بەزىلەر، تاماق يىگەندىمۇ ئۆزىنى خالىغانچە، يېسىمۇ پۇخادىن چىققۇدەك يېمىسە، تۇرمۇشنىڭ يەنە نېمە لەززىتى بولسۇن؟ دىيىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۆزىنىڭ نەپسىنى تۇتۇۋېلىپ، ساغلام تاماق يىيىش ئادىتىنى يىتۈلدۈرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ ئۇزاق، تېخىمۇ ساغلام ياشىغىلى بولىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەتلىك تەتقىقات ئورنى (NIA) نىڭ ئالىمى جۇلى ماتىسون ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى كۆپ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، پەقەت تاماق مىقدارىنى تۆۋەنلەتكەندىلا، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان.
01
تاماق مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن، مۇنداق قىلىڭ
تاماق مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئازايتىلسا ساغلاملىققا تېخىمۇ پايدىلىق، كۆپچىلىكنى تاماق يېمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى يەتتە ئۈلۈش تويۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلغان ئاساستا يىيىش كېرەك. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قورساق بەك تويۇپ كەتمەسلىك، سەزگۈگە تايىنىپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى: تاماقنى بەك تېز يېمەسلىك كېرەك.
1. تاماقتىن بۇرۇن شورپا ئىچىش
تاماقتىن بۇرۇن شورپا ئىچسە، تاماق مىقدارىنى ئازايتىشقا پايدىلىق، چۈنكى شورپا ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، ئىشتىھانى ئېچىش مەركىزىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى تۆۋەنلەپ، تاماق مىقدارى ئۆزلۈكىدىن ئۈچتىن بىر قىسىم ئازلاپ، قورساق تويۇش تۇيغۇسى بالدۇر پەيدا بولىدۇ.
2. يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش
يەنى تاماقنى چوقۇم ئاستا يېيىش كېرەك. ئاشقازان چوڭ مېڭىگە قورساق تويۇش ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈشكە 20~30 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا، تاماقنى ئاستىراق يېيىش تاماق مىقدارىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.
3. يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۈستەلدىن ئايرىلىش
تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرسا ئۈستەلدىكى ئوخشىغان تاماقلارنى كۆرۈپ ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي يەنە يەپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدىغانلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئۈستەلدىن ئايرىلىش كېرەك.
4. ئېشىپ قالغان تاماقنى زورلاپ يىۋېتىشتىن ساقلىنىش
بەزىلەر ئاللىقاچان يەتتە-سەككىز ئۈلۈش يەپ تويغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنچە ياخشى تاماق ئېشىپ قېلىپ بەك ئىسراپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، يەنە چوكىنى ئېلىپ ئۇنى پاكىز يىۋېتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ تاماق مىقدارىنىڭ ئىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. مېۋە كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش
تالا ۋە سۇ تەركىبى كۆپرەك بولغان كۆكتات، مېۋە-چىۋە، دانلىق زىرائەت ۋە شورپىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك، بۇ يېمەكلىكلەر ئادەمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ، چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان بوشلۇقىنى ئىگىلەيدۇ.
كۆپ مىقداردا تۆۋەن تالالىق قۇرۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك، مەسىلەن، تۇزلۇق قاتلىما ياكى پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىقلار، بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىسىمۇ ئەمما سىزدە تويغاندەك سىزىم بولمايدۇ.
ئۇزاق مۇددەت مىقدارىنى ئازايتىش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ يۈرەك قان تومۇرى، جىگەر، بۆرەك، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاسرىغىلى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
02
سەككىز چوڭ ئەڭ ياخشى تاماق يېيىش قائىدىسى
1. ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقى 4 سائەتتىن 6 سائەتكىچە بولۇش
تاماق يېيىش ۋاقىتقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارىلىقى بەك قىسقا بولسا، ئەمدىلا تاماق يەپ بولۇپ ھەزىم قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا يەنە تاماق يېسە، ئاشقازان، ئۈچەي ۋە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ، ئەڭ ياخشى ئارىلىق ۋاقتى 4 ~ 6 سائەت بولسا بولىدۇ، بۇ دەل ئارىلاشما يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى.
2. ئاچ بۆرىدەك يېمەسلىك
ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتى 15 ~ 20 مىنۇت، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. تاماق يىيىش ۋاختى قانچە ئۇزۇن بولسا يىيىلگەن تاماقنىڭ مىقدارىمۇ ىشىپ كىتىدۇ
3. ھەر كۈنى ئامال بار 12 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىكنى يېيىش
يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىل بولۇشى تاماق ئەندىزىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى. كۈندىلىك تاماق دانلىق زىرائەت، ياڭيۇ تۈرى، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئۆي قۇشلىرى، بېلىق، تۇخۇم، سۈت، دادۇر، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى ئامال بار 12 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك يېيىش، ھەر ھەپتىدە 25 خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك يېيىش كېرەك.
4. شورپا ئىچكەندە گۆشىنىمۇ يىيىش
شورپا قاينىتىشقا كەلسەك، نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: « ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى شورپىدا، ئەمەلىيەتتە مەيلى توخۇ شورپىسى، قوي گۆش شورپىسى ياكى بېلىق شورپىسى بولسۇن، شورپىدىكى ئاقسىل مىقدارى ئىچىدىكى گۆشكە يەتمەيدۇ، شۇڭا ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شورپا ئىچكەندە گۆشىنىمۇ يىيىش كېرەك.
5. يېمەكلىكنى ئالماشتۇرۇپ يېيىش
يېمەكلىك تاللىغاندا، ئوخشاش تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىزچىل يىمەسلىك، ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، مەسىلەن، سىز بۈگۈن گۈرۈچ تامىقى يىگەن بولسىڭىز، ئەتە ئۈگرە ئىچسىڭىز بولىدۇ.
يەنە مەسىلەن، قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، ئۆردەك گۆشى، كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ؛ سۈت، قېتىق، پىشلاق قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، ئىمكانقەدەر بىر مەزگىل ئىچىدە تۈرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىغا، خىلمۇخىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
6. تاماقنى بەك قىززىق يىمەسلىك
قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرىسى 10 ~ 40 گىرادۇس بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى 60 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، يېمەكلىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى 65 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قىزىلئۆڭگەچتە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، قىززىق يېمەكلىك، قايناق سۇ قاتارلىقلارنى بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزۇپ، تېمپېراتۇرا 60 تىن تۆۋەنلىگەندە ئاندىن يېيىش كېرەك.
7. تاماقتىن كېيىن تاتلىق تۈرۈملەرنى ئاز يېيىش
نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىن تاتلىق تۈرۈم يېيىشكە ئادەتلەنگەن، لېكىن تاتلىق تۈرۈمنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئارتۇقچە ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ، بۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز.
8. تاماقتىن كېيىن يېرىم سائەت ئارام ئىلىش
نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىن دەرھال سەيلە قىلىش، ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىشلار تاماق يەپ بولۇپلا قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، تاماكا چېكىش، يۇيۇنۇش، ھەرىكەت قىلىش، قېنىق چاي ئىچىش ۋە ماشىنا ھەيدەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەت ئىچىدە، يەنىلا ئارام ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، بىز كىچىك كۆلەملىك ھەرىكەتلەرنى قىلساق بولىدۇ، مەسىلەن، ئۈستەل سۈرتۈش، يەر سۈپۈرۈش دېگەندەك.
03
بەك تويۇپ يىيىش كۆپ خىل كېسەل پەيدا قىلىدۇ
لىق تويۇپ يىيىشتىن ساقلانغاندىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى ۋە ساغلاملىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ ئالىملار نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىپ يەكۈن چىقارغان، بىز يەنە قاراپ باقايلى، بەك تويۇپ كەتسە قانداق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
1. بەك تويۇپ كەتسە ئاسانلا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان ئاقسىل ياكى ماي مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما ياخشى ھەزىم بولمىغان يېمەكلىكلەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۈچەي يولىدا تۇرۇپ قېلىپ، ئاسانلا بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلار، ھەتتا راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بەك تويۇپ كەتسە ھۈجەيرە راكىنى تىزگىنلىگۈچى ئامىللارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
2. بەك تويۇپ كەتسە قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ
يېگەن يېمەكلىكلەر بەدەن ئىچىدە ھەزىم قىلىش، مېتابولىزم، ئوكسىدلىنىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ، ئەمما ئورگانىزمنىڭ ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيەسىدە يەنە زىيانلىق بىرىكمە ــ ئەركىن رادىكال ھاسىل بولىدۇ، ئۇ ھۈجەيرىلەرنى زەخىملەندۈرۈپ، ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنى قاتۇرۇپ، كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ، قېرىشنى تىزلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە قانچە كۆپ بولسا، ھاسىل قىلىدىغان ئەركىن رادىكاللار شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىش دەرىجىسىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ، ئەكسىچە، ئاز ئىستېمال قىلغاندا ئەركىن رادىكاللارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
3. بەك تويۇپ كەتسە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ
بەك كۆپ يىسە، چوڭ مېڭىدە كۆپ مىقداردا« تالالىق بىخ ھۈجەيرىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل بالا فاكتورى ھاسىل بولىدۇ، ئۇ ياغ ھۈجەيرىلىرى ۋە قىل قان تومۇرلارنىڭ ئىچكى تېرە ھۈجەيرىلىرىنى چوڭايتىپ، مېڭە ئارتېرىيەسى قېتىش، مېڭە پوستلاق ماددىسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، مېڭە ئاستا يىگىلەش ۋە مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىدۇ.
4. بەك تويۇپ كەتسە ئاشقازان ۋە ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدۇ
ئەگەر ئاشقازان باشتىن-ئاخىر كۆپۈش ھالىتىدە تۇرسا، ئاشقازان شىللىق پەردىلىرى ئاسانلىقچە ئەسلىگە كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئاشقازان كۆپ مىقداردا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، ئاشقازان ياللۇغلىرىدا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ئاشقازان شەلۋەرەش، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تەيۋەن ئالىملىرى ياغنىڭ ئۈچەي يولىدا توسۇلۇپ قېلىپ، ئۈچەي توسۇلۇش، چوڭ تەرەتنىڭ قارا رەڭلىك، قان ئارىلاش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
5. بەك تويۇپ كەتسە بۆرەك ۋە سۆڭەك زەخىملىنىدۇ
يېمەك-ئىچمەك ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، ئادەمنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، چۈنكى زىيادە كۆپ بولغان ئاقسىلسىز ئازوت بۆرەكتىن چىقىرىۋېتىلسە، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يەنە ئاسانلا سۆڭەك ھەددىدىن زىيادە كالتسىيسىزلىشىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
6. بەك تويۇپ كەتسە ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ھازىرقى زامان كىشىلىرى دائىم ئىستېمال قىلىدىغان يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى تېخىمۇ قىيىن بولۇپ، ئارتۇق« ئوزۇقلۇق ماددىلار» بەدەندە يىغىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى دەل سېمىزلىك ۋە بىر قاتار ئېسىلزادىلەر كېسەللىكىدۇر.
سانسىزلىغان ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، سېمىزلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى، جىگەرنى ماي قاپلاش، ئارتېرىيە قېتىشىش، ئۆت ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىكلەر يۈز خىلدىن ئاشىدۇ، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق.