بۈگۈنكى كۈندە، سىز مەيلى يېزىدا ياشىغان ياكى ياشىمىغان بولۇڭ ياۋا كۆكتاتنىڭ پايدىلىق رولىنى كۆپ ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ياۋا كۆكتاتنىڭ پايدىلىق رولىنى بىلىدىغانلار ئاساسەن ياۋا كۆكتات يەپ باققان بولۇشى مۇمكىن.
ئىلگىرى ياۋا كۆكتاتلارغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمەيتتى، پەقەت يېزىدا ياشايدىغان كىشلەر ياكى يوقسۇللارلا يەيتتى، ئەمما ھازىر ياۋا كۆكتاتنىڭ پايدىلىق رولىنى بىلگەن كىشلەر ئۇنى تالىىشپ يەيدىغان بولدى.
بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، ياۋا كۆكتات يېيىشلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېمەكلىك بىلەن داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋا كۆكتاتلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئىنتايىن تەبئىي بولۇپ باشقا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار ئارىلاشمايدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى تەبىئىي، يېشىل يېمەكلىك دەپ قارايدۇ.
بۈگۈن كۆپچىلىككە يېزىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان تۆت خىل تەبىئىي« يۇقىرى كالتسىيلىق ياۋا كۆكتات» نى تونۇشتۇرىمىز، بۇلارنىڭ كالتسىي مىقدارى كالتسىي تابلېتىدىن يۇقىرى .
01
لويلا( 灰灰菜)
لويلا ئېلىمىزنىڭ يېزىلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ، ئاساسەن ھەر قايسى ئۆلكە، رايۇنلاردا بار، يېزىلاردا يول ياقىلىرى، ئېتىز قىرلىرىدا ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن بىزار، چۈنكى ئۇ ئېتىزدا بىر خىل يوقىتىش ناھايىتى تەس بولغان ياۋا ئوت-چۆپ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇ يېيىشلىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى.
لويلىنىڭ مايسىسى ۋە يۇمران غول يوپۇرماقلىرىنى ياۋا كۆكتات ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ، قايناق سۇغا بېسىۋەتكەندىن كېيىن قورۇما قورۇپ يېيىشكە بولىدۇ، تەمى ناھايىتى مەززىلىك، ناھايىتى يۇمشاق. لويلا تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي، لويلا ئىشقارى قاتارلىق ئالاھىدە ماددىلار بولۇپ، ھەزىم قىلىش يولىدىكى پارازىت قۇرتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لويلىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، بولۇپمۇ كالتسىي مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، 209 مىللىگرام / 100 گرامغا يېتىدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە لويلا بىر خىل قېرى-ياشلارنىڭ ھەممىسىگە ماس كېلىدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ قالدى.
02
قېرىنقۇلاق كۆكتىتى(木耳菜)
ئىسمىدىن قارىغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كۆكتاتنى قېرىنقۇلاق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە قېرىنقۇلاق كۆكتاتى قېرىنقۇلاق ئەمەس، ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ئىككى نەرسە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ قېرىنقۇلاق كۆكتات دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ خىل ياۋا كۆكتاتنى يېگەندە بىر خىل قېرىنقۇلاق پۇرىقى پۇرايدۇ.
قېرىنقۇلاق كۆكتىتىدا قېرىنقۇلاقنىڭ پۇرىقى بولغاندىن باشقا، تەمى ياخشى، يۇمشاق، سىلىق بولۇپ، خۇددى يۇمران پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا ئوخشايدۇ.
قېرىنقۇلاق كۆكتىتىنىڭ يۇمران نوتىسى، يۇمران ئۇچلىرى ۋە يۇمران يوپۇرماقلىرىنى ياۋا كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مىنېرال ماددىلار مول، بۇنىڭ ئىچىدە كالتسىي مىقدارى ھەر 100 گىرامدا 166 مىللىگرامغا يېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قېرىنقۇلاق كۆكتاتنىڭ يەنە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، سۆڭەكنى قۇۋۋەتلەش، ئەقلىنى ئاشۇرۇش، بەدەننى كۈچەيتىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتىكى ئېسىل مەھسۇلاتتۇر.
03
قىزىل بۇغداش
قىزىل بۇغداش كۆپچىلىككە بىرقەدەر تونۇش بولغان ياۋا كۆكتاتلارنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇنىڭ رەڭگى ئالاھىدە بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن جايلاردا كۆكتات ئورنىدا ئۆستۈرۈلگەنلىكتىن، مەيلى ئۇ ياۋا كۆكتات بولسۇن ياكى كۆكتات بولسۇن ئوخشاشلا ئىستېمال قىلىنىش نىسپىتى بىر قەدەر يۇقىرى.
قىزىل بۇغداش (بۇغداش) نىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول بولۇپ، خەلق ئارىسىدا« 6- ئايدىكى قىزىل بۇغداش تۇخۇم» دېگەن گەپ بار، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىچىدە كالتسىينىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، 178 مىللىگىرام / 100 گرامغا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر، كالىينىڭ مىقدارىمۇ خېلى كۆپ، شۇڭا ئەل ئىچىدە قىزىل بۇغداش يەنە قان تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى كۆكتات دەپ قارىلىدۇ.
ئۇنىڭ« ئۇزۇن ئۆمۈر كۆكتىتى» ، « قان تولۇقلىغۇچى كۆكتات» دېگەن چىرايلىق ناملىرى بار، ھەتتا چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مەخسۇس دۆلىتىمىزدىن قىزىل بۇغداش ئىمپورت قىلىپ ئىشلىتىدۇ ياكى بالىلار يېمەكلىكى ياسايدۇ ھەمدە ئۇنى ئوزۇقلۇق يېمەكلىكى دەپ ئاتايدۇ.
04
چۇپۇرشاڭ (荠菜)
بارلىق ياۋا كۆكتاتلار ئىچىدە، ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئىشلىتىش قىممىتى جەھەتتە چۇپۇرشاڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر ئەتىياز پەسلى يېتىپ كەلسىلا، مەيلى شەھەردىكى كىشلەر بولسۇن، ياكى يېزىدىكى كىشلەر بولسۇن، ھەممىسى پۇچۇرشاڭ تىرىۋالىدۇ، مەيلى بىۋاسىتە قورۇما قىلىپ يېيىش بولسۇن ياكى قىيمىدا تۈگۈر تۈگۈش بولسۇن، ۋە ياكى سوغۇق بولسۇن، ھەممىسى ناھايىتى يىيىشلىك.
ئەمەلىيەتتە بۇ چۇپۇرشاڭنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە دورىلىق قىممىتىمۇ ناھايىتى ياخشى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ماختاشقا ئەرزىيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىچىدە، كالتسىينىڭ مىقدارى كۆكتات ئىچىدە ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدۇ، ھەر 100 گىرام كالتسىينىڭ مىقدارى 420 مىللىگرامغا يېتىدۇ، بىر دانە كالتسىي تابلېتكىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ (ئەسكەرتىش: ئادەتتە كالتسىي تابلېتكىسىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى 200 مىللىگرام ئەتراپىدا بولىدۇ). شۇڭا، چۇپۇرشاڭنى ئىستېمال قىلغاندا، تەمى مەززىلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز