تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 28-قىسىم_ يىراقتىن كەلگەن مېھمان

文摘   小说   2024-12-07 13:59   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  







دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ





ئەپچىدە ئاۋازلىق 78-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221



2726


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

28-قىسىم

   

ئاسقۇ 3تال 9.9 يۇەن



----------------------



28 – قىسىم  يىراقتىن كەلگەن مېھمان


مۇنىرە دەككە-دۈككە بولۇپ:

   -  نېمىگە كۈلىسىز؟  - دەپ سورىدى.

نادىر ئۇنىڭغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىتتىكلا ئورنىدىن تۇرۇپ:

- گىرىمىڭىز بۇيۇلۇپ كېتىپتۇ، - دېدى. 

تازىمۇبىر...

مۇنىرە يۈزىنى ئېتىپ، تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

ئۇ ئەمدى نادىرنىڭ ئالدىدا ئەسلىدىكى مۇنىرە بولالامدۇ، ھۈ ھۈ ھۈ ....

يۈزىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنىرە ئىشخانىسىغا قايتىپ كېلىپ، سومكىسىدىن كىچىك ئەينەكنى چىقىرىپ، گىرىمىنى تولۇقلىماقچى بولدى. ئۇپىمۇ ياپالمىغان تاتىراڭغۇ چىرايىنىڭ ھەقىقەتەن قارىغۇدەك يېرى قالمىغانىدى.  ئۆز شىركىتىدىكى ئادەملەر بولسىغۇ ھېچقىسى يوق، لېكىن سىرتتىن مېھمان كېلىپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق.

ئاينۇر كېلىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ:

   -  بولدى، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، نادىر ئەپەندى سىزدىن كەچۈرۈم سورىدى. - دېدى. 

مۇنىرە بېشىنى بۇراپ:

  -  نېمە؟  - دېدى، ئۇ نېمىشقا بۇ گەپنى چۈشەنمەيدۇ؟

ئاينۇر ئۇنىڭ يۈزىنى چىمداپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  شۇنداق گۇمان قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆز ئاغزى بىلەن  سىزگە دەپ قويۇشۇم تاپىلىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراپ ئېغىر گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى، كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىز ئېيتتى،  - دېدى. 

  -  نېمە؟ ؟ ؟ - دېدى مۇنىرە.

  - قارىڭە سىزنى،  ئىشلەۋاتقىنىڭىزغا ئىككى يىل بولدى، نەچچە ئېغىز تىللىغانغا يىغلاپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ، گەپ ئاڭلاڭ، ئەسلىدە مۇشۇنچىلىك ئىشكەن، مەن تېخى سىزگە بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ، سورىغۇم بولسىمۇ، سوراشقا جۈرئەت قىلالماي يۈرۈپتىمەن، - دېدى ئاينۇر. 

مۇنىرەنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ:

   -  نېمە، نېمە دېدىڭىز؟ - دېدى. 

ئاينۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، بارمىقى بىلەن پېشانىسىگە نوقۇپ:

   -  قارىڭە سىزنىڭ ئەخمەق ھالىتىڭىزگە، نېمە، نېمە دەۋەرمەڭ،  ئەخمەق قىز...  بولدى، ئۇمۇ كەچۈرۈم سورىغىلى كەلدى، ئۇنىڭ يۈزىنى دەپ بولسىمۇ  ئەپۇ قىلىۋېتىڭ، كېيىن يەنە كۆرۈشۈپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ، گەپ ئاڭلاڭ ھە، - دېدى. 

غۇنچەممۇ يۇمشاق ئاۋازى بىلەن :

 -  مۇنىرە ئاچا، نادىر ئەپەندى پەقەت خىزمەتتە بىر قەدەر كەسكىن ئىكەن، ئۇنىڭدىن خاپا بولۇپمۇ يۈرمەڭ.  - دېدى.

نەتىجىدە، نادىر ئەپەندى بۇ يۈكنى يەنە بىر قېتىم يۈدۈپ، مۇشۇنداق ئادەتتىكى سەۋەب بىلەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىقتىن ساقلاپ قالدى.

مۇنىرە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، بىر نەچچە قېتىم گېلىنى قىرىپ، ئەس-ھوشىنى يوقاتقىنىچە گىرىم قىلىشقا باشلىدى.

ماي بۇلۇتى كۆزىنىڭ ئەتراپىدا يېنىك ئۇرۇلغان بولسىمۇ، خىيالى   يىراقلاردا پالاس قېقىۋاتاتتى.

دۇنيادا نەدىمۇ نادىردەك ئادەم بار.

ھەم ئادەمگەرچىلىكنى خالىمايدۇ ھەم ئادەمگەرچىلىكتىن يانمايدۇ.

مۇنىرە بۇ ياخشىلىقنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆي بېزەش ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات بىلەن چېرتيوژدىكى پەرقنى بىر مىللىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلدى.

ئەمەلىيەتتە ئۆيمۇ بېزىلىپ بولاي دەپ قالدى، ئۈچ كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، بارلىق تەپسىلاتلارنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ بولغىلى بولىدۇ.

كەچ سائەت توققۇزدا، مۇنىرە نادىرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە ئەمدىلا سېتىۋالغان داستىخاننى سېلىپ سىناپ بېقىپ، ئاندىن قايتىدىن يىغىشتۇرۇپ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى.

نادىرنىڭ مەسىلىسى ئېغىر، مۇنىرە بايا سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە قويۇپ قويغىلى بولمايدۇ، يۇيىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇپ تەييار قىلىپ قويماقچى بولدى.

ئىشىكتىن كىرمەي تۇرۇپلا، ئۆينىڭ قىزغىن كەيپىياتى ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن چىقىپ، مۇنىرەنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ، قوشۇمىسى  تۈرۈلدى.

ئاپىسى يەنە بىرەر تۇغقىنىنى ئېلىپ كەلگەندەك قىلاتتى...

مۇنىرە دەككە-دۈككە ئىچىدە ئىشىكنى ئاچتى، ئىشىك ئالدىغا قويۇلغان ئىككى پارچە گۈللۈك يۈك-تاق خالتىسىنى كۆرۈپلا كەينىگە قاراپ يۈگۈرمەكچى بولدى، ئەپسۇس بىر قەدەم كېچىكىپ قالدى، ئويلىمىغان يەردىن بىر جۈپ قوپال، كۈچلۈك قول  چىقىپ، ئۇنىڭ  بىلىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، قىزغىن، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن:

  -  ھەي مۇنىرە قايتىپ كەپتۇ، خىزمىتىڭىز نېمانچە جاپالىق، ئۆيگە شۇنچە كەچ قايتىپ كېلەمسىز!  قاراڭ - قاراڭ، بۇ بالىنىڭ ئۇرۇقلاپ كەتكىنى . سىڭلىم سىز ئۇنىڭغا قۇۋۋەت تولۇقلاش قىلمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئاپئاق چىشىنى چىقىرىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە.

مۇنىرە كۈلۈپ تۇرۇپ:

   -  ھامما، مەن ئادەتتە كۆپ يەيمەن، لېكىن شۇ سەمىرمەيمەن... ھى... - دېدى.

  -   بۇ بالىنىزە... تېز كىرىڭ،  سىزنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،  ئوبدانراق بىر كۆرۈۋالاي. - دېدى ھاممىسى ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ سەپسېلىپ چىقىپ، كۆزلىرى ئۇنىڭ كۆكرىكى ۋە ساغرىسىدىن ئۆتكەندە چاقناپ كەتتى،  ئىشىكنى ناھايىتى تەبىئىي يۈسۈندا يېپىپ قويۇپ، مۇنىرەنى ھېچقانچە كۈچىمەيلا سۆرەپ ئېلىپ ماڭدى.

مۇنىرەنى سافاغا بېسىپ دېگۈدەك ئولتۇرغۇزدى، ھاممىسىنىڭ ئۇستىخانلىق بىر جۈپ قولى خۇددى تۆمۈر ھالقىغا ئوخشاش ئۇنى جايىدا يۆگەپ تۇتۇۋېلىپ، مىدىرلىغىلىمۇ قويدى.

مۇنىرە  ھاممىسىنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، سافانىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ئاتا-ئانىسىغا كۆز ئىشارىسى قىلدى، ئاپىسى كۆرمەسكە سىلىۋالدى، دادىسى ئاستىرىتتىن ئالىقىنىنى سىقىپ:

<چىداپ تۇرۇڭ، قىزىم، دادىڭىز چىدىغىلى نەچچە كۈن بولدى> دېگەننى بىلدۈردى.

  -  ۋاييەي، بىزنىڭ مۇنىرە ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق چوڭ بوپتۇ، - دېدى  ھاممىسى ئۇنىڭغا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ، ئارقا - ئارقىدىن بىرمۇنچە ماختاپ بولغاندىن كېيىن تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ، مۇلايىملىق بىلەن:

- مۇنىرە يىگىتىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.

مۇنىرەنىڭ يۈرىكى  گۈدۈك ئاۋازدەك دۈپۈلدەپ سوقۇپ، دەرھال ئۆزىنى قاچۇرۇپ:

   -  بار... بار... - دېدى. 

  -  نەدە يۈرۈپ يىگىتىڭىز بار؟!  - ئاپىسى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، كۆزلىرىنى ئالىيىپ قويۇپ،   -  راستتىنلا بىرەرسىنى تاپتىڭىزمۇ؟ - دېدى.

مۇنىرە يانغا بۇرۇلۇپ پېشانىسىنى يۆلەپ، ئىچىدە < ھەي ئاپا، سىز پۈتۈن ئولتۇراق رايوندىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى ئوتقا ئىتتىرمەكچىمۇ! > دېدى.

دادىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ:

   -  مۇنىرە تېخى كىچىك، ئالدىرىمايمىز، ئالدىرىمايمىز، - دېدى. 

 ھاممىسى خۇشخۇي كۈلۈپ قويۇپ،  مۇنىرەنىڭ ئۇرۇق دۈمبىسىگە بىر نەچچە قېتىم شاپىلاقلاپ:

   -  25 ياشقا كىردى، كىچىك ئەمەس، بىر يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىپ، بالىلىق بولسىمۇ، بالدۇرلۇق قىلمايدۇ. مۇنىرە سىزگە دېسەم، مەن سىلەردەك شەھەردە چوڭ بولغان قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى ئويلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، بالدۇر بالىلىق بولسىڭىز، فىگۇرىڭىزنىڭ  ئەسلىگە كېلىشى تېز بولىدۇ، بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، ھازىرقىدەك ياخشى فىگۇرىڭىز ساقلاپ قالالايسىز! - دېدى.

 بۇ گەپنى ئاڭلاپ  مۇنىرەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىمۇ بولمىسا، بۇنداق يىراقتىكى ئىشلارنى قانداقمۇ ئويلىسۇن...

- يەڭگە، مۇۋاپىق ئادەم بولسا ئۇنىڭغا بىرنى تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ. - دېدى مۇنىرەنىڭ ئاپىسى قىزىنىڭ كۆڭلىدىكى چەتكە قېقىشىنى پۈتۈنلەي چۈشەنمەي، سەمىمىيلىك بىلەن،  ـ بىراق يەڭگە سىزگە راست گەپنى دەي، مۇنىرە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن، يىگىت تەرەپ ھېچ بولمىغاندا تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، بىز تاشقى قىياپىتىگە چوڭ تەلەپ قويمايمىز، لېكىن بەك پاكار بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ، ئائىلە شارائىتىنىمۇ تەلەپ قىلمايمىز، ئادەم ئۆزى تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ تۇرىدىغان ئادەم بولسىلا بولدى، - دېدى. 

ھاممىسى قاتتىق ھاياجانلىنىپ چاۋاك ئۇرۇپ، خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي ، ياڭراق ئاۋازدا:

   -  شۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالامدۇ، چوڭ ئاكامنىڭ ئوغلىمۇ تولۇق  كۇرسنى پۈتتۈرگەن، بۇ يىل 28 ياشقا كىردى، مەمۇر، ئۆزى مۇلايىم، ئەدەپلىك، ناھايىتى ئاق كۆڭۈل يىگىت، تازا ماس كەلگۈدەك! - دېدى. 

ئاپىسى ھاياجانلىنىپ:

  -  شارائىت شۇنچە ياخشى تۇرسا، نېمىشقا ھازىرغىچە قىز دوست تۇتمىغاندۇ؟ - دەپ سورىدى 

ھاممىسى ئۇھ تارتىپ قويۇپ:

   -  مەنمۇ سىزدىن يوشۇرمايمەن، ئۇ بۇلتۇر مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى، ھازىرقى جەمئىيەتتە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرگە قارايدىغان ئەمەلىيەتچى بولۇپ كېتىپتۇ، قىزلار ئۇنىڭ تېخى رەسمىي خىزمىتى يوقلىقىنى ئاڭلاپلا يېنىپ قالدى.   بىراق ھازىر ئىمتىھاندىن ئۆتتى، سىز بىلمەيسىز، ئىلگىرى ئۇنىڭدىن بىزار بولغان قىزلارنىڭ بىر قانچىسى ئۇنى قايتىدىن ئىزدىدى، بىراق ئوغۇل بالىنىڭمۇ ۋىجدانى بار، ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇ قاراپمۇ قويمىدى!  - دېدى.

مۇنىرەنىڭ ئاپىسىمۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا:

   -  ھازىرقى جەمئىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ،  ئىلگىرى مەنمۇ بىر نەچچە ئادەمنى خاتا مۆلچەرلەپ قالدىم، - دېدى.

مۇنىرە ئاپىسىغا قاراپ كۆزلىرىنى ئالايتىپ قويدى.

  -   نىمە، مەن بىر جۈملە قىستۇرۇپ قوياي، - دېدى  دادىسى يېنىك قولىنى كۆتۈرۈپ، - ئۇ بالا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىزمەت ئىزدىمەي ئۆيدە تۇرۇپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدىغۇ دەيمەن،  تۆت يىل تەييارلىق قىلغان بولامدۇ؟  - دەپ سورىدى.

بۇ گەپ ھاممىسىنىڭ قۇلىقىغا ياقماي:

   -  گەپنى بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، ھازىر مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش بەك تەس، جان-دىل بىلەن تىرىشمىسا، قانداقمۇ ئۆتكىلى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئۆتۈپ خىزمەتكىمۇ چۈشۈپ بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن  مۇنىرە راھەت كۆرىدۇ! - دېدى. 

ئىشنىڭ بېشى چىقماي تۇرۇپلا، بەختتىن بەھرىمەن بولىدۇ دېگەننى ئاڭلىغان دادىسىنىڭ سەل ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالدىراپ بىر نەرسە دېيىشتىن خىجىل بولۇپ، ئامالسىز ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ:

   -  ئادەم ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، مۇنىرە ياخشى كۆرۈشسە بولىدۇ، - دېدى. 

مۇنىرە دەرھال قولىنى كۆتۈرۈپ:

   -  كەچۈرۈڭ ھامما، مەن ھازىرچە  ئوغۇل دوست تېپىشنى ئويلىمىدىم، - دېدى. 

- بولدى قىلىڭا، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تېخى تاشلىۋېتىلمىدىڭىزمۇ.  - دېدى ئاپىسى قىزىغا ئازراقمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن، - يەڭگە، بىزگە ياردەم قىلىپ ئوتتۇرىدا ئالاقىلىشىپ بېرىڭ، ئاۋۋال سۈرەتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ باقسۇن، كۆزىگە سىغىپ قالسا كۆرۈشسۇن، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ، - دېدى. 

 - ئاپا، - دېدى مۇنىرە خاپا بولۇپ، -  ئۆزۈم تاپاي بولامدۇ؟  - دېدى.







 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章