قىزىل بۇغداشنىڭ شىپالىق رولىنى بىلىۋېلىڭ

文摘   2025-01-07 20:20   新疆  

قىزىل بۇغداشنىڭ تەبىئىتى ئالاھىدىلىكى 

قىزىل بۇغداش سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئائىسىگە تەۋە بۇلۇپ رەڭگى توق قىزىل رەڭدە بولۇپ تەمى سەل تاتلىق تەبىئىتى سوغوققا مايىل كىلىدۇ، كۈن نۇرى بىلەن تۇلۇق ئۇچۇرشىپ ئۆستۈرۈلگەچكە ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كۆكتاتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ، 


قىزىل بۇغداش زەھەرسىز، ئىسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۆت سۇيۇقلىقىنى راۋان قىلىشتەك پايدىلىق روللىرى بار، 

قىزىل بۇغداشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە  شىپالىق رولى قايسىلا




قىزىل بۇغداش بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەپ، جىگەردىكى ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ، ئۇمۇمى بەدەندىكى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ چوڭ - كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئەزالارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرىدۇ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، قاننى تازلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، يۈرەكنى ئاسىرايدۇ ، يەل ھەيدەيدۇ ،  ئاكتىپ ئەزالارنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. 

قىزىل بۇغداش جىگەردىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش. 

كۆز مۈڭگۈز پەردىسىدىكى بۇلۇتسىمان داغ پەيدا بۇلۇشقا ، كۆز قىزىرىپ ئىششىپ ئاغىرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ . 

قىزىل بۇغداش يىلتىزى : باكتېرىيە خاراكتېرلىك تولغاق، ئۈچەي ياللۇغى،  ئاق خۇن كۆپ كىلىش ، بالياتقۇ راكى، سېرىقلىق چۈشۈش، بوۋاسىر (گېموروي) قاتارلىقلارغا ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ . 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى : - قۇرتۇلغان قىزىل بۇغداش يىلتىزىنى پاكىزە تازىلاپ تەڭگە چوڭلىقتا توغراپ قايناۋاتقان سۇدا بىر ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا تۇغۇزۇپ ئېلىپ چايقاپ مىكروپسىزلاندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ سۇس ئوتتا يېرىم سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ ئېلىپ ئولتۇرۇپ ھوردىنىش ياكى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىشلەتسىمۇ بۇلىدۇ.

قىزىل بۇغداش تەركىبىدە كۆپ مىقداردا  لىزىن، ۋىتامىن C، تۆمۈر، كالتسىي قاتارلىقلار بار. 

قىزىل بۇغداش  قان ئارلاش تولغاق كىلىش ھۆل ئىسسىقتىن بولغان قورساق كۆپۈش ، كىچىك تەرەت قىسقا قىزىل بولۇش، بۆرەك ئاجىزلىق ، ياشانغانلارنىڭ چوڭ تەرەت قىلىشى تەس بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ. 

دىققەت : قىزىل بۇغداشنىڭ  تەركىبى سوغوق بولغاچقا ئاشقازان ئۈچەيدە مەسىلە با تال زەيىپلەشكەن كىشلەر ئاز ئىستىمال قىلىش.  ياكى ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章