ئۈزۈمدە ﭼﺎﻱ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﻳﺪﯗ

文摘   2024-12-27 20:21   新疆  
ﺑﯘﻧﻰ ﭼﺎﻱ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﻳﺪﯗ . 
ﻛﯩﺸﻤﯩﺸﻨﻰ ﭼﺎﻱ ﺩﻩﻣﻠﻪﭖ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ, ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ, ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺳﯜﻳﻰ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺷﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. 
ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ : 
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ. 
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ. ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺧﻮﻟﯧﺴﺘﯧﺮﯨﻨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. 
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ. ﮔﻠﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺴﺘﯧﺮﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. 
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ. ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ. ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. 
ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺭ. ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ, ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ. 
ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 400 ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯧﺘﺮ ﺳﯘ, 150 ﮔﺮﺍﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﻤﯩﺰ. ﻛﯩﺸﻤﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ, ﺭﻩﯕﮕﻰ ﻗﯩﻨﯩﻘﺮﺍﻗﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ. 
ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ: ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻧﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﻤﯩﺸﻨﻰ ﺳﯘﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ 20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﭖ, ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﺳﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﺎﭺ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ, ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ, ﺟﯩﮕﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 

ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ, ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﯞﻩ ﻣﺎﻱ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ, ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻳﮕﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章