تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت 107-قىسىم _ مۇھەببەتلىك يۈرەكلەر

文摘   小说   2025-02-09 13:51   新疆  


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 107-قىسىم توپلام تامام 

↓↓↓





مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
45
44434241
5049484746
5554535251
 60   59  58 57 56
6564 63  62  61 
  70 69  6867  66 
 75  74  7372  71 
80    7978  77  76 
85    8483  82  81 
 9089  8887 
 86 
 95 94 93 92 91
 100 99 98 97 96
105104103102 101




106


 


كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

107-قىسىم

   


 

 


107 -قىسىم   كۆڭۈللۈك ساياھەت  


ساياھەت كوپىراتىپىدىكىلەر ئىككى ئاپتوبۇس تەييارلاپ، ئادەم تولۇق يىغىلغاندىن كېيىن بىللە ئېلىپ ماڭدى،   ئۇلار ھەقىقىي بارىدىغان جاي M شەھىرىنىڭ ئەڭ شىمالىدا ئىكەن، ئۇ يەردە ھەيۋەتلىك شەھەر سېپىلى، قەدىمىي يادىكارلىقلار بار بولۇپ، قۇياش ئالتۇندەك نۇر چېچىپ تۇراتتى، شۇنداقلا ئىسسىققىنە چوڭ كاڭ بار ئىدى.

ئاپتوبۇس ئىككى يېرىم سائەت ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن يېتىپ كەلدى،   كىچىك بازارنىڭ يەر كۆلىمى كەڭ بولۇپ، يىراقتىكى تاغلارنى غۇۋا كۆرگىلى بولاتتى.

مۇنىرە پۇتى بىلەن يەرنى تېپىپمۇ پۇتىنىڭ توڭلىغىنىغا چىدىيالماي، ئالدى بىلەن ھىم يېپىلغان ئۆيگە بۆسۈپ كىردى. ھەر بىر ئۆيگە نومۇر قويۇلغان، ھەر بىر ئادەمنىڭ ياتاق نومۇرى چوڭ ئاپتوبۇستا بېكىتىلىپ بولۇنغان، ئۈچ قەۋەتلىك ئۆينىڭ ئىچىدە مۇنىرە ئىككىنچى قەۋەتتىكى، كارىدورنىڭ بېشىدىكى ئۆيگە كىردى.

 مانا بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئىسسىق ئۆي ئىدى، توغرا، مۇنىرە قولىنى رەتلىك سېلىنغان يوتقانغا تىقىپ، ئىسسىق ھاۋادىن بەھۇزۇر نەپەس ئالدى.

نادىر يۈك-تاقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئىشىكتىن كىرىپلا باشقىلار تەرىپىدىن ئىككى قولى تارتىلىپ، ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ئالىقىنىغا ئېلىۋالدى.

مۇنىرە كۆزىنى قىسىپ، ئەمدىلا ئىسسىغان ئالىقىنى بىلەن قولىنىڭ دۈمبىسىگە مۇز پارچىسى تېڭىپ قويغاندەك توڭلاپ كەتكەن قولىنى چىڭ تۇتۇپ:

 ـ نادىر ئەپەندى سىزگە سوغۇق بەك ئۆتۈپتۇ... - دېدى.

قولدىكى ئىسسىقلىق شىددەت بىلەن ھەممە يەرگە تاراپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈرىكىنىمۇ ئىللىتتى.



مۇنىرە يېقىندىن بۇيان ئۆزىنى سەل بىنورمال ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى، بەزىدە ئۆزىنىڭ بارغانسېرى كىچىك قىزچاققا ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى.

نادىر ئەپەندى يېنىدا بولغاندا، ئۇ ھېچنېمە قىلماي،  ئەركىلەشنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.

ھەتتا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا چاقچاق قىلىپ قويۇشلىرى بار.

قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، ئەمما ئۇپۇق غەلىتە ئاقىرىپ كەتتى، ھاۋا  ئاستا-ئاستا سوۋۇپ، بۇلۇت قاتلىمى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى.

كەنتنىڭ ئالدى تەرىپىدە شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئەگرى-بۈگرى بىر دەريا بار بولۇپ، كەڭلىكى ئىككى گەز كېلەتتى، سۈيى سۈزۈك ھەم لىڭشىپ ، ئاستا ئاقاتتى.

مۇنىرە ئىسسىق يوتقاندىن چىقىپ، نادىرغا ئىسسىتىش چاپلىقى تېپىپ بەرمەكچى بولدى. ئەسلىدە ئېلىۋالغان ئىسسىتىش چاپلىقىنى ئىشلىتىپ بولغانىدى، بۈگۈن كەچتە يەنە پائالىيەت بار، ئەگەر بۇ  چاپلاق بولمىسا،  نادىرنىڭ توڭلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

- ھەي مۇنىرە، ئوغۇل دوستىڭىز بەك كېلىشكەن جۇمۇ! - دېدى بىرەيلەن.

مۇنىرە تۆۋەنچىلىك بىلەن:

ـ نەدىكىنى... - دېدى.

ـ ئۇ كىشى باش مۇدىرنىڭ نەۋرە ئىنىسىمۇ!  - دەپ سورىدى بىرەيلەن.

مۇنىرە داۋاملىق كەمتەر بولۇپ:

 ـ نەدىكىنى... - دېدى.  

- سىزگە ھەۋىسىم كېلىپ، تارتىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ! - دېدى يەنە بىرەيلەن.

مۇنىرە يەردە ئېچىلغان چاماداننىڭ قىپقىزىل نەرسىنىڭ بۇلۇڭدىن كۆرۈپ قېلىپ، كۆزلىرى نۇرلىنىپ:

 ـ پۇرسەت كەلدى، ئۇ بەك توڭلاپ كەتتى،  ئىسسىتىش چاپلىقىڭلاردىن بىرنى بېرىڭلار... - دېدى.  

ـ  رەت قىلىمەن.  - دېدى كەسكىن قىلىپ ئىككى ئادەم تەڭلا.

مۇنىرە ئىككى قىزنىڭ قەتئىي بېرىشنى خالىمىغان چىرايىغا قاراپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالماقچى بولدى.

 غەرەز ئۇقمايدىغان ئاياللار بىلەن خوشلىشىپ، مۇنىرە ئاخىرى  ئىككى پارچە چاپلاقنى ئالدى، بىراق قانداقلا بولمىسۇن بۇ كېچىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان بولدى.

ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نادىر كىرلىك، يوتقان-كۆرپىلىرىنى ئالماشتۇرغان كاڭدا يېتىپ قالدى، كۆزلىرىنى سەل-پەل تۆۋەن قىلىپ، يان تېلېفوندا كىتاب كۆرۈۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. مۇنىرە داقىلداپ دەسسەپ مېڭىپ كىرىپ كەلدى، نادىر تېلېفوننى قويۇپ ئۇنىڭ قولىنى سىلىدى، ھەرھالدا ئىسسىق ئىدى.

مۇنىرە مەمنۇن بولۇپ:

 ـ مەن قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن تۇرىمەن دېگەنتىمغۇ!  - دېدى.

ـ ئۆي ئىچى ئىسسىقكەن، - دېدى نادىر ئۇنى قويۇۋېتىپ، سىرتقا چىققۇسى كەلمىدى.

ئەگەر ئۆي ئىچىدە تۇرسا، قىش پەسلىدىكى شىمال خۇددى باھاردەك ئىللىق تۇيۇلاتتى.

ئەپسۇسكى،  پەستىكى گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەنلا، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن تۇرىدىغان مۇنىرە ئۇنى كارىۋاتتىن تارتىپ چىقاردى، ئىككى پارچە چاپلاقنىڭ بىرىنى دۈمبىسىگە، بىرىنى قورسىقىغا چاپلىشىپ، ئاخىرىدا يەنىلا سالاپىتىگە قارىماي قېلىن شارپىنى ئوراپ قويدى.

ئىشىكتىن چىققاندا نادىر قولىنى يانچۇقىغا سالماي، مۇنىرەنىڭ سول قولىنىڭ نامسىز بارمىقىغا سېلىنغان ئۈزۈكنى قوشۇپ چىڭ تۇتۇپ، ئاستا قەدەملىرى بىلەن ماڭدى، مۇراتنىڭ كۆزىلىرىنى ئالاچەكمەن قىلىۋەتتى.

ساياھەت يېتەكچىسى تەرەپ بارلىق تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغان بولۇپ، پائالىيەت مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا گۈلخان يېقىپ، كالا، قوي گۆشلىرىنى كاۋاپ قىلىپ،  گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە  قوڭغۇراقلىق داپ قولدىن - قولغا ئۆتۈپ، ئېگىز-پەس چېلىندى.

مۇنىرە داپنى كۆتۈرۈپ سىلكىدى، ساڭگىلاپ تۇرغان قوڭغۇراقتىن زىل ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئۇ ناھايىتى خۇش بولۇپ، مىدىرلاشنى خالىماي قالغان نادىرنى چۆرىدەپ سەكرەپ-تاقلاپ ئويناشتى، كۈلكىسى قوڭغۇراق ئاۋازىدىنمۇ جاراڭلىق ئىدى.

نادىر ئۇنىڭ پۇتىغا تىكىلىپ قاراپ،  بۇنداق قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرسە  يىقىلىپ چۈشەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدى، ئويلىمىغان يەردىن ئىككى قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن،  تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشتى، بەختكە يارىشا ئۇنىڭ كۆزى ئىتتىك بولغاچقا، قولىنى سوزۇپلا تۇتۇۋالدى.

-  بۇ يەر بەك خەتەرلىككەن. - دېدى مۇنىرە ئۆزىنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىنى دېمەي.  

 نادىر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ :

- ياۋاشراق بولۇڭ. - دېدى.  

مۇنىرە بۇ چاغدا ئۇنىڭدىن ئانچە قورقمىدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ  تىلىنى چىقىرىپ،  داپنى قايتا ئېلىپ يۈگۈرۈپ، ئاينۇرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينىدى، خۇددى كىچىك بالىغىلا ئوخشاپ قالدى.

 راستتىنلا كۆزۈم كور بولۇپ قاپتىكەن.

 نادىر كۆڭلىدە كۆپ قېتىم خۇرسىنىپ، بۇرۇلۇپلا مۇنىرەگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان مۇرەككەپ كۆزنى ئۇچرىتىپ قالدى،  قارشى تەرەپ ئۇنىڭ كۆرۈپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دەرھال نەزىرىنى قايتۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ مېڭىپ:

ـ نادىر ئەپەندى، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ. - دېدى.

مۇرات ناھايىتى مۇلايىم كۈلدى، پوزىتسىيەسى ئۇچۇق، كۆزلىرىدە ھېچقانداق غۇم يوق ئىدى.

 لېكىن، نادىر ناھايىتى سوغۇق مۇئامىلە قىلدى،  شۇنداق دېيىش كېرەككى، ئۇ سىرتتىكى ئادەملەرگە ئەزەلدىن سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ، شۇڭا بۇ قېتىممۇ بېشىنى سەل-پەل لىڭشىتىپ قويدى.

ـ مۇنىرەنىڭ بۇنداق خۇشال ھالىتىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپتۇ. - دېدى مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ، ـ مەن دائىم، ئەگەر ئەينى چاغدا سۆرەلمىلىك قىلمىغان بولسام، ھازىرقى نەتىجە باشقىچە بولامتى؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن، - دېدى.  

ئۇنىڭ سۆزى نادىرنىڭ قۇلىقىغا كىردى، ئەمما كۆزى مۇنىرەگە تىكىلىپ:

-  ئۇ سىزدەك ئادەمنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ. - دېدى.   

مۇرات ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەمكىن بولۇشقا تىرىشىپ:

ـ نادىر ئەپەندى مازاق قىلماڭ... - دېدى.

ـ مەن ئەزەلدىن پاكىتتىن ئۆزۈمنى قاچۇرمايمەن، سىز مەندىن بەكرەك  مۇنىرەنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا ماس كېلىسىز. - دېدى نادىر.  

مۇراتنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ:

 ـ دېمەكچى بولغىنىڭىز، ئەگەر يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بولسا، مېنىڭ يېڭىش ئېھتىماللىقىم سىزنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ دېمەكچىمۇ؟ - دېدى.

نادىر بېشىنى لىڭشىتىپ، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن، قاپىقىنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ:

ـ پەقەت سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم كېلىش پۇرسىتىڭىز بولسىلا. - دېدى.

مۇرات قاقاقلاپ كۈلۈپ، قولىنى كۆتۈرۈپ تەسلىم بولدى، ئاخىرىدا مۇنىرەگە بىر قاراپ قويۇپ، قارشى تەرەپكە كېتىپ قالدى.

ئارقىدىن مۇنىرە بىلەن نادىر  گۈلخان يېنىدا گۆش قاقلاپ پىشۇرۇپ يەپ چۆرگۈلەپ ئۇسۇل ئويناپ تولىمۇ خۇشال ئوينىدى.  


ھېرىپ قالغاندا مۇنىرە   بېشىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، ئىككى قولى بىلەن شارپىسىنى تارتىپ يۈزىگە باستى.

ـ  ئۇيقۇڭىز كەلدىمۇ؟  -  نادىر ئۇنىڭدىن يانچە تۇرۇپ سورىدى، مۇنىرە بىر نەچچىنى يېنىك غىڭشىدى، شارپىدىن نادىرغا تەئەللۇق پۇراقنى پۇراپ، شارپىنىڭ ئارىسىدىن كۆزىنى چىمچىقلاتماي تىكىلىپ قارىدى.

ئوت يالقۇنى  نادىر ئەپەندىنىڭ قاشلىرى ئارىسىدىن لەۋلىرىگە  چۈشۈپ، بۇ ئادەمنىڭ  قاشتېشىدەك ئاق، كېلىشكەن چىرايى، خۇددى ئېقىن نۇرغا، ئىسسىقتا ئېرىمىگەن ئاپئاق قارغا ئوخشاپ قالدى.

ئۇنىڭ چىشىغا تەگكىلى بولمايدۇ ئەپەندىسى.

مۇنىرە كۈلۈپ قويۇپ، بېشىنى باغرىغا باستى.

 نادىر ئۇنىڭ  قىزىرىپ كەتكەن قۇلىقىنى سىلاپ قويۇپ، بىلىنەر-بىلىنمەس ئۇھسىندى.

ـ قار ياغدى!

 كىمنىڭ ۋارقىرىغانلىقىنى بىلمىدى، نادىر بېشىنى كۆتۈردى،   ئاپئاق كەڭرى كەتكەن ئاسماندىن قار ئۇچقۇنلىرى چۈشۈۋاتاتتى.

ـ قار ياغدى ...

 ئەمدىلا پەسكويغا چۈشكەن مۇنىرە بۇ ئۇزۇن ئاۋازنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، ئەتراپقا قارىدى.

نادىر ئۇنى تارتىپ تۇرۇپ:

 ـ ئۆيگە قايتايلى، - دېدى.  

مۇنىرە بىر تەرەپتىن قولىنى سوزۇپ قار ئۇچقۇنلىرىنى تۇتقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىزىدىن قوغلاپ، ئەخمەقلەرچە كۈلدى.

نادىر ئۇنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىلاجىسىز قەدىمىنى ئاستىلىتىپ  ئادەمنى يۆلەپ ماڭدى، بىراق بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، ئەسلىدە بىر ئوبدان ھەمكارلىشىپ مېڭىۋاتقان ئادەم تۇيۇقسىزلا ـ ئا دەپ ۋارقىراپ توختاپ قالدى.

ـ نېمە ئىش بولدى؟ - دەپ سورىدى نادىر.

مۇنىرە ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ بىلىكىنى تارتتى، خۇمارلىق كۆزلىرى بىردىنلا چاقناپ، سول قولى بىلەن بەش مېتىر يىراقنى كۆرسىتىپ:

ـ قار دەرياسى، قار دەرياسى! - دېدى.  

لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قېلىن قارلار ناھايىتى تېزلا نېپىز بىر قەۋەت مۇز تۇتقان دەرياغا چۈشۈپ،  يىراقتىكى ئوت نۇرى بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئىللىق كۆرۈندى.

نادىرمۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ، مۇزدەك بارماقلىرىنى مۇنىرەنىڭ ئوتتەك ئالىقىنىغا يېنىك تەگكۈزۈپ، پەس ئاۋازدا :

ـ  ھەئە. كۆردۈم  - دېدى.







 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


تۇيۇقسىز كەلگەن مۇھەببەت

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام







更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章