كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
34 | 33 | 32 | 31 | |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
35-قىسىم
35 - قىسىم
يالغۇز ئۆتۈپ كەتكىنى ياخشى
سىرتتا يەنىلا قاتتىق يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى، بالكون يېتەرلىك چوڭ بولۇپ، قاتتىق بوران چىقمىسىلا كىيىملەرنىڭ يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرمىسىمۇ بولاتتى.
ئاشخانىدىن چىققان مۇنىرە بالكۇنغا كېلىپ، كىيىم ئاسقۇچنى ئەسلىدىكى جايىغا قويۇپ، ئاستا-ئاستا سىرتقا يۆلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قولىنى رېشاتكىغا قويدى.
قاتتىق يامغۇر ياغقىنى بىلەن، شامال كۈچلۈك ئەمەستى، قاتتىق يامغۇر تامچىلىرى تىك چۈشۈپ، چىراغ نۇرى ئاستىدا كۈمۈشتەك پەردە ھاسىل قىلغانىدى.
بۈگۈن كەچ يامغۇردىن دالدىلىنىدىغان جاي تاپتى، ئەتە يەنە قانداق قىلىدۇ؟
ئۇ نادىرنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، يامغۇر پەردىسىگە تىكىلىپ خىيالغا پاتتى.
- سىز قاچان سەكرىمەكچى؟ - دېدى نادىر.
مۇنىرە چۆچۈپ كېتىپ، بېشىنى بۇراپ:
- نادىر ئەپەندى، يول ماڭغاندا ئاۋاز چىقارمامسىز... - دېدى.
نادىر ئۇنىڭ سول قول تەرىپىدە تۇرۇپ، يانچە قاراپ:
- نەگە بارسام دەپ قويۇشۇم كېرەكمۇ؟ - دېدى.
ئىككى سېكۇنت بىر بىرىگە قارىشىپ تۇرغان مۇنىرە تەڭ كېلىپ بولماي:
- ئۇنداق ئەمەس. - دېدى.
- كىرىڭ، زەنجىۋىل شورپامنى ئىسراپ قىلماڭ. - دېدى نادىر.
مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:
- نادىر ئەپەندى، سىزنىڭچە مېنى نەس باستىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ، سەمىمىيلىك بىلەن :
- مېنى تېخىمۇ نەس باستى،- دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇنىڭ نەچچە مىڭ خىل گەپلىرى ھەمىشە ئادەمنى گەپ قىلالماس قىلىپ قويىدۇ، مۇنىرە مەڭزىنى ئۇۋۇلاپ، چىشىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلدى.
راستتىنلا ئېچىلىپ - يېيىلىپ پاراڭلاشقىلى بولمايدۇ!
نادىر ئۇنى ياتاق ئۆيگە باشلاپ باردى، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئېچىپ قويغانىدى، بىر مېتىر 80 سانتىمېتىرلىق كارىۋاتتا قېنىق كۈلرەڭلىك يوتقان-كۆرپە بار بولۇپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ سالاپىتىگە تولىمۇ ماس كېلەتتى.
تازىمۇبىر، نادىر ئەپەندىنىڭ شەخسىي بۇيۇملىرىنى مۇشۇنداقلا ئىشلەتسە بولامدۇ؟!
مۇنىرە بىر ئاز خىجىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چوڭ كارىۋاتنى يەنىلا ياخشى كۆردى!
- ئۈچ ئاچقۇچنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە. - دېدى نادىر ئاچقۇچنى ئۇنىڭ ئالىقىنىغا بېرىپ، - بۈگۈن كەچ خاتىرجەم ئۇخلىسىڭىز بولىدۇ. - دېدى.
ئالىقىنىدىكى ئۈچ تال ئاچقۇچقا قاراپ، ئېسىنى يىغىپ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەي < ھە؟> دېدى.
نادىر ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ:
- كېلەر قېتىم ئېسىڭىزدە بولسۇن، يات جىنسلار بىلەن يالغۇز ئۆيىگە بارماڭ، - دېدى.
ئەسلىدە مۇنداق دېمەكچى ئىكەندە، مۇنىرە كۈلۈپ قويۇپ، پەرۋاسىزلىق بىلەن قولىنى پۇلاڭلىتىپ:
- ھېچقىسى يوق، مەن سىز بىلەن قانچە كېچىنى يالغۇز ئۆتكۈزگەن، ئەجەبا سىز تۇيۇقسىز... - دەپ توختاپ قالدى.
يەر-جاھان پىرقىراپ، نادىرنىڭ بارماقلىرى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قاچانلاردىدۇر قويۇلۇپ، ئەپچىللىك بىلەن كارىۋاتقا ئىتتىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، مۇنىرەنىڭ ئاۋازىمۇ پەسىيىپ، ئۆزىنىڭ مىدىرلىيالماي قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
پۇتى بېسىلىپ، قولىنى قاچانلاردا يەنە بىر قول كېلىپ تۇتۇۋېلىپ، بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرگەنلىكىنى بىلمىدى.
ئۇ ئۆزىنى خېلى كۈچۈم بار دەپ ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ھالەتتە زادىلا كۈچىيەلمىدى.
ئۈستىدىكى نادىرنىڭ كۆزلىرى خىرەلىشىپ:
- سىزنىڭ كاللىڭىز بەك ئاددىيمۇ قانداق؟ - دېدى.
دۈك... دۈك
مۇنىرەنىڭ يۈرىكى دۈپىلدەپ قاتتىق سوقۇپ ، جىددىيلىشىپ شۆلگىيىنى يۇتۇپ، قوش ئېڭىكىنىمۇ چىقىپ قالدى.
- مەسىلەن، مېنىڭدىن پايدىلىنىشنى خالىسىڭىز، كېلىڭ. - دېدى مۇنىرە.
نادىر گەپ قىلمىدى.
مۇنىرە زېرەك چىرايىنى نامايان قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن:
- ئەگەر گۈرۈچ پىشىپ قالسا، مەن سىزگە ياتلىق بولىمەن، گۈزەلگىمۇ ئىگە بولىسىز، - دېدى. ئاخىرىدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، - شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك ھاياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بولىمەن، مەن ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىمەن، - دېدى.
ئىككىيلەن تىكىلىپ قارىشىپ تۇرۇپ قېلىپ، نادىرنىڭ كۆزلىرى سەل-پەل يۇمۇلدى.
كېيىنكى سېكۇنتتا بېشىنىڭ ئۈستىدىكى ياستۇقنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ، مۇنىرەنىڭ ئەخمەقلەرچە قاراپ تۇرغان يۈزىگە باستى.
ئاندىن قولىنى قويۇۋېتىپ:
- چۈش كۆرۈپسىز، - دېدى.
مۇنىرە دەرھال ئۆرۈلۈپلا ئولتۇرۇپ، ياستۇقنى قۇچاقلاپ پىخىلداپ كۈلۈپ:
- سىزنىڭ مېنى ياراتمايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. - دېدى.
- بۇ خىل ئىشەنچ بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ. - دېدى نادىر ئۇنىڭ بىلەن تاكاللاشماي، - مېنىڭمۇ كۆزۈم كور بولۇپ قالىدىغان چاغلىرىم بولىدۇ. - دېدى.
مۇنىرە بېشىنى چايقاپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلماي:
- نادىر ئەپەندى، سىزنىڭ مۇنەۋۋەرلىكىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ھالقىپ كېتىدۇ، - دېدى.
- خۇشامەت قىلىشقا ئۇستا ئىكەنسىز، - دېدى نادىر.
مۇنىرە ئىككى ئالىقىنى جۈپلەپ:
- بەك ماختىۋەتتىڭىز. - دېدى.
- بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، ئۇخلىيالمىسىڭىزمۇ قاتتىق شەپە چىقارماڭ. - دېدى نادىر ئورنىدىن تۇرۇپ، - مېنىڭ نېرۋام ئاجىز. - دەو قوشۇپ قويدى.
مۇنىرە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، ئۇنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن، دەرھال ياستۇقنى قۇچاقلاپ دومىلىدى.
نادىر ئەپەندى ھەقىقەتەن ئاقكۆڭۈل ئىكەن.
ئۇياق - بۇياققا نەچچىنى دومىلاپ، يوتقاننى قۇچاقلاپ، كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان يېنىك نەپەس ئىچىدە ھېچنېمىنى ئويلىماي ئۇخلاپ قالدى.
سەھەر سائەت ئالتىدىكى چوڭ ئۆي جىمجىت بولۇپ، يېنىك ئاۋازلارمۇ يۇقىرى ئاڭلىنىپ، قۇياش نۇرى بىر بۇلۇڭغا چۈشۈپ تۇراتتى.
ياز كۈنلىرى كۈن چىقىش ئادەتتىن تاشقىرى بالدۇر بولىدۇ.
نادىر ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، قائىدە بويىچە يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا يېرىم سائەت چېنىقىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ياتىقى كارىدورنىڭ ئەڭ ئىچىدە، مېھمانلارغا تەييارلىغان ياتاق سىرتتا ئىدى، كارىدوردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مېھمانلار ياتىقىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇچۇق ئىكەنلىكىنى، كىرلىك، يوتقان، ياستۇق قېپىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى، كىرئالغۇغا سېلىپ يۇيۇش ئۈچۈن دۆلەپ قويۇلغانلىقىنى بايقىدى.
ئادەمنى قېنى...
مېھمانخانىغا كەلگەندە، ساپادا تۈگۈلۈپ ياتقان كۆلەڭگە كۆزىگە چېلىقتى، ئۇنىڭ قەدەملىرى ئەمدىلا مېھمانخانىغا كېلىشىگە، دۈمبىسىنى قىلىپ ياتقان ئادەم دەرھال بېشىنى بۇراپ، ئاندىن ساپما كەشنى كىيىپ ئاشخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ:
- نادىر ئەپەندى، ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن، مەن بېرىپ ناشتىلىق تەييارلاي ... - دېدى.
سۈرئەت بەك تېز بولغاچقا، كەينىدىكى بىر جۈملە سۆزى يىراقتىن ئاڭلاندى.
نادىر ھەيرانلىقتا ئاچلىقتىن ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ دەپ ئويلىدى؟
مۇنىرەنىڭ ھەقىقەتەن قورسىقى ئېچىپ بولالماي، سائەت ئىككىدىن كېيىن ئۇخلىيالمىدى.
مېھمانسارايدا يېگەن ئۇنچىلىك تاماق نېمىگە دال بولاتتى، بەلكىم ھەممىسىنى قوشسا ئىككى سەر كېلىشى مۇمكىن، بىر سائەتتىلا ھەزىم بولۇپ ھېچنېمىسى قالمايدۇ، بۇنچىلىك تاماق بىلەن ئۇزۇن كېچىنى قانداقمۇ ئۆتكۈزگىلى بولسۇن. ئاچلىقتىن ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن، توڭلاتقۇدىن ئازراق ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك تېپىپ يېمەكچى بولدى، ئويلىمىغان يەردىن نادىرنىڭ توڭلاتقۇسىدا سۈت، مىنېرال سۇ ۋە ئۈچ-تۆت خىل يېمەكلىك ماتېرىيالىدىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىدى، ئۇ يېرىم كېچىدە بىرەر نەرسە پىشۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى، نادىرنى ئويغىتىۋېتىشتىن ئەنسىرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قۇتا سۈتنى ئېلىپ ئىچىشكە مەجبۇر بولدى، لېكىن كۆپ ئىچىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى، چۈنكى ھاجەتخانىغا بارىدىغان قېتىم سانى كۆپىيىپ قالسا، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىشتىن ئەنسىرەيتتى.
بىراق قانداق ئەتىگەنلىك تاماق ئەتسە بولىدۇ؟
مۇنىرە توڭلاتقۇغا قاراپ قېينىلىپ قالدى، ئۇنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرى پەقەت تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ دېسە تامامەن بولىدۇ، نادىرنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرماقچى بولسا ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
ئۇ بىر قولىدا ئۆزىنىڭ تۈگۈلۈپ قالغان قورسىقىنى تۇتۇپ، تۇنجى قېتىم يۇمىلاق قولىنى ئىشقا سېلىپ، ئاپىسىدىن تاماق ئېتىشنى ئۆگەنمىگەنگە پۇشايمان قىلدى.
يۈگۈرۈش ماشىنىسىدا ئىككى مىنۇت يۈگۈرگەندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق شەپىنى ئاڭلىمىغان نادىر توك مەنبەسىنى ئۆچۈرۈپ، ئاشخانىغا بېرىپ قاراپ باقتى، ئارىسالدى بولۇپ قالغان مۇنىرە بېشىنى توڭلاتقۇغا تىقىپ، ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈپ قاراپمۇ نېمە ئېتىشىنى بىلەلمىدى.
نادىر خورسىنغان ھالدا كىيىملىرىنى كۆتۈرۈپ توڭلاتقۇدىن ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ:
- مەن قىلاي، - دېدى.
مۇنىرە ئۇنىڭغا بىچارىلەرچە قاراپ:
- كەچۈرۈڭ، نادىر ئەپەندى، مەن بىر كېرەكسىز ئادەمكەنمەن، - دېدى.
- بىلگەندىكىن يول بېرىڭ. - دېدى نادىر.
مۇنىرە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئالىقانلىرىنىڭ ئۇچىنى جۈپلەپ چېكىنىپ، ئىچىدە <بولدى، كارىم بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئىشقىلىپ نادىر ئەپەندى بەك ئاقكۆڭۈل> دېدى.
نادىر قولىنى يۇيۇپ، تۇخۇمنى ئېلىپ :
- تۇخۇم پوشكىلى يەمسىز؟ - دەپ سورىدى، باشقا تاماق قىلسا ۋاقىت كۆپ كېتەتتى.
مۇنىرە ھەم خۇشال بولدى، ھەم ھەيران قېلىپ:
- نادىر ئەپەندى، سىز راستتىنلا يىراق ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنمۇ؟ - دەپ سورىدى، يىراق ئەللەردە ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى ناشتىلىقىغا تۇخۇم، سۈرلەنگەن پاچاق، بولكا يېمەمدۇ؟ تۇخۇم پوشكىلى بەك ئاددىي بولۇپ قالامدۇ قانداق؟
- سىزدە خاتىرىسىنى يوقىتىش كېسىلى بارمۇ؟ - دېدى نادىر.
نادىرنىڭ تۇخۇم چالغۇچ ئىشلەتمەي، قولىدىكى بىر جۈپ چوكىنى ئۇستىلىق ئىشلەتكەنلىكى مۇنىرەنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ جىنسىدىن گۇمانلاندۇرۇپ قويدى.
مۇنىرە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ:
- نادىر ئەپەندى، سىز ھەممە ئىشنى قىلالامسىز؟ - دەپ سورىدى.
- سىز ھېچ ئىشنى قىلالامسىز؟- دېدى نادىر قايتۇرۇپ.
مۇنىرە ئىقرار بولماي:
- مېنىڭ پەقەت ئۆز قولۇم بىلەن تاماق ئېتىدىغان پۇرسىتىم يوق، كېيىن كۆچۈپ چىققاندا، چوقۇم ئۆگىنىۋالىمەن. - دېدى .
نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بۇ گەپ يالغان ئەمەس. - دېدى . ئۇمۇ سىرتتا يالغۇز يۈرۈپ مەجبۇرى ئۆگەنگەن.
سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرىدى، نادىرنىڭ بۇ ھالىتى كېلىشكەن بولۇپ،چىۋەر ھەرىكىتىدىن كۆزلىرى ئالىچەكمەن بولۇپ كەتتى، مۇنىرە يەنە ئۇنىڭ بارمىقىغا تىكىلىپ شۆلگىيىنى يۇتتى.
بۇ بىر جۈپ قول نېمانداق چىرايلىق، ھەم ئەپچىل...
- نادىر ئەپەندى، سىزگە ياتلىق بولسام بولامدۇ؟ - دېدى مۇنىرە.
نادىر تەكشى توغرالغان سەۋزىنى تەخسىگە ئالدى.
ئاندىن يان تەرەپكە قاراپ، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ھەيران قالغان مۇنىرەگە قارىدى، بىر نەرسىنى ھېس قىلغان مۇنىرە:
- ھى ھى ھى چاقچاق... چاقچاق ... - دېدى.
قورساقنىڭ ئاچلىقىدىن بىردىنلا بېشى قېيىپ كەتكەن مۇنىرە ئوڭايسىزلانغان ھالدا بوينىنى سىلاپ قويۇپ:
- كونىلاردا يۈزى قېلىنلىق يېرىم دۆلەت دېگەن گەپ بار. - دېدى.
نادىر كەينىگە بۇرۇلۇپ:
- قىلىدىغان ئىشىڭىز بولمىسا بېرىپ كىرلىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭ، - دېدى.
- بولىدۇ! - دېدى مۇنىرە.
مۇنىرە ئىسسىق ھاۋاغا قارىماي، شامالدەك يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
ئانامەي، ئۇ راستتىنلا ئازراق يۈزى قىلىنلىق قىلدىمۇ قانداق.
يوتقان كىرلىكىنى ئالماشتۇرغان مۇنچا كىيىمى بىلەن بىللە كىرئالغۇغا تاشلىدى، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، كىرئالغۇنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىچىدىكى كىرنىڭ ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن كەينىگە ياندى.
نادىر ئەپەندى شۇنچە مۇنەۋۋەر تۇرسا، ئۇنىڭغا ھېچكىم ماس كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ، ھەر قانچە چىرايلىق قىزمۇ ماس كەلمىگۈدەك.
مۇنىرە ئۆزى كۆرگەن، تەسىرى ئەڭ ياخشى بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاپ چىقتى، ئەمما چوڭقۇرلاپ ئويلاپ، يەنە بېشىنى چايقىدى.
بولمايدۇ، بولمايدۇ، نادىر ئەپەندى بىر ئايالنىڭ ئېرى بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ، بىر ئايال كىشى بىلەن توي قىلىپ ئۆي تۇتسا، باشقىلار قانداق قىلىدۇ؟...
ھەيي.... مۇنىرە ئۇھ تارتىپ قويدى، گەرچە بۇنداق ئويلىسا ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن نادىر ئەپەندى يەنىلا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن تەنھا ئۆتۈپ كەتكىنى ياخشى ئىكەن.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar