلا، چاچرىغان تۈكۈرۈكلەر ئارىسىدا قالدى.
- بۇ مال كىرگۈزۈش ئىلتىماس جەدۋىلىنى سىز يازغانمۇ؟ ھە؟ ! - دېدى ساقال-بۇرۇتلىرى قويۇق ئەر قولىدىكى نېپىز بىر ۋاراق قەغەزنى سىلكىپ، يېقىنلاپ كېلىپ، - سىز بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىلى قانچىلىك بولدى؟ ھە؟ ماتېرىيال ئىشكاپىدىن 11 نى سېتىۋالامدۇق؟ ؟ ؟ بىزنىڭ شىركەتنىڭ ئىشخانا بىناسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ 11 تال ماتېرىيال ئىشكاپىنى قەيەرگە قويىسىز؟ دەپ بېقىڭە؟ ؟ ؟
مۇنىرە، مۇنىرە، تالون توشقۇزغاندا كاللىڭىز سەگەكمىتى؟ - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭ كۈچەپ سۆزلەپ كېتىشىدىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن سەل خىجىل بولغان ھالدا چۈشەندۈرۈپ:
- 11 نى زاكاز قىلمىدىم، پەقەت بىرنىلا زاكاز قىلدىم ... - دېدى.
بىر ۋاراق قەغەز ئۇچۇپ، يۈزىگىلا تەگدى، مال كىرگۈزۈش دىرېكتورى سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:
- كەينىدە يەنە بىر بار، ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ! - دېدى.
قەغەزنىڭ ھېچقانچە سالمىقى بولمىسىمۇ، ئەمما مۇنىرەنىڭ يۈزى ئوتتەك ئېچىشىپ كەتتى، ئېتىلىپ چىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، قەغەزنى قولىغا ئېلىپ، كۆزلىرىنى قىسىپ، ئۈستىدىكى سانلارغا تەپسىلىي قاراپ چىقتى، ئېنىق 11 نى كۆرۈپ، رەددىيەمۇ بېرەلمىدى.
- ھازىر نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئېلىپ كېلىنىپ، كارىدورغا تىزىپ قويۇلدى، سىزنىڭچە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ - دېدى مال كىرگۈزۈش بۆلۈم دىرېكتورى.
مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، تەسلىكتە:
- مەن تەمىنلەش سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قايتۇرغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي، - دېدى.
- سوراپ باقامسىز؟ مەن ھازىرغىچە ئارتۇق سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن مالنى قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم! سۆزلىشىپ باقارمىش! كاللىڭىز جايىدىمۇ ئەمەسمۇ؟ سان ئۆزگەرسە باش دىرېكتور ئىمزا قويۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ يوللىۋېتەمسىز؟ باش دىرېكتورغا قايتا كۆرسىتىشنى بىلەمسىز؟ ئەگەر ئۇنىڭغا بىر كۆرسىتىۋەتكەن بولسىڭىز، مۇشۇنداق ئىش بولامتى؟ - دېدى مال كىرگۈزۈش بۆلۈم دىرېكتورى.
- ئۆزگەرتكەندىن كېيىن باش دىرېكتورغا كۆرسەتكەن، جەدۋەلنى تولدۇرغاندا خاتا تولدۇرۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ ... - دېدى مۇنىرە.
باش دىرېكتور بېشىنى چايقاپ:
- ئۆزگەرتكەندىن كېيىن مەن كۆرمىدىم. - دېدى.
مۇنىرەنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى، بۇ زادى نېمە ئىش؟
- مېنىڭچە بۇ سىزنىڭ پوچېركىڭىز ئەمەس، سىز ئالدىنقى بىر مەزگىلدە دائىم شىركەتتە ئەمەس، يېڭى كەلگەن خىزمەتچى تولدۇرغان تالونمۇ؟ - دېدى باش دىرېكتور ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى بىلگەندەك قىلىپ، - تالوننى ئېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ. - دېدى.
مۇنىرە چىشىنى چىشلەپ بېشىنى لىڭشىتتى، ئىشخانىغا قايتىپ كېلىپ، غۇنچەمنىڭ ئۈستىلىگە خالىغانچە تاشلاپ قويۇلغان تالوننى ئالدى.
غۇنچەم ئۇنىڭ قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ، دەككە-دۈككە ئىچىدە:
- مۇنىرە ئاچا... - دېدى.
- ھېچقىسى يوق. - دېدى مۇنىرە تالوننى ئېلىپ، ئالدىراپ-تېنەپ باش دىرېكتورنىڭ ئىشخانىسىغا قايتا كىرىپ، تالوننى باش دىرېكتورنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
ئاساسىي تالوندىكى ماتېرىيال ئىشكابىنىڭ سانى قول بىلەن ئۆزگەرتىلگەنىدى، ئۆزگەرتىش جەريانىدا، خەت قېنىقلىتىپ يېزىلىپ ئۆزگەرتىلگەچكە، ئوتتۇرىسىدا يەنە يوچۇق قېلىپ، تازا دىققەت قىلمىسا، 1 نى 11 دەپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.
خاتالىق كىمدە؟ خاتا چۈشىنىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان تۇرۇقلۇق قول بىلەن ئۆزگەرتكەننى تەكشۈرمىگەن مۇنىرەدىمۇ ياكى بىخەستەلىك قىلغان غۇنچەمدىمۇ؟
ناھايىتى روشەنكى، غۇنچەم مۇتلەق كۆپ قىسىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لېكىن ئۇ خىزمەتكە چۈشكىلى ئۇزۇن بولمىدى، بۇ مەسئۇلىيەتنى ئەسلا ئۈستىگە ئالالمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ خاتالىق مۇنىرەنىڭ بېشىغا كىيىلدى.
مال كىرگۈزۈش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئۇنىڭ كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- ئىشنى باشقىلارغا تاپشۇرغاندا ئېنىق تاپشۇرمامسىز... ئەمدىلا كەلگەن خىزمەتچىنىڭ سىزدىنمۇ ئەستايىدىل، ئەتراپلىق ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمسىز ياكى بىزنىڭ بۆلۈمىنىڭ خاتالىقنى بايقاپ، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىپ قايتا سورىشىنى ئۈمىد قىلدىڭىزمۇ؟ بىر ئىشكاپ 246 يۈەن، ئەمدى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز؟ - دېدى.
- بولدى، بولدى، گەپ مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. - دېدى باش دىرېكتور ئوتتۇرىغا چىقىپ ، - بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ھېچكىم خالىمايدۇ، سىز ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت تەرەپتە ئىشكاپقا ئېھتىياجى بار-يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ، بار بولسا بىر نەچچىنى ئاپىرىپ بېرىڭ، قالغىنىنى قايتۇرغىلى بولسا قايتۇرۇۋېتىڭ، ئەگەر قايتۇرغىلى بولمىسا سەل ئەرزانلىتىپ سېتىپ چىقىرىۋەتكىلى بولامدۇ قاراپ باقايلى، مال تەمىنلىگۈچى سودىگەر قايتۇرۇپ ئالامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، ئوتتۇرىدا باھا پەرقى بولسا ئۇلارمۇ پۇل تاپالايدۇ، رەت قىلماسلىقى مۇمكىن. - دېدى.
بۇ گەپ مۇنىرەگە تەسەللى بولدى، بىراق مال كىرگۈزۈش بۆلۈم دىرېكتورىنىڭ بولدى قىلىشى ئۈچۈن، مۇنىرەنى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلدى.
- مۇنىرەنىڭ بىر ئايلىق مائاشى تۇتۇپ قىلىنىدۇ، كېلەر قېتىم دىققەت قىلىڭ. ھەممىڭلار قايتىڭلار، - دېدى باش دىرېكتور.
مال كىرگۈزۈش بۆلۈم دىرېكتورى مۇنىرەگە غەزەپ بىلەن قاراپ قويۇپ، ئاچچىقى كەلگەن ھالدا چىقىپ كەتتى.
مۇنىرە باش دىرېكتورغا تازىم قىلىپ، بۇرۇلۇپ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى.
ئۇ ئىشخانىغا قايتماي، ئاۋۋال تازىلىق ئۆيىگە باردى.
مۇزدەك سۇدا يۈزىنى يۇيۇپ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى.
ئاۋۋال بۇ يەردە جىمجىت تۇرۇپ ئۆزىنى بېسىۋالماقچى بولدى.
ئەمما قول يۇيۇش سۇپىسىغا قويۇلغان يان تېلېفون تىترەشكە باشلىدى، مۇنىرە جۈمەكنى ئېتىۋېتىپ، يۈزىنى سۈرتتى.
ھەقىقەتەن ساراڭ بولاي دېدى!
كەلگەن تېلېفون نومۇرىدىكى ئىسىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى بىر ئاز تۇتۇۋېلىپ:
- ئاپا، نېمە بولدى؟ - دېدى.
تېلېفوندىكى ئاپىسىنىڭ ئاۋازى خۇشاللىققا تولغان بولۇپ:
- بۈگۈن سىمېنا قوشۇپ ئىشلىمەڭ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇدۇل رۇڭشىن مېھمانسارىيىغا كېلىڭ، سائەت ئالتىدە، سىزنى ساقلايمىز.. . - دېدى.
- نېمە؟ - دېدى مۇنىرە.
ئاپىسى جاۋاب بەرمەي، ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىپ:
- ئىشقىلىپ ئىش بار، ۋاقتىدا كەلسىڭىزلا بولدى، بارغاندىن كېيىن تېلېفون قىلىڭ، - دېدى.
- ھەي، زادى نېمە ئىش بولدى؟ - دېدى مۇنىرە.
ئەمما تېلېفون ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ قالدى.
مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، قاپقارا ئېكرانغا قارىدى، ئاندىن يەردىكى پۇختا يېتىلغان چىنە خىشقا قارىدى، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ئىدى.
تېلېفون ئالماشتۇرۋەتكۈسى كەلدى؟!
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar