يۈزنى تەبئىي ئاقارتىدىغان يەرلىك رىتسىپلار

文摘   2024-12-23 20:20   新疆  

ھەر كۈنى يۈزىڭىزگە بۇنى ئازراقتىن سۈرسىڭىز 50 ياشتىمۇ قورۇق چۈشمەيدۇ 

تېرە ياخشى بولسا نىمىلا كىيسە يارىشىدۇ . بۈگۈن مەن سالونىمىزدىكى خانىم قىزلارغا ئالاھىدە بىر تىما تەييارلىدىم ، يەنى سىز نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ كويلۇق تېرە ئاسراش بويۇملىرى ئىشلەتمەيمۇ تېرىڭىزنى  كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئاسراش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز ، ھەم تېرىگە ئاسانلىقچە قورۇق چۈشمەيدۇ . نىمدۇ دەپ ئالدىراپ كىتىۋاتقانسىز ؟ دورىخانىلاردا سېتىلىدىغان نەچچە ئون كويلۇق ۋىتامىن ئى ئارقىلىق تېرىڭىزنى نەچچە يۈز كويلۇق  تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىدىن ياخشىراق ئاسراش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز !

ئۇنداقتا تۆۋەندە مەن ۋىتامىن E نىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئىشلىتىش يوللىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي .

1. ۋىتامىن E ئارقىلىق دانىخورەك ئىزى ۋە داغ سەپكۈننى يوقىتىش.


ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن يۈزنى يۈز يۇيۇش مەلھىمى بىلەن ئىسسىق سۇدا پاكىز يۇيۇش كېرەك . ئاندىن ۋىتامىن E تابلىتىنىڭ بىر ئۇچىنى يىڭنە بىلەن تېشىپ ئالقىنىمىزغا سىقىپ چىقىرىۋالىمىز . ئەگەر بەك  قويۇق بولسا ئازراق سۇ قوشۇپ سۇيۇلدۇرساق بولىدۇ . ئۈچىنچى قەدەمدە سىقىپ چىقىرىۋالغان ۋىتامىن E سۇيۇقلىقىنى يۈزىمىزگە تەكشى سۈرىمىز ۋە 10-15 مىنۇت ئۇۋلاپ سىڭدۈرىمىز .

 2- كۈنى ئەتىگەندە يۇيۋەتسەكلا  بولىدۇ . 

ۋىتامىن E نىڭ تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش رولى ناھىيىتى ياخشى بولغاچقا تېرىدىكى سۇ تەركىبىنى قۇلۇپلاشتىن باشقا تېرىنىڭ قېرىشىنى كىچىكتۈرۈش رولى بار . ھەر كۈنى ئەتىگەن كەچتە يۈز تېرىڭىزگە ۋىتامىن E  سۈركەپ بەرگەندە تېرىڭىزنىڭ بوۋاقنىڭ تېرىسىدەك يۇمران ۋە سېلىق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ .

2. ۋىتامىن E ئارقىلىق لەۋ تېرىسىنى ياخشىلاش.

 

يۈز تېرىسىگە چۈشكەن قورۇقلا ئەمەس لەۋگە چۈشكەن قورۇقمۇ خانىم - قىزلارنىڭ گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ .

 تۆۋەندە مەن سالونىمىزدىكى گۈزەل خانىم قىزلارغا لەۋ تېرىسىنى ۋىتامىن E  ئارقىلىق قانداق ئاسراش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرەي : 

ئالدى بىلەن كىچىك قاچىغا مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن مىيى  ۋە ھەسەلنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيىمىز ، ئاندىن ئىككى تىمىم ۋىتامىن E تىمىتىپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز . ئۈچىنچى قەدەمدە تەكشى ئارلاشتۇرۇلغان ئارلاشمىنى لىۋىمىزگە  سۈركەيمىز ، قانچە جىق سۈرسەك شۇنچە ياخشى ، بەش مىنۇتتىن كىيىن لىۋىمىزنى يۇيۋەتسەك بولىدۇ ، يۇيغاندىن كىيىن لەۋ تېرىسىنىڭ قانچىلىك ياخشىلانغانلىقىنى لىۋىڭىزنىڭ يۇمشاق نەمخۇش بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلالايسىز  .

3. ۋىتامىن E ئارقىلىق قورۇقنى يوقىتىش

ۋىتامىن E نى سىرتتىن ئىشلىتىش ئارقىلىق تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تىزلەشتۈرۈپ تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ۋە قايتىدىن شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ، شۇنداقلا قورۇقنى يوقىتىپ تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە  كەلتۈرۈپ تېرىڭىزنى 20 ياش ھالىتىگە قايتۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز !

ئالدى بىلەن كىچىك قاچىغا مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن مىيى  ۋە ھەسەلنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيىمىز ، ئاندىن ئىككى تىمىم ۋىتامىن E تىمىتىپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز . يۈزىمىزنى پاكىز يۇيۇپ ، تەييارلىۋالغان ئارلاشمىنى يۈزگە  تەكشى سۈرۈپ 15 مىنۇت تۇرغۇزىمىز ، بۇ جەرياندا سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ مىڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرىۋالسىڭىز ياكى يىنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى ئەركىن ھالەتتە قويۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ . 15 مىنۇتتىن  كىيىن يۈزىڭىزنى ئىسسىق سۇدا يۇيۋەتسىڭىز بولىدۇ ، سۇ بەك قىززىق ياكى بەك سوغۇق بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك . 

يۈز تېرىسىگە چۈشكەن قورۇقلا ئەمەس كۆز ئەتراپىدىكى كۈلگەندە پەيدا بولىدىغان قورۇقمۇ خانىم قىزلارنىڭ گۈزەللىكىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ . پۇل خەجلەپ بىر مۇنچە پۇللۇق كۆز ئەتراپى قورۇق  يوقىتىش مەلھىمى سېتىۋالغاندىن كۆرە نەچچە ئون كويلۇق تەبىئىي بولغان ۋىتامىن ئى سۇيۇقلۇقى ئارقىلىقلا كۆز ئەتراپىغا چۈشكەن قورۇقلار بىلەن خوشلىشالايسىز . 

بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاسان ، ھەر كۈنى كەچتە ۋىتامىن E نى بىۋاستە كۆز ئەتراپىغا سۈركەپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ ، ئۈنۈمىنى تىزلا كۆرەلەيسىز !


4. ۋىتامىن E ئارقىلىق چاچ ئاسراش 

ۋىتامىن E نىڭ يەنە چاچ ئاسراش رولىمۇ بار بولۇپ يىڭى چاچ ئۆستۈرۈشتىن باشقا يۇقىرى ئۈنۈملۈك چاچ ئاسراش رولىمۇ ناھايىتى ياخشى . ۋىتامىن ئى ئارقىلىق چاچ ئاسراش ناھايىتى ئاسان بولۇپ ئايگىرىم سالونىمىزدىكى  خانىم قىزلارنىڭ سىناپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . يەنى چاچ يۇيغان ۋاقىتتا بىر تال ۋىتامىن E تابلىتىنى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىغا ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

 چاچ ئاسراش مەلھىمى ئىشلەتكەندىمۇ ئوخشاشلا بىر تال ۋىتامىن E تابلىتىنى سىقىپ چىقىرىپ ئارلاشتۇرۇپ چاچقا سۈركەپ يىنىك ئۇۋلاپ چاچقا سىڭدۈرۈپ ئۈچ مىنۇتتىن كىيىن چايقىۋەتسىڭىز ساغلام ۋە ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولغان  چاچقا ئېرىشەلەيسىز ! بۇنداق بولغاندا سىز بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئايرىم ساتىراچخانىلارغا بېرىپ چاچ ئاسرىتىش پۇلىڭىزمۇ تېجىلىپ قالىدۇ .


5. ۋىتامىن E ئارقىلىق ئاپتاپتىن ساقلاش ۋە كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش 

تېرە ئاقارتىشنىڭ ئاچقۇچى سىزنىڭ يۈز تېرىڭىزگە قانداق باھالىق تېرە ئاسراش بويۇملىرى ، گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىشىڭىز ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ئاپتاپتىن ساقلاش تەدبىرىنى قوللانغان قوللانمىغانلىقىڭىزدا ! 

مەن يەنە سىلەرگە  ۋىتامىن E ئارقىلىق يۈز تېرىسىنى ئاپتاپتىن ساقلاش تەدبىرلىرىنى سۆزلەپ بىرەي :

ئاۋۋال پاكىز لۆڭگىنى توڭلاتقۇنىڭ مۇزلىتىش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ 15 مىنۇت مۇزلاتقاندىن كىيىن ئىلىۋالىسىز. ئاندىن يۈزىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ سوغۇق لۆڭگىنى يۈزىڭىزگە 10 مىنۇت ياپىسىز ، ئاندىن ۋىتامىن E نى بىۋاستە  تېرىگە سۈركىسىڭىز بولىدۇ . ۋىتامىن E نىڭ تېرىنى ئولتۇرا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاشتىن باشقا يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا قارا پىگمىنتنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ . ياز پەسلىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىشتا بۇ ئۇسۇل ئەڭ قولايلىق  ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ .


6. ۋىتامىن E ئارقىلىق كىرپىك ئۆستۈرۈش

ۋىتامىن E بولسا كىرپىك ئۆستۈرۈش ئوزۇقلىقى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ كىرپىككە ئىزچىل سۈركەپ بەرگەندە كىرپىكنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك تىزلىتىش رولى بار . ۋىتامىن E نى سىقىپ چىقىرىۋالغاندىن كىيىن پىلتىكۈچ ئارقىلىق  كىرپىكنىڭ يىلتىز قىسمىغا يىنىك سۈرسىڭىز بولىدۇ ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىڭىز قويۇق ھەم ئۇزۇن كىرپىككە ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز .

يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ

بىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز

Retsipim
رېتسىپىم سالونى سىزنى ئەڭ يېڭى قوللىنىشچان رېتسىپلار بىلەن تەمىنلەپ ساغلاملىقىڭىزغا يول ئاچقۇسى !!!
 最新文章