زەنجىۋىلنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ يىگەندە كۆرۈلگەن ئاجايىپ مۆجىزە

文摘   2025-01-03 20:20   新疆  


ئەتىيازدا زەنجىۋىلنى مۇنداق يېسە ئېغىر، يامان كېسەل ۋە راك كېسىلىدىن يىراقلىشىدۇ، مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئەتىيازدىكى كۈتۈنۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىش ئىلكەنلىكىنى ئىنىقلىغان بولۇپ، بۇ مۇقەررەر ھالدا قىشتا بەدەنگە كىرگەن سوغۇقنى، بىر قىشتىكى ناچار كەيپىياتنى ھەيدەپ چىقىرىپ، مۇزەككەر قۇۋۋەتنى پەيدا قىلىپ، كېيىنكى بىر يىللىق سەرپىياتقا ياخشى تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت. 

كونىلاردا باھار ۋە يازدا باھنى كۈتۈش دېگەن گەپ بار. نېمە ئۈچۈن ئەتىيازدىن باشلاپ مۇزەككەرلىك پەيدا بولىدۇ؟ چۈنكى مۇسبەت قۇۋۋەت ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۈزۈلمىسى بولۇپ، «مۇسبەت قۇۋۋەت» قانچە يېتەرلىك بولسا، ئادەم بەدىنى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەردە مۇسبەت قۇۋۋەت يېتەرلىك بولمىسا ئادەم كېسەل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مۇزەككەر قۇۋۋەت پەيدا بولغاندا، ئادەمنىڭ بەدەننى قوغداش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. 

نۇرغۇن مۇتەخخەسىسلەر 40 يىل زەنجىۋىل بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرغان. 

گۇاڭجۇ جۇڭيى تېبابىتى ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن رۈيفاڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: مۇزەككەر قۇۋۋەت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى بەلگىلەيدۇ، ئادەم بەدىنى بىئارام بولغاندا، بەدەن ئىچى سوغۇق، نەم ھاۋاغا ئوخشايدۇ، لېكىن قۇياش چىقىشى بىلەنلا بۇ خىل مۇھىت كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز بولىدۇ. ئەتىيازدىن باشلاپ مۇزەككەر قۇۋۋەتنى زاپاس ساقلاش ۋە ئاسراش بىر يىللىق ساغلاملىقنىڭ ئاساس، باھنى بېقىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى زەنجىۋىل يېيىش. 

بۇ بىر نەچچە زەنجىۋىلنى سەل چاغلاپ قالماڭ، دۆلەت تىبابىتى ئۇستىسى لۇ جىجېڭ دەل زەنجىۋىلنىڭ كۈتۈنۈشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى، 90 ياشلىق بۇ ئادەمنىڭ 40 ياشلىق يۈرىكى بار.

لۇ ئاقساقال ھەر كۈنى تاماق يىگەندە ئىككى، ئۈچ تال زەنجىۋىل يەيدۇ، مۇغۇمداق يىگىنىگە 40 نەچچە يىل بولغان. ھەر يىلى لۇ ئاقساقال سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوخشاش بولىدۇ، بارلىق سانلىق قىممەت نورمال دائىرىدە بولىدۇ، بارلىق نەتىجە روشەن نورمالسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ، قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقى 40-50 ياشلىق ساغلام ئەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش. ئۆزى ئىشلەتكەندىن باشقا، لۇ خانىممۇ دائىم زەنجىۋىلنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. 

ئىككى خىل زەنجىۋىل بىلەن داۋالاشتا، ئادەمگىياھ يېيىشنىڭ ئۈنۈمى بار. 

زەنجىۋىلنى يىيىش ئاددى، ئەمما بىر پارچە زەنجىۋىلنى سېتىۋىلىپ، قورۇما قورۇپ، ئىككى، ئۈچ پارچە كېسىپ ئىشلىتىپ، ئېشىپ قالغىنى سېسىپ، قۇرۇپ كەتكىنى ئىشلەتكەندىن كۆپ، بەك ئىسراپچىلىق.

كېلەر قېتىم ئىشلىتىدىغان چاغدا، يەنە قايتىدىن سېتىۋېلىش كېرەك، مۇھىمى بەزىدە جىددىي ئىشلىتىش كېرەك، ۋاقىت توغرا ئەمەس، سېتىۋالاي دېگەندە   يوق. 

«بەدەن ئاسراش جەمئىيىتى» نىڭ بۈگۈنكى سانىدا، فاڭ فېننىڭ دېمەكچى بولغىنى ئىككى خىل ھەم ساقلاشقا ھەم يېيىشكە بولىدىغان ئۇسۇل. ئەگەر ئەتىيازدا مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل يەپ بەرسە، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى ئادەمگىياھقا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ. 

01

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىل 

زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدىكى زەنجىۋىل مېيى كېتونى، زەنجىۋىل فېنول قاتارلىق ماددىلار قان ئۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئادەتتە زەنجىۋىل تالقىنى ياكى زەنجىۋىلنى ئىستېمال قىلغاندا، قان ياخشى ھالەتنى ساقلاپ، قان نوكچىسى پەيدا بولمايدۇ. 

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى ئاچچىقسۇنىڭ قورۇش رولىدىن پايدىلىنىپ، زەنجىۋىلنىڭ تارقىلىش ۋە ئىللىتىش رولىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەندىكى ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ.

زەنجىۋىلنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندا، زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدىكى بەزى تەركىبلەر ئاچچىقسۇغا سىڭىپ كىرىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى، قان بېسىمى يۇقىرى دوستلارنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

زەنجىۋىلنى ئاچچىقسۇغا چىلاش، روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شورپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئورۇقلاش، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەدەننىڭ مۇسبەتلىكىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە. دۆلەت دوختۇرى لۇ جىجېڭ ھەر كۈنى ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەيدۇ. 

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىل 

ماتېرىيال: زەنجىۋىل، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى (ئادەتتىكى ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بولىدۇ) مۇۋاپىق مىقداردا، ھىملەش قاچىسى.

ئىشلەش ئۇسۇلى: 

زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، يالپاقلاپ توغراش، بەك قېلىن قىلىۋەتمەسلىك، بەك قېلىن بولۇپ كەتسە، تەمى ياخشى بولمايدۇ، پوستىنى سويۇۋەتمەي، ئىمكانقەدەر تەكشى توغراش؛ 

توغرالغان زەنجىۋىلنى بوتۇلكىغا سېلىپ، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىنى بوتۇلكىغا تۆكۈش، دىققەت قىلدىغان ئىش بولسا، بوتۇلكا چوقۇم پاكىز يۇيۇلۇشى، بوتۇلكىدا ماي بولماسلىقى كېرەك، زەنجىۋىلنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىدىن چوقۇم زەنجىۋىل پارچىسى ئىشىپ كەتمەسلىكى، زەنجىۋىلنى سىرتقا چىقارماسلىقى كېرەك؛ 

توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش بۆلۈمىگە سېلىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: ھەر كۈنى ئۈچ تال، سائەت7 ~ 9 غىچە بۇ ۋاقىتتا زەنجىۋىل يېسە ئاشقازانغا بولغان قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئادەتتە چۈشتە ياكى كەچتە يېيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بولۇپمۇ كەچتە. شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنىدۇ، مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

شىپالىق رولى:

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، زەنجىۋىلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئىللىتىش، تەرلىتىش، قۇسۇشنى توختىتىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدىكەن، زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار يەنە ئوكسىگېن ئەركىن رادىكاللىرىغا تاقابىل تۇرۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چاچ چۈشۈپ كەتكەنلەرگە نىسبەتەن، زەنجىۋىل قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چاچ چۈشۈشنى ئازايتىدۇ. 

قان تومۇرنى كېڭەيتىش

زەنجىۋىل قاننى تازىلاپ، قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىدۇ. ئاچچىقسۇنىڭ يەنە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولى بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە دىئابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىرلەشتۈرۈش، قان تومۇرغا قوش سۇغۇرتا ئېلىپ كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. 

بوغۇم ياللۇغى

زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدىكى زەنجىۋىل سېرىق ماددىسى پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىغا تەۋە بولۇپ، ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق رولى بار. بوغۇم ياللۇغىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىپ، بوغۇم ياللۇغى كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى تورمۇزلايدۇ. 

تەرلىتىپ قىزىتمىنى قايتۇرۇش

زەنجىۋىلنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، تەرلىتىش، قىزىتمىنى ياندۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

زەھەرنى ھەيدەپ، چىراينى ياخشىلاش

 زەنجىۋىل چىلىغان ئاچچىقسۇ ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بەدەندىكى ئىچكى توكسىننى ھەيدەپ، تېرىنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

پۇت-قول مۇزلاشنى پەسەيتىش

زەنجىۋىل قىزىتمىنى پەسەيتىش، مۇزەككەر قۇۋۋەتنى تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك. ئادەتتە كىشىلەر ئىككى ئاي يېسە، ئادەمنىڭ مۇزەككەر قۇۋۋىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بەدىنى ئىسسىشقا باشلايدۇ، پۇت-قولى مۇزلىمايدۇ. 

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ياردەم بېرىش

زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدە زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسى بولۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق. كىشلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. 

02

زەنجىۋىل تالقىنى 

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ، لېكىن ئۇنى يېيىشكە بولىدۇ، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. نىسبەتەن ئېيتقاندا، زەنجىۋىل پاراشوكىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ھەم سۇغا چىلاپ ئىچكىلى، ھەم پۇتقا چىلاپ يۇيۇنغىلى بولىدۇ. 

تاللا بازىرى ياكى باشقا يوللاردا دائىم زەنجىۋىل تالقىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمما زەنجىۋىل تالقىنىنىڭ خام ماتىرىيالىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ، خۇسۇسىي دۇكانلاردا سۈپىتى ناچار، سۈپىتى ئۆزگەرگەن زەنجىۋىلنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ، زەنجىۋىل تالقىنىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە بولمايدۇ.

 «بېيجىڭ سودا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەلۇم بىر ماركىدىكى زەنجىۋىل پاراشوكى گۈڭگۈرت  ئوكسىدىنىڭ قالدۇق مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ماركا نامى ئىلىپ تاشلانغان. گۈڭگۈرت ئوكسىدىنى ئادەم بەدىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلسا بەدەندە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا زىيان يەتكۈزىدىكەن ھەمدە نەپەس قىيىنلىشىپ، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. 

ئادەتتە بىر جىڭ زەنجىۋىل تالقىنىنى 100 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلدىكەن، ئۆزۈڭىز ياسىسىڭىز كۆپ پايدا ئالىدۇ،ئۆيدە 30 يۈەنگە بىر جىڭ زەنجىۋىل تالقىنىنى تەييارلىيالايسىز.

ئۆزى ياسىغان زەنجىۋىل تالقىنى

سېتىۋالغان زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ، يۇيۇپ بولغان زەنجىۋىلنى سۇ تەركىبىنى كونترول قىلىش كېرەك. 

زەنجىۋىلنى نېپىز يالپاقلاپ، ئىمكانقەدەر تەكشى توغراش كېرەك. 

كەسكەن زەنجىۋىلنى، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان سايمانلارنىڭ ئۈستىگە تەكشى قويۇپ، بالكونغا قويۇپ ئاپتاپقا سېلىش كېرەك. 

ئەگەر پار بولسا، كەچتە بىۋاستە پار تۇرۇبىسىغا قويۇپ قويسا بولىدۇ. پارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان زەنجىۋىل بىر كېچىدىلا قۇرۇيدۇ. ئەگەر ئائىلىدە دۇخوپكا بولسا، دۇخوپكا بىلەن قۇرۇتۇشقا بولىدۇ. 

ئىككىنچى كۈنى زەنجىۋىلنى داۋاملىق ئاپتاپقا سالسا بولىدۇ. 

ئۈچىنچى كۈنى زەنجىۋىل تالقىنى ياسىغىلى بولىدۇ، ئۇنى ماشىنا بىلەن يانجىشقا بولىدۇ. 

يۇمشىتىلغان زەنجىۋىل ئۇنىنىى تاسقاش. 

تاسقاپ بولغان زەنجىۋىل تالقىنىنى يەنە بىر ئاز شامالدىتىپ، قۇرۇتۇپ بولغان زەنجىۋىل تالقىنىنى پاكىز ئەينەك بوتۇلكىغا قاچىلاپ ساقلايمىز. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 

زەنجىۋىلنى سۇغا چىلاپ، پۇتنى سۇغا چىلاپ يۇيۇنغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: دانلىق زىرائەت، كۆكتاتلارغا زەنجىۋىل تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش، ئۇماچقا زەنجىۋىل تالقىنىنى سېلىپ، ھەسەل، قارا شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە بولىدۇ. يەنە سىرتتىن سۈركىسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، زەنجىۋىل ئۇنى ۋە ئۇننى 1:1 بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، قەغەزگە يېيىتىپ، ئاندىن سوغۇق بوغۇمغا سۈرۈپ، 10 ~ 15 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئېيتىۋەتسەك، سوغۇق ۋە ھۆللۈكنى داۋالايدۇ. 

شىپالىق رولى: 

ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

 پۇت ئاستىدىكى پەللىلەرنى ناھايىتى ياخشى غىدىقلاپ، ھەرقايسى سىستېمىلارنىڭ مېتابولىزمىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنى بوشىتىپ، ھارغىنلىقنى پەسەيتىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. 

سوغۇقنى ھەيدەپ، زۇكامنى پەسەيتىش

 ئىككى قوشۇق زەنجىۋىل تالقىنىنى سۇدا قىزىتىپ، زۇكامغا گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ پۇتىنى چىلاش. زەنجىۋىل تالقىنى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

زۇكام بولمىغان كىشىلەرمۇ زەنجىۋىل تالقىنىنى بىلەن پۇتنى چىلىسا، سوغۇقنى ھەيدەش رولىنى ئويناپ، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن شامالداپ سوغۇق ئۆتۈپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا مۇۋاپىق مىقداردىكى زەنجىۋىل تالقىنىنى ئىسسىق سۇغا سېلىپ، راھەتلىنىپ يۇيۇنغاندا، يۇيۇنغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەن يېنىك بولۇپ، زۇكامنىڭ تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. 

قېرىلىق دېغىنى تازىلاش

زەنجىۋىل تالقىنى تەركىبىدىكى زەنجىۋىل ئاچچىق ماددىسى ۋە دىفېنىل ھېپتان تۈرىدىكى بىرىكمىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئەركىن رادىكالنى تازىلاش رولىغا ئىگە، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار زەنجىۋىل تالقىنىنى دائىم يەپ بەرسە قېرىلىق دېغىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. 

ماشىنىدا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

زەنجىۋىلنىڭ ھاسىل بولۇشى باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەسەيتىدۇ ھەمدە دورا ئۈنۈمى تۆت سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ. 

ئورۇقلىتىش

 گەنسۇ ئۆلكىسى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گەنسۇنىڭ نىڭشيەن ناھىيەسىدىن ليۇ ۋېيجۇڭ ئىلگىرى ھۆججەت تارقىتىپ، ھەر كۈنى سۇ ئىچكەندە ئىككى قوشۇق زەنجىۋىل تالقىننى تۆكۈپ ئىچىپ، تەخمىنەن يېرىم ئايدا 79 كىلوگىرامدىن 67 كىلوگىرامغا چۈشۈپ، 24 جىڭ ئورۇقلىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئورۇقلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان.

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ پىرىنسىپىمۇ ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، زەنجىۋىل تالقىنىنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ۋە ئۈچەي يېمەكلىكتىكى ئوزۇقلۇقنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىپ، ئاستا-ئاستا ساغلام ۋە زىلۋا بولۇشقا باشلايدۇ. 

ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيىز كېلىش كېسىلىنى داۋالاش

زەنجىۋىل تالقىنىغا قارا شېكەر قوشۇلسا، ھەيىز مەزگىلىدىكى قورساق ئاغرىش، ھەيىز كېسىلى قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى بولىدۇ. 

راكقا قارشى تۇرۇش

مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، 30 ياشتىن كېيىن كۆپىنچىسىدە چارچاش ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەش خاھىشى كۆرۈلىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى قانچە تۆۋەن بولسا، راك ھۈجەيرىلىرى شۇنچە جانلىنىدىكەن. ھالبۇكى، ھەر كۈنى زەنجىۋىل پاراشوكى ئىشلەتسە، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. 

ئەسكەرتىش: زەنجىۋىل تالقىنى گەرچە ساقلاشقا ئەپلىك بولسىمۇ، ئەمما بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 

ئاچچىقسۇ بىلەن زەنجىۋىل تالقىنىنى ئايرىپ ئىشلىتىشكىمۇ، ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئىستېمال قىلغاندا، ھەر كۈنى 10 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ. ئەتىگەندە ئۈچ تال زەنجىۋىلنى ئاچچىقسۇغا چىلاشقىمۇ بولىدۇ، كەچتە ئىككى قوشۇق زەنجىۋىل تالقىنى بىلەن پۇت چىلساق بولىدۇ.


يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章