ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ
پەرزەنت ، دۇنيانىڭ ئانا - ئانىغا سوغات قىلغان ئەڭ چوڭ نېھمىتى . بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەمگە ئايلىنىدۇ . ئاتا ئانىلار ئۇلارغا ئەڭ ياخشى نەرسىلەر يىگۈزۈشنى ئويلايدۇ .
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا نۇرغۇن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئېلىپ بېرىدۇ، گەرچە ئۆتكۈر زەھىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇزاق ۋاقىت ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئويلاپ يىتەلەمسىز ؟
1. شاكىلات : - شاكىلاتنى زىيادە كۆپ يېيىش بالىلارغا زىيانلىق، شاكىلات تەركىبىدىكى تېئوبرومىن نېرۋا سىستېمىسى ۋە يۈرەككە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە مۇسكۇللارنى بوشۇتۇپ، سىيىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق، ئۇيقۇسى مۇقىم بولماسلىق، توختىماي يىغلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالىلار شاكىلاتنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا، مەركىزىي نېرۋا بىنورمال ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ، تەشۋىشلىنىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
2. ئاقبالداق : - ئاقبالداق تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، قوغۇشۇن ئادەم بەدىنىگە كىرىپ نېرۋا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە قان ئىشلەش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. بالىلارنىڭ قوغۇشۇنغا قارىتا زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، دائىم ئاقبالداقنى كۆپ يەپ بەرسە، ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىك قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىچى سۈرۈش، ئىچى تىتىلداش، چىش مىلىكى كۆكىرىپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. گازىر : - گازىر ئۇرۇقى تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، بالىلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بەدەندىكى خولىستىرىننى خورىتىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. مېۋە ئۇيۇتمىسى : - كۆپ ساندىكى مېۋە ئۇيۇتمىلىرى مېۋە شەربىتىگە شېكەر قوشۇش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قويۇقلاشتۇرغۇچ، مۇئەتتەر، چۈچۈمەل تەم كىرگۈزگۈچ، رەڭلىگۈچ، تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچتىن تەييارلىنىدۇ. بۇ ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق. ئۇنى كۆپ يېيىش ياكى دائىم يېيىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مېۋە ئۇيۇتمىسىدا كالىي سوربات، لىمون كىسلاتاسى ۋە كاررا يېلىمى قاتارلىق خۇرۇچلارنى ئىشلىتىش ئەڭ ئومۇملاشقان. كالىي سوربىتنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشى بەك كىچىك بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى يېگەندە گېلىغا تۇرۇپ قېلىش خەتىرى بار.
5. قويۇلدۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتلىرى : - ئىرىمچىك، كونسېرۋا سۈت قاتارلىق قويۇلدۇرۇلغان سۈت ياسالمىلىرى قويۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن، تەركىبىدىكى ماي، شېكەرنىڭ مىقدارى سۈت ياكى قېتىقنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە، ھەتتا ئون نەچچە ھەسسىسىگە تەڭ كىلىدىغان بۇلۇپ بالىلارنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئاسان سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
6. « ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەر : - ماي، تۇز، شېكەر، يېمەكلىك خۇرۇچى يۇقىرى بولغان تورت، تەييار چۆپ، قىيمىلىق پېچىنە، ئاقبالداق قاتارلىق بەزى تورتلاردا تەتۈر شەكىللىك ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر يەتكۈزۈشى، ھەتتا« ئۈچ يۇقىرى» يوشۇرۇن خەۋپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
7. ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر : - مايدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى، بەرەڭگە ياپراقچىسى قاتارلىق يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، ئېنېرگىيە ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن سەمرىپ كېتىشى مۇمكىن.
8. ھەر خىل تەمدىكى تەييار چۆپلەر : - بىر بولاق تەييار چۆپ ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 25 خىل يېمەكلىك خۇرۇچى بولىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن ناترىي گلۇتامات، پىروزا رەڭگى، لىمون كىسلاتاسى، تېبۇتىل پارادىفېنول قاتارلىقلار بار. ئەگەر بالىلار ئۇزۇن مۇددەت لىمون كىسلاتاسى بار يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا، تۆۋەن كالتسىيلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلار ئۇن تامىقى يېمەكچى بولسا، تۇخۇم چۆپى تۈرىدىكى مايدا پىشۇرۇلمىغان چۆپنى تاللاپ يېسە بولىدۇ، تەمى مەززىلىك ھەم سىلىق بولۇپ، تەييار چۆپكە قارىغاندا كۆپ ساغلام بولىدۇ.
بالىلار قايسى يىمەكلىكلەرنى يىسە ياخشى ؟
بالىلارغا ئادەتتە نورمال مىقداردا ئالما ، ئاپلىسىن ، بۆلجۈرگەن ، بانان ، مېۋە شوخلا ، تاۋۇز ، ئانار ، ئۈزۈم ، قاتارلىق مىۋىلەرنى يىگۈزسەك ياخشى .
بۇ خىل مىۋە - چىۋىلەر تەمىنىڭ تاتلىق بولۇشى بىلەن قارشى ئېلىنغاندىن باشقا ، ئۇ يەنە بىزنى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ . تەركىبىدە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى خام يېگەچكە ، مېۋە شىرنىسى ئىچىدىكى ۋىتامىن C باشقا ئامىللارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلىنىپ ، بەدەن تەرىپىدىن پۈتۈن سۈمۈرۈلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مېۋە تەركىبىدە بىر قىسىم ئورگانىك كىسلاتالار ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاپ ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ .
ئۆزڭىز ئەڭ يىقىن بىلگەن ئادەملەرگە ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ