ئاچچىقسۇدا يۈز يۇيغاندىكى 6 خىل ئۈنۈم

文摘   2025-01-08 20:20   新疆  

ئۆلگەن تېرىلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ : -  ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈز يۇيغاندا تېرە ھۈجەيرىلىرىگە سۇ ۋە ئۇزۇقلۇق تولۇقلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا تېرىنى يۇمشىتىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىنكىلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، تېرىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ. 

تېرىنى ئاقارتىدۇ : -  چىراي گۈزەللەشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇزۇن ۋاقىت ئاق ئاچچىقسۇدا يۈزنى يۇيۇپ بەرگەندە تېرىنى ئاقارتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدىكەن. تېرە تۇغما قارا بولمىسىلا ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق تېرىنى ئاقارتقىلى بولىدىكەن. ھەر كۈنى يۇيۇنغان ياكى يۈز يۇيغان ۋاقىتتا ئاق ئاچچىقسۇ قېتىپ يۇيغاندا تېرىنى تېخىمۇ سۈزۈك ۋە يۇمراق قىلغىلى بولىدىكەن. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن سېرىق پۇرچاقنى يېرىم ئاي بىللە چىلاپ قويۇپ يۈز يۇيۇشقا ئىشلەتكەندە تېرىدىكى قارا پىگمېنىتلارنى يوقىتىدۇ. 
دانىخورەكنى يوقىتىدۇ : -  ئەگەر تېرىڭىز مايلىق تېرە بولسا ئۇنداقتا ھەر كۈنى ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈز يۇيۇش ئارقىلىق دانىخورەكنى يۇقىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. سەپكۈننى يوقىتىدۇ. بايناق بىلەن ئاق ئاچچىقسۇ تەييارلاپ، بايناقنى پارچىلاپ ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن بىر ھەپتە چىلاپ قويۇپ، ھەر كۈنى يۈزدىكى سەپكۈن بار جايغا سۈرۈپ بەرسە ھەم بۇ ئامالنى ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغاندا سەپكۈننى ئۈنۈملۈك ھالدا يوقىتىدۇ. ماينى تىزگىنلەيدۇ. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈزنى يۇيۇش تېرىسى مايلىق كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ، يۈز يۇيۇشقا ئىشلىتىدىغان يىلمان سۇغا ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇپ يۈز يۇيسا يۈزدىكى ماينى تىزگىنلەش، تەر تۆشۈكچىلىرىنى كىچىكلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. 
يالغان قورۇقلارنى يوقىتىدۇ : -  تۇرمۇشتا چىراي ئىپادىسى كۆپ كىشىلەرنىڭ يۈزىدە قورۇقنىڭ كۆپلىكىنى بايقايمىز، لېكىن بۇلار ھەقىقىي قورۇق ئەمەس، ئادەتتە ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈز يۇيۇش ئارقىلىق بۇ قورۇقلارنى يوقىتىشقا بولىدۇ. 

يىرىك تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ : - تېرىسى يىرىك كىشىلەر ئاق ئاچچىقسۇ ۋە گىلىتسېرىننى بەشكە بىر نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرگەندە يىرىك تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ھەر كۈنى ئۈزمەي قوللىنىش لازىم، شۇنداق قىلغاندا تېرە تېخىمۇ يۇمران، ئاق بولىدۇ. 

تېرىنى نەمخۇش قىلىدۇ : -  ھەر كۈنى يۈز يۇيىدىغان سۇغا ئاز مىقداردا ئاق ئاچچىقسۇ ۋە ھەسەل سېلىۋەتكەندە تېرىنى نەمخۇش قىلىش، تېرىنى سۈزۈلدۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن ياخشى بولغان ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولغاندا بۇ خىل ئۇسۇلنى چوقۇم ئۇزۇن ۋاقىت قوللىنىش لازىم. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن يۈز يۇيۇشنىڭ پايدىلىق تەرىپى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ قېتىم يۇيماسلىق كېرەك، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت بىر قېتىملا يۇيۇش لازىم، كۆپ يۇيۋەتكەندە تېرىگە زىيان كۆرسىتىپ، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章