كونىلاردا: « يىللار ئادەمگە باقمايدۇ» دېگەن گەپ بار. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىز ھەممىمىز قېرىيمىز، بىراق بەزى كىشىلەرنىڭ قېرىش سۈرئىتى سەل تېز، بەزى كىشىلەرنىڭ قېرىشى ئاستىراق بولىدۇ. پەرق بولۇشىدىكى سەۋەب، يەنىلا ئۆزىنىڭ قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا كۈچ ۋە ۋاقىت سەرىپ قىلغانلىقتا.
بەزى ئاياللار قېرىشنى خالىمايدۇ، ئەمما يەنە تىرىشىشنىمۇ ئوخشاشلا خالىمايدۇ، يانا بەزى ئاياللار ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، ياشلىقىنى، گۈزەللىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ.
ئاياللار 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن قېرىش سۈرىتى ھەقىقەتەن تېز بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاياللارنىڭ گۈەللىكىنى ساقلاپ قىلشىنىڭ يەنە بىر باشلىنىش نۇقتىسى، ئەگەر سىز تىرىشىپ بەزى ئىشلارغا ۋاقىت سەرىپ قىلىشنى، كۆڭۈل بۆلۈشنى خالىسىڭىز ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان قىياپەتتە ياشىيالايسىز.
40 ياشتىن كېيىن ياش ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بۇ 6 ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈڭ
01
ناشتىغا كۆڭۈل بۆلۈش
نۇرغۇن ئاياللار ئەتىگەندە ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، يەنە ئىشقا بارىدۇ، شۇڭا ئەتىگەنلىك تاماق يېيىش ئادىتى يوق ياكى يول بويىدىكى يايمىلاردىن ئىلىپلا يەيدۇ، بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق. ئەتىگەندىكى ماددا ئالمىشىش بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، بىر ياخشى ناشتىلىق ئارقىلىق ماددا ئالمىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتكە كېلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، بۇ قېرىشقا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شۇڭا، ئاياللار ناشتىغا ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇماچ قاينىتىشقا، پۇرچاق سۈتى چىقىرىشقا تېرىشىڭ، ھەقىقەتەن ۋاقىت چىقىرالمىسىڭىز، بىر نەچچە تال بۇغداي ئۇنى بولكىسى، بىر تال تۇخۇم، يەنە بىر ئىستاكان سۈت تەييارلاپ ياخشى ناشتا قىلىڭ.
02
ھەرىكەت قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش
ھازىر نۇرغۇن ئاياللار 40 ياشقا كىرگەندە، بەل ۋە قورساق قىسمىدا ئارتۇقچە گۆش پەيدا بولىدۇ، بۇ كۆپىنچە ئۇزاق ئولتۇرۇش ياكى ھەرىكەت قىلماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا، بەدەندىكى تۈرلۈك ھۈجەيرىلەرنى جانلاندۇرۇپ، ياغنى كۆيدۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، بەدەننى سەمرىتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئاياللارنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت قىلماي، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئۇزاق مۇددەت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەسىلەن، ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، ئارغامچا سەكرەش، يوگا مەشىق قىلىش قاتارلىقلار.
03
چېچىغا كۆڭۈل بۆلۈش
قاپقارا چىرايلىق چاچ، ھەر بىر ئايالنىڭ ئارزۇسى. لېكىن، نۇرغۇن ئاياللار 40 ياشقا كىرگەندە، چېچى سارغىيىپ خۈنۈك بولۇشقا باشلايدۇ، ھەتتا چېچى ئاقىرىشقا باشلايدۇ. شۇڭا، ئاياللار چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ چېچىنى ئاسرىشى كېرەك.
ئادەتتە ئاز بۈدۈر قىلىش ۋە بوياش، كۈچەپ تارتىپ بوغماسلىق، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن چاچ ئاسراش سۇيۇقلۇقىنى تاللاش كېرەك. يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش، قارا پۇرچاق، قارا كۈنجۈت، قارا گۈرۈچ قاتارلىق قارا يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.
04
ئۇيقۇغا كۆڭۈل بۆلۈش
ئەگەر ئادەتتە تۈنەش بىر قەدەر كۆپ بولسا ياكى ئۇزاق مۇددەت ئۇخلاش سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ئاسانلا روھىي ھالىتى ناچارلىشىپ، چىرايى تاتىرىپ، تېرىسى قارىداپ، دانىخورەك چىقىدۇ. ئاياللار 40 ياشتىن كېيىن« ياشلىق ھالىتى» نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قانۇنىيەتلىك ئۇخلاشقا دىققەت قىلىشى، ھەر كۈنى كەچ سائەت 10 دىن بۇرۇن ئۇخلىشى ھەم سەككىز سائەتلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئەگەر ئۇيقۇ سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمىسا، ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈت ئىچىپ، يانفوننى بالدۇرراق قويۇپ، لەرزان مۇزىكا ئاڭلاپ، ياتاق ئۆينىڭ قاراڭغۇ، جىمجىتلىقىنى ساقلاپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرسە بولىدۇ.
05
يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەشكە كۆڭۈل بۆلۈش
ئاياللار 40 ياشتىن كېيىن تېنىدىكى ئانىلىق ھورمون ئاستا-ئاستا يوقىلىپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر بىر ئاز زېھىن سەرپ قىلىپ يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ يېسە، ئانىلىق ھورمۇننى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
مەسىلەن، پويرارىيە يىلتىزى پاراشوكىنىڭ تەركىبىدىكى ئىزوفلاۋون ماددىسى ئانىلىق ھورمۇنغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، ئاياللار 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى پويرارىيە يىلتىزى تالقىنىنى يەپ بەرسە ياكى بىۋاسىتە سۇغا چىلاپ ئىچسە بولىدۇ، ھەسەل، قۇرۇق مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى تەڭشىسىمۇ بولىدۇ.
06
كەيپىياتنى تەڭشەشكە كۆڭۈل بۆلۈش
ئاياللارنىڭ بېسىمى ئېغىر، كەيپىياتى تۇراقسىز بولسا، ئاسانلا قېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، تىنچ روھىي ھالەت قۇۋۋەت ۋە قاننىڭ ئايلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بەدەننى تېخىمۇ ئازادە قىلىدۇ، قارىماققا تېخىمۇ روھلۇق، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە كۆرۈنىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئادەتتە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، شۇنداقلا كۆپ ساياھەت قىلىپ ياكى كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، ئۆزىدە بىر خىل قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق، شۇنداقلا تېخىمۇ ئىشەنچكە، تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ
بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز