جاننى ئالدىغان 5 خىل خاتا ئۇخلاش ھالىتى، سىزدە بولسا ئۆزگەرتىڭ

文摘   2024-12-23 20:20   新疆  

ساغلاملىقىڭىزغا بىز ھەمراھ

ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى بەش يامان ئادەت ئادەمنى تىز قىرتىۋىتىدۇ، ھەتتا جانغا زامىن بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇيقۇ ياخشى بولسا، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار ئۈنۈملۈك كۈتۈنۈشكە ۋە يېتەرلىك تەمىنلەشكە ئېرىشەلەيدۇ، بۇنى ئەڭ ئاددىي، راھەت كۈتۈنۈش ئۇسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە بۇ كۈتۈنۈش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي بولسىمۇ، بىراق ئۇخلاش ھەرگىزمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئۇخلىسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ساغلام بولمىغان ئۇيقۇ بەدەننى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا ئاستا-ئاستا راك ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. تۆۋەندىكى بەش خىل ئۇخلاش توغرا ئەمەس، ئەگەر سىزدە بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولسا، چوقۇم ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك.


ئاچچىقلىنىپ ئۇخلاش

غەرىب تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، سەگەك ھالەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيقۇ بەلكىم سىزنىڭ ناچار كەچۈرمىشكە بولغان خاتىرىڭىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدا سىزنى غەزەپلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەر تېخىمۇ ئۇزاققىچە پەيدا بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاچچىقلانسا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ، نەپەسلىنىشى تېزلىشىدۇ، ھەر خىل خىياللارنى قىلىدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچچىقلىنىشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېلېكترو كاردىئوگرامما ئادەتتىكى يۈرەك رىتىمسىزلىقىدىن تېخىمۇ قالايمىقان، تېخىمۇ تۇراقسىز بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئەڭ ئەجەللىك ئەھۋال بولۇپ، غەزەپلىنىشكە ئوخشاش كۈچلۈك كەيپىيات يۈرەك رىتىمىنى ئۈزۈپ قويۇپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. 

ئاياللار ئاچچىقلانغاندا، ئاسانلا داغ پەيدا بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، ئاشقازان يارىسى ۋە يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا قالقانبەز فۇنكسىيىسى كۈچىيىپ كېتىش ۋە سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. گەنسۇ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئۆسمە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى ۋاسىتىلىك داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ئۆسمە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لەنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كىلىنىكىدا كۆپ ساندىكى ئۆسمە كېسىلى بىمارلىرى كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى، تۇرمۇشتا خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن (مەسىلەن، ھەمراھىدىن ئايرىلىش، ئوغلىدىن ئايرىلىش، ئىشسىز قېلىش) ، دېمەك، راك كېسىلى ئاچچىقلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى ھەمىشە كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدىغان كىشىلەرگە يېپىشىۋېلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. 

ئالدىنى ئىلىش تەدبىرى : - ئاۋۋال ئاچچىقىڭىزنى ياندۇرۇپ ئاندىن ئۇخلاڭ، ئەگەر بەك غەزەپلىنىپ كەتسىڭىز، چوقۇم دەردىڭىزنى تۆكۈڭ، ھەرگىز ئىچىڭىزگە يۇتماڭ.


ئاچچىق ياندۇرۇش ئۇسۇلى : 1. تەيچۇڭ پەللىسى

ئاسان ئاچچىقلىندىغان، تەشۋىشلىنىدىغان، كۆڭلى پاراكەندە بولىدىغان ئادەم، پۇت يۈزىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، تېز سۈرئەتتە ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ، كۆڭلىنى تىنچلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ جاي تەيچۇڭ پەللىسىنىڭ ئورنى بولۇپ، ئادەم پۇتى چيەنيىن جىگەر تومۇرىدىكى مۇھىم پەللىلەرنىڭ بىرى، يەنە « ئاچچىق يوقىتىش پەللىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. داۋالاش ئۇسۇلى: باش بارماق بىلەن ئىككى تەرىپىدىكى پەللىنى كۈچەپ ئۇۋۇلاپ بەرسە، يەرلىك ئورۇندا بىر قەدەر كۈچلۈك تېلىپ چىڭقىلىش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، ھەر قېتىمدا 35 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ.


2. لاۋگۇڭ پەللىسى

لاۋگۇڭ پەللىسىنىڭ ئورنى، قول جۆيىن يۈرەك قېپى تومۇرىغا تەۋە، يۈرەك قېپى تومۇرى يۈرەكنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، لاۋگۇڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاش يۈرەكنى تىنچلاندۇرۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇسۇلى: ئاچچىقلانغاندا، مۇشتۇمىنى يېنىك تۈگۈپ، ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئۆزىنىڭ ئالىقىنىنى 12 مىنۇت ئۇۋلىساق بولىدۇ، يۈرەكنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ.


3. بەيخۇي پەللىسى

ئاچچىقلانغاندا باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆكرەك سىقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئولتۇرۇپ باشنى ئۇۋۇلاپ، « باش»تىكى « يەل» نى چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئۇسۇلى: بەيخۇي پەللىسىنى ئىككى قول بىلەن يەتتە سېكۇنت بېسىپ تۇرۇپ، قولنى ئۇدا يەتتە قېتىم قويۇۋەتكەندە، كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرگىلى بولىدۇ.


ئۇخلاشتىن بۇرۇن  تويۇنۇپ تاماق يىيىش

ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك تويۇپ كەتسە، ئۇخلاش جەريانىدا ئاشقازان، ئۈچەينىڭ « ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش» نى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيدا بولغان ناچار غىدىقلىنىش چوڭ مېڭىگە يېتىپ بارىدۇ. ئادەمدە كۆپ چۈش كۆرۈش، ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇخلىيالماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كۆپ چۈش كۆرۈش يەنىلا كىچىك ئىش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورساق تويغاندا قان ھەزىم قىلىش يولىغا يىغىلىپ، باشقا ئورۇنلاردىكى (بولۇپمۇ تاجىسىمان ئارتېرىيە) قان نىسبەتەن ئازىيىپ، ئاسانلا يۈرەككە قان يېتىشمەي يۈرەك سانجىقى پەيدا بولىدۇ، كېچىدە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى مانا مۇشۇنداق كېلىپ چىقىدۇ، كېچىدە كېسەل قوزغىلىپ قالسا، تىخمۇ خەتەرلىك. ئالدىنى ئىلىش تەدبىرى: كەچتە قەتئىي تويۇنۇپ تاماق يىمەسلىك،قورساق يەتتە ئۈلۈش ھالەتتە تويغاندا بولدى قىلىش كىرەك. كەچتە بۇ تاماقنى كۆپ يېسە، ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۈرەك تىقىلمىسى، ئاشقازان كېسىلى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


ئۇخلاشتىن بۇرۇن زىيادە ھەرىكەت قىلىش

بەزى كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلغاندا ئادەم تېخىمۇ چارچايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئاسان ئۇخلىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن زىيادە كۆپ ھەرىكەت قىلىش چوڭ مېڭىنىڭ مۇسكۇل ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئىنتايىن كۈچلۈك ھاياجانلىنىش ھالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىسىز.


ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاي ئىچىش

چاي تەركىبىدە كوففېئىن قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلار مەركىزىي نېرۋىلارنى غىدىقلاپ، ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ، ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاي ئىچسە، بولۇپمۇ قېنىق چاي ئىچسە، مەركىزىي نېرۋا تېخىمۇ روھلىنىپ، ئادەمنى ئاسان ئۇخلىغىلى قويمايدۇ.

تەدبىر: يېرىم ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىپ ئۇخلىغاندا يۈرەك رىتىمى ئاستىلايدۇ، ئەگەر سۇ ئىچمىگەندە قان قويۇقلىشىپ، قان ئايلىنىش ئاستىلايدۇ، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئاسانلا قان نۆكچىسى پەيدا بولىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك سانجىقى، مېڭە قان نوكچىسى قاتارلىقلارنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بىراق، بىر پىيالە ئىچسەكلا بولىدۇ، بولمىسا كېچىسى يېتىپ ئۇخلاشقىمۇ تەسىر يېتىدۇ.


مۇۋاپىق بولمىغان ياستۇقنى ئىشلىتىش

ياخشى ئۇيقۇغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم بىر ياخشى ياستۇق بولۇشى كېرەك. ياستۇق بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئاسانلا« يەل تۇرۇپ قېلىش» ، باش چىڭقىلىش، قاپاق ئىششىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ياستۇق بەك ئېگىز بولۇپ كەتسە، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بويۇننىڭ بىئارام بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆزڭىز ئەڭ يىقىن بىلگەن ئادەملەرگە ئەۋەتىشنى ئۇنۇتماڭ

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章