كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم 第10部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
34 | 33 | 32 | 31 |
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات10-بۆلۈم
35-قىسىم
35-قىسىم
دۈشمەنلىك غەرىزى
ئامانگۈل ئالدىغا بېرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
- مەن بايا تېخى سىزنى نېمىشقا يوقتۇ دەپ ئويلاپتىمەن. - دېدى.
زۇبەيدە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ :
- بىر ئىش بىلەن ئازراق كېچىكىپ قالدىم، - دېدى.
- كەلسىڭىزلا بولدى. مەن مەۋلان ئۈچۈن بەك خۇشال بولدۇم، سىز راستتىنلا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگىلى كەلدىڭىزمۇ. - دېدى ئامانگۈل.
گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزىدىن قارىغاندا، زۇبەيدە يات ئادەم ئورنىغا چىقىپ قالدى.
- ئامانگۈل خانقىز. - دېدى زۇبەيدە ئالدىراقسانلىق قىلماي، - مەن مەۋلاننىڭ ئايالى، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىم نورمال ئىش. سىزنىڭ بۇ يەردە خۇشال بولغۇدەك نېمە ئىشىڭىز بار؟ - دېدى.
ئامانگۈل سەل تېڭىرقاپ:
- چۈنكى ئاڭلىسام شىركىتىڭلارنىڭ يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى مەۋلاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئېچىلىپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنى قېيىدىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ... - دېدى.
زۇبەيدە سۇسقىنا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئۇلار؟ ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ يەنە سىزنى مەۋلاننىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ، مەۋلاننى سىزنى دەپ مەن بىلەن يۈزمۈيۈز تىركىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىشقا مەجبۇرلىدى دېگەنلىكىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئەمەسقۇ دەيمەن. - دېدى.
ئامانگۈلنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە بارا ـ بارا قېتىپ قالدى.
خاسىيەت زۇبەيدەنىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رازىمەنلىك كۈلكىسى تېخىمۇ كۈچەيدى.
كۆپچىلىك بەس-بەستە ئامانگۈلگە قارىدى، ئامانگۈلنىڭ يۈزى قىزىپ كەتتى.
- ئەگەر مەن سىز بولغان بولسام، بۇلارنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، بۇ يەرگە كەلمەستىن، بەلكى گۇماندىن خالىي بولۇشنى ئويلايتتىم.
ئامانگۈل خانقىز، توردا ماڭا بېرىلگەن سەلبىي باھالار ناھايىتى كۆپ، سىزنىڭچە سىز كۆپچىلىك پىكرىدىن پايدىلىنىپ ماڭا بېسىم ئىشلەتسىڭىز، مەن راستتىنلا بەرداشلىق بېرەلمەي تەشەببۇسكار بولۇپ ئاجرىشىپ كېتىشنى تاللامدىم؟ - دېدى زۇبەيدە يوشۇرماي، سۇس كۈلۈپ قويۇپ، ئالدىرىماي - تىنىمەي بەزى گەپلەرنى ئۇدۇل قىلدى.
قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى قىلىشنى ئويلاشمىدى.
زۇبەيدە مەۋلانغا قاراپ ، چىرايى سوۋۇپ:
- مەۋلان، مېنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ مۇكەممەل ئاخىرلاشتى، بۇ سىز قىلغان ياخشى ئىش! - دېدى.
مەۋلان تەبىئىي بولالماي ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- مەن دەسلەپتە ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمەپتىمەن. - دېدى.
زۇبەيدە ئۇنى ئىتتىرگەن بولسىمۇ، قولىنى قويۇۋېتىشكە ئۇنىمىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا، ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ بېلىدىن تارتىپ، باغرىغا چىڭ باستى.
زۇبەيدە ئۇدۇلدىن ئۇنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرۇپ قالدى، بۇنداق قىياپەت ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىنى قىزارتىۋەتتى.
مەۋلان بۇنى قىلچە ھېس قىلمىغاندەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ:
- بايا نەگە باردىڭىز؟ مەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىغا بېرىپ سىزنى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، - دېدى.
زۇبەيدە ئىككى بىلىكىنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قويۇپ، ئۆزىگە تىكىلىپ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، قىزىللىق قۇلاق تۈۋىدىن يۈزىگە يامراپ:
- سىز ماڭا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ بەرمىگەنلىكىڭىزنى جەزملەشتۈرەلەمسىز؟ - دەپ سورىدى.
- مەن شۇنداق ئەبلەخمۇ؟ بىكاردىن-بىكار سىزنى ئىزدەپ بېرىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرامدىم؟ ! - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدە قېشىنى ئېتىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- ئۆزىڭىزنى خېلى ياخشى ئادەم دەپ قارامسىز؟ - دېدى.
مەۋلان بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ:
- ئەلۋەتتە، مەن ياخشى ئادەم بولمىسام، سىز مېنى شۇنچە ياخشى كۆرەمتىڭىز؟ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن، مەن چوقۇم ياخشى ئەر بولۇشۇم كېرەك. - دېدى.
زۇبەيدە ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، دىمىقىنى قېقىپ:
- بۇرۇن بىلمەيتتىم، ھازىر يۈزىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن قېلىن ئىكەنلىكىنى بىلدىم، - دېدى.
ئەتراپتىن سوغۇق ئىچىگە تارتىشقان ئاۋازلار ئاڭلاندى.
مەۋلاننىڭ قاپقارا كۆزلىرى ئۇنىڭغا ئىزچىل تىكىلىپ تۇراتتى.
ھەممە ئادەم ئۇنى ئاچچىقلىنىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان چاغدا، ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ:
- ئۇنداقتا سىز چوقۇم ياخشى ماسلىشىشىڭىز كېرەك، بۇ يەردە يۈزى قېلىن ئادەم ئەمەس، يۈزى تېخىمۇ قېلىن ئادەم بار، - دېدى.
زۇبەيدە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- سىز راستتىنلا يۈز - ئابرۇيىڭىزنى ئويلاشمامسىز؟ - دېدى.
مەۋلان ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ:
- يۈز - ئابرۇي دېگەن نېمە، ئۇ ماڭا ئوغۇل تۇغۇپ بېرەلەمدۇ؟ - دېدى.
زۇبەيدە بۇ قېتىم گەپ قىلالماي قالدى.
كۆپچىلىكمۇ بۇ گەپتىن قېتىپلا قالدى.
بۇ يەنىلا ئۇلار ھەزەر ئەيلەيدىغان ھېلىقى سوغۇققان ئەرمۇ؟
بۇ زادى قانداق ئىش؟
ئەر-خوتۇن ئىككىسى ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ دېگەنغۇ؟
زۇبەيدە خانىمنى تويدىن كېيىن سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، تۇل قالغان دېيىشكەن ئەمەسمۇ؟
ھازىرقى ئەھۋال نېمىشقا مىش-مىش پاراڭلارغا ئوخشىمايدۇ؟
بىرى نەزىرىنى بىر چەتتە تۇرغان ئامانگۈلنىڭ ئۈستىگە قويدى.
ئەسلىدە بۇ سابىق قىز دوستىنىڭ پەيدا بولۇشى بۈگۈنكى باش پېرسوناژغا نىسبەتەن چوقۇم بىر چوڭ خۇشاللىق دەپ ئويلىغانىدى، ھەتتا ئىككىسى ئاخىرى قايتىدىن جەم بولۇپ، ھەممەيلەننى خۇش قىلىدۇ دېيىشكەن.
لېكىن ھازىر قارىغاندا، بۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، زۇبەيدەنىڭ بايىقى گېپىنىڭمۇ ئاساسى بار.
زۇبەيدەنىڭ توردا كۆپچىلىك پىكىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ئىكەن، ئەگەر باشقا ئادەم بولسا، ئەمدى بۇنداق بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن زىياپەتتە پەيدا بولۇشنى تاللىمايتتى.
بۇنداق بولغاندا، ھەممە كىشىنى مەۋلان بىلەن ئۇنى ھەقىقىي مەنىدىكى بىر جۈپلەر دەپ ئويغا سالالايتتى.
ئەگەر يېرىم يولدا زۇبەيدە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، مەۋلان بىلەن توي قىلمىغان بولسا، ئىش ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك بولۇپ قالمىغان بولاتتى.
كۆپچىلىكمۇ ئىزچىل مۇشۇنداق دەپ قارايتتى.
زۇبەيدەنى باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىنى بۇزغان، ھەقىقىي چېكىنىپ چىقىشقا تېگىشلىك ئادەم بولۇپ قالاتتى.
ھازىر، ھەممەيلەننىڭ ئىدىيەسى ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدى.
ئەگەر قارا نىيەتلىك قىلىشقا كەلگەندە، قارىماققا تالاش-تارتىش قىلمايدىغان بۇ سابىق قىز دوستى، سەل ئەخلاقسىزدەك كۆرۈنۈپ قالدى.
مەۋلاننىڭ ھازىر باشقىلارنىڭ قانداق ئويلىشى بىلەن كارى بولمىدى، كۆڭلىدە خۇشال بولۇپ ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.
بۇ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم بىر ئادەمنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن ساراڭ بولاي دېگەن ۋاقتى.
ئۇنىڭ ھازىر كۆڭلىدە زادى قانچىلىك ھاياجانلانغانلىقىنى بىر ئۆزى بىلىدۇ.
بارغانسېرى قاتتىق خۇش بولۇپ:
- سىز تېخى ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭىز! بايا نەگە باردىڭىز؟ مەن نېمىشقا يىغىن مەيدانىدىن سىزنى تاپالمايمەن؟ - دەپ سورىدى.
زۇبەيدە لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- زىياپەتكە كەلگەنىكەنمەن، بىرئاز ياسانمىسام بولماس، - دېدى.
ياسىنىش؟
مەۋلان چۆچۈپ كەتتى، ئۇنى سەل قويۇپ بەردى ۋە باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىللىق بىلەن قاراپ چىقتى.
كۆزلىرىدىن رازىمەنلىك بالقىپ:
- مەخسۇس مەن ئۈچۈن ياساندىڭىزمۇ؟ - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ قىپقىزىل لەۋلىرى سەل-پەل كۆتۈرۈلۈپ:
- گۈزەل ئويلاپ كېتىپسىز، مېنىڭ پەقەت يۈزۈمنى تۆكۈۋالغۇم يوق. - دېدى.
- شۇنداق، خانىمىمنىڭ يۈزىنى قىلىش ئۈچۈن خېلى ئەتراپلىق ئويلاپسىز! - دېدى مەۋلان.
زۇبەيدەنىڭ چىرايى بىرئاز تەبىئىي بولالماي، مەۋلاننىڭ گېپىگە قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي قالدى.
بېشىنى سەل-پەل تۆۋەن سېلىپ، يۈزىدە يەنىلا بىر قەۋەت قىزىللىق پەيدا بولدى.
مەۋلاننىڭ كۆزى ئىزچىل ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى.
چېچى چىرايلىق تۈرۈلگەن، ئاق رەڭلىك تىۋىتلىق ھالقىسى خۇددى سىرتتىكى قار ئۇچقۇنىدەك ئاپئاق تىترەپ تۇراتتى.
بەدىنىدە يەنە سۇس خۇش پۇراق بار بولۇپ، ئەتىر چاچقاندەك قىلاتتى.
ئۇنىڭ بۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىشىنى كۆرۈش بەك تەس.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەنلىكىنى، ھەممىلا يېرىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى.
پەقەت مۇشۇ بەدەن شەكلى ۋە گۈزەل چىرايىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى ، بولمىسا نېمىشقا قارىسا قارىغۇسى كېلىپلا تۇرىدۇ، قارىغانسېرى خەتەرلىك ھېس قىلىدۇ؟
ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن بەك يېقىن ئارىلاشسا، ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى تۈگىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەۋلان قەستەن ئارىلىق ساقلىغان تەقدىردىمۇ، زۇبەيدەنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قېچىپ قۇتۇلالماپتۇ.
مەۋلان زۇبەيدەگە بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ، قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى سىقىپ، چىرايىنى تەپسىلىي كۆرۈشىگە قولايلىق ياراتتى.
زۇبەيدە كۆزلىرىنى قاچۇرغۇدەك پۇرسەت تاپالماي، پەقەت ئۇنىڭغا ئۇدۇل قاراشقا مەجبۇر بولدى.
مەۋلاننىڭ چوڭقۇر كۆزلىرىدىكى كەيپىيات ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىردىنلا لەرزىگە سېلىپ، كۆزلىرى تىترەپ كەتتى.
ئىللىق بارماقلىرى ئۇنىڭ ئاستىنقى ئېڭىكىنىڭ تېرىسىگە يېنىك سۈركىلىپ، ئىنچىكە بوينى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
مەۋلان بارماق ئۇچىدىكى نازۇك تېگىش سېزىمىدىن ئۆزىنى تارتالماي:
- چىرايلىق بوپكېتىپسىز، - دېدى.
ئۇنىڭ كۆزلىرى زۇبەيدەنىڭ نازۇك يۈزىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرى چىرايلىق كۆزىگە تىكىلدى.
ئىچىدە ھېچقانداق ئارىلاشما يوق، يالغان سۆزلىگەندەك، ياكى ئويۇن قويغاندەك ئەمەس، ئاشۇ قاپقارا كۆزلىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پەقەت ئۇنىڭ سايىسىلا بار ئىدى.
زۇبەيدە سەل تېڭىرقاپ قالدى، بىر مەھەل ئۇنىڭ كۆزىدىن قۇتۇلالمىدى.
ئىككى ئادەمنىڭ ھازىرقى بىللە تۇرۇش ھالىتى، ئەتراپتىكى كىشىلەرنى بىر مەھەل گاڭگىرىتىپ قويدى.
- ھازىرقى ئەھۋالنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، ئائىلىسىنىڭ يۈزىنى دەپ ئويۇن قويۇۋاتامدۇ؟
- سىزنىڭچە رول ئالغان تەقدىردىمۇ، مەۋلان لىدىر ئۆزى ئۆچ كۆرىدىغان ئايالنىڭ نومۇسسىز دەپ تىللاشلىرىنى قوبۇل قىلالامدۇ؟
- ھىم... شۇڭا ... بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ياخشىمۇ؟
- قارىغاندا شۇنداقتەك قىلىدۇ ...
كىشىلەر توپىدا پەس ئاۋازدا قىلىنغان ئاۋازلار كۆتۈرۈلدى.
ئەسلىدە ھېلىلا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىگە قارىشىۋاتقان ئىككىيلەن، شۇ تاپتا بىر-بىرىنى سۆيۈپ قويدى.
مەۋلان يېقىنلاپ كەلگەندە زۇبەيدە يەنىلا ھاڭۋىقىپ قالدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەۋلاننىڭ شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا بۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئەتراپتىن شاۋقۇن-سۈرەنلەر كۆتۈرۈلدى، زۇبەيدە قولىنى كۆتۈرۈپ ئىتتىردى، مەۋلان بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، زۈبەيدەنى كۈچەپ سۆيۈۋېلىپ، رازى بولغاندەك ھېس قىلىپ، ئاندىن قويۇۋەتتى.
زۇبەيدەنىڭ مەڭزى قىزىرىپ ئوت يانغۇدەك بولدى.
بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ھېچكىمگە قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
پېشانىسى تەبىئىي ھالدا مەۋلاننىڭ مەيدىسىگە تېگىپ ، قۇچىقىغا كىرىۋالدى.
ئۇنىڭ خىجىلچان تۇرقىغا قاراپ، مەۋلاندا غەلىتە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى.
ئەينى چاغدا ھەر كۈنى زۇبەيدە بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇنىڭ يۇمشاق قوللۇق قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان، مەڭگۈ مەغرۇرلانغان ھالىتىنىلا كۆرۈپ، ھازىردەك خىجىل بولغان ھالىتىنى كۆرۈش ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەن.
ھىم!
ئەينى چاغدا باشقىلارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدىن قاتتىق بىزارلىق ھېس قىلىدىغان مەۋلان شۇ تاپتا قىلچە خىجىللىق ھېس قىلماستىن، ئەكسىچە زۇبەيدەنىڭ ئېڭىكىنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ، لەۋلىرىدىكى قالايمىقان بولغان لەۋ سۇرۇخقا قاراپ، قولىنى سوزۇپ گىرۋەكلىرىنى سۈرتتى.
زۇبەيدەنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭ كىچىككىنە ھەرىكىتىدىن تەسىرلەندى، ئەمما مەۋلان قوشۇمىسىنى سەل سۈزۈپ:
- لەۋ سۇرۇخىڭىزنىڭ زەھىرى يوقتۇ؟ مېنى سۆيۈپ زەھەرلەپ قويماڭ، - دېدى.
زۇبەيدەنىڭ باھار شامىلىدەك يەلپۈنۈپ تۇرغان قەلبىنى بىردەمدىلا بىر قەۋەت قېلىن مۇز تۇتتى.
بۇ ئەر باشقا ئىش قىلالمىسىمۇ، كەيپىياتنى بۇزىدىغانغا ئۇستا!
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar