گۈزەل ھايات 11-بۆلۈم13-قىسىم _ ئىقتىدارىڭىز يوقكەن

文摘   小说   2025-02-05 14:04   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات11-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ



داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  12-بۆلۈم 196  -قىسىمغىچە تولۇق يوللاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  102  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




گۈزەل ھايات 11-بۆلۈم   第11部

قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54321
109876



1211







گۈزەل ھايات 10-بۆلۈم   第10部

قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65  64  63 6261
 70 69686766
 75 74 73 72 71
  80 7978 77 76
   85  8483 82   81
91  90 89  88 87
   96  95 94 93 92
   101  1009998 97
     104 103 102






گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726
3433323130
3938373635
 65  64  63 6261
 44 43 4241 40
494847 46 4 655
54535251
50
5958575655
6463626160
6968676665
7473727170
7978777675
8483828180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
109108107106105


112111110





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات11-بۆلۈم

13-قىسىم

  



   

 


13-قىسىم


ئەنسەر دىلنارنىڭ كۆزىنى مىت قىلماي مۇشۇنداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.  

-ئەنسەر ئاكا...

ئاغرىققا چىدىيالمىغان سەبىرە ھوشىدىن كېتەيلا دەپ قالدى.  ئەنسەرنى كۆرۈپ چىرايى تېخىمۇ تاتىرىپ  تېخىمۇ بىچارە قىياپەتتە ئۇنىڭغا تەلمۈردى.

دىلنار سەبىرەنى قويۇۋېتىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ ئەنسەرگە قاراپ؛.

  - ئەنسەر قاراڭ. ھەممىسى سىز سەۋەبلىك بولىنىۋاتقان ئىشلار.سىز مېنى ياخشى كۆرىمەن دەيسىز. بىراق سەبىرەنىڭ يېنىدىن كەتمەي ئۇنى قوغداپ كەلدىڭىز. ئىككىلىمىزنى تەڭ قوغدىماقچى بولدىڭىز. نەتىجىدىچۇ؟ ئېنىقكى سىزنىڭ ئىككىلىمىزنى قوغدىيالىغۇدەك ئىقتىدارىڭىز يوقكەن. مانا بىز مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق. سىز تاللاشنى ياخشى قىلغان بولسىڭىز   ئىشلار تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك دەرىجىگە بارمايتى.

قاراڭ، ئەنسەر، قاراڭ، سىز   ياخشى كۆرىمەن دەپ ئاغزى-ئاغزىڭىزغا تەگمەي سۆزلەپ كېلىۋاتقان مېنى يارلاندۇردىڭىز.  يەنە ئۆز  بالىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز، سىز قوغدىماقچى بولغان سەبىرەمۇ  مانا مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. سىز ھېچكىمنى قوغدىيالمايسىز، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ.-دېدى.  


. ئەنسەرنىڭ كۆزلىرى ئازاب ۋە ۋەھىمىگە تولدى. 

 دوختۇر بۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىقنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كېلىپ سەبىرەنىڭ  ئەھۋالىنى كۆرۈپ  كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.ۋە  دەرھال دوختۇر-سېسترالارنى چاقىرىپ كېلىپ يارىسىنى تېڭىپ قويدى.

سەبىرەنىڭ دات پەريادلىرى سەل پەسەيگەندە ياتاقمۇ تىنجىپ قالدى.  

 ئەنسەر ئاخىرى ئۇھ تارتىپ دىلنارغا ئازراق يېقىنلاشماقچى بولدى، بىراق دىلنار قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلدى.

ئەنسەر ئەمدى ئۇنى تېخىمۇ خاپا قىلىشنى خالىماي ئارىلىق ساقلاپ تۇرۇپ؛

-دىلنار ،سەبىرە ھازىر ئىككى جان. ئەگەر ئۇنىڭغابىرەر ئىش بولسا ئاقىۋتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى  ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ -دېدى.


-ئەلۋەتتە. بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەك. سىلەر ماڭا   قەرز. -دېدى دىلنار ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، بىمالال كۈلۈپ تۇرۇپ .ئاندىن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ ؛

-مەن مۇشۇنداق ئادەم ، بۇنداق ئاۋارىچىلىكتىن قورىقساڭلار ئەمدى ئالدىمدا پەيدا بولماڭلار!  -دېدى.

-دىلنار بولدى قىلمايسىز.شۇنداقمۇ؟-دېدى ئەنسەر

دىلنار سەل ئەسلىگە كەلدى بىراق پوتۈنلەي ئەمەس. ئۇ بۈگۈن ھېلىمۇ بەكلا چارچىغۇدەك ھەرىكەت قىلىۋەتتى. شۇ تاپتا چىرايى سارغىيىپ لېۋىنىڭ رەڭگى ئاقىرىشقا باشلىغانىدى.

. ئەنسەر گېپىنى دەپ بولۇپ ئۆزىنىڭ يەنە سەل ئېغىر گەپ قىلغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ تۇرۇپ قالدى. ۋە كۆزى ئۇنىڭ مەيدىسىگە چۈشتى.دىلنار بايا بەك كۈچەپ ھەرىكەت قىلغاچقىمىكىن مەيدىسىدىكى تېڭىق قاناپ قىزىل سۇيۇقلۇق كىيىمىنىمۇ بوياپ بولغان ئىدى. دىلنار ئاغرىققا چىداپ مەيدىسىگە قاراپ قويدى.ئارقىدىن كۆزىنى قىسىپ ئەنسەرگە قاراپ قويۇپ  قولىنى كۆتۈرۈپ كېسەل كىيىمىنى سېلىۋەتتى.

ئۇنىڭ كۆكرىكى يەنىلا داكا بىلەن ئورالغان. بېلىمۇ پۈتۈن يۆگەكلىك ھالەتتە تېڭىپ قويۇلغانىدى. .

 بايىقى ھەرىكەتتە  يارا ئېغىزى ئېچىلىپ قىزىل رەڭدە بويالغان بولۇپ   كىندىكى تەرەپكە سىرغىپ چۈشىۋاتاتتى. 


دىلنارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزىنى چىمچىقلاتماي مەيدىسىدىكى داكىنى يەنە ئاچتى.  

ئەنسەرنىڭ كۆزلىرى خۇددى بىر نەرسىگە سانجىلىپ كەتكەندەك، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىترەپ كەتتى .

دىلنار لېۋىنى تارتىپ   داكىنى يەرگە تاشلىدى.

ئارقىدىن   بېلىدىكى داكىنىمۇ يىرتىۋەتتى.

  -  بولدى قىلسام بولىدۇ پەقەت بۇ يارا ئىزى يوقالسا ۋە  قورسىقىمدىكى بالا ساق-سالامەت بولىدىغان ئىش بولسا بولدى قىلسام بولىدۇ !  


ئۇلار ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى تۇرۇشتى، دىلنار ئەنسەرنىڭ يېرىم قەدەم يېقىنلىشىشىغىمۇ يول قويمىدى.

دوختۇر يەنە بىر قېتىم كېسەلخانىغا كىرگەندە مانا مۇشۇ ئەھۋالنى كۆردى.  بېشى ئۇيۇشۇپ پېشانىسىنى بىر سىيلىۋىتىپ ئۇنى تىنچلاندۇرۇپ يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى .


دىلنار دوختۇرنىڭ ئۆزىنى تېڭىپ قويۇشىنى رەت قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۆزىنى قىينىمايتتى.


ئەنسەر ئىزچىل يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى يارا ئېغىزىغا قاراپ، پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ قالدى، ھەتتا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىترەپ كەتتى.

دوختۇر دىلنارغا دورا سۈركىگەندە، دىلنارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، كالپۇكىنىمۇ بىر قەۋەت قىرو قاپلىۋالغاندەك قىلاتتى.

ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، چىشلىرىنى چىڭ چىشلىۋالغانىدى، پېشانىسى بىلەن بۇرۇنىنىڭ ئارىسىدىن گۈرۈچتەك تەر تامچىلىرى سىرغىپ چىققانىدى.

بۇ جەرياننىڭ قانچىلىك ئازابلىق ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ.

ئىككى جايدىكى يارا تېڭىپ بولۇنغاندىن كېيىن، يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.

دوختۇرمۇ بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتتى.

  -  يارا ئېغىزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئېچىلىشى، ئەمدىلا يارىلانغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئازابلىق  چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك .-دېدى دوختۇر.

-رەھمەت دوختۇر، مەن بىلدىم.-دېدى دىلنار تىمتاس يېتىپ. .  

ئۇ كۆزىنى يۇمىۋالغان بولسىمۇ، چىرايىدىكى تاتىراڭغۇلۇق   ۋە ياداڭلىقلىق تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

دوختۇر مېڭىشتىن بۇرۇن ئەنسەرگە بىر قاراپ قويۇپ:

   -  بىمار ھازىر ئارام ئېلىشى كېرەك.  -دېدى  

ئەنسەر ئىككى مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ دىلنارغا خېلى ئۇزۇن قارىدى، ئاخىرى دوختۇرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېسەلخانىدىن چىقتى.

 راستىنى دېگەندە دىلنارنىڭ قولىدا  تېخى دېگەندەك  كۈچ بولغۇدەك ساقىيىپ كېتەلمىدى.بولمىسا سەبىرە بۇ چاغقا ساق تۇرمايتى. يەنە بىر جەھەتتىن  سەبىرەنىڭ بۇ جېنىنى تاشتىنمۇ قاتتىق دېيىشكە بولىدۇ.

 بۇ قېتىملىق ئۆمەر بىلەن توختى ئارىسىدا دىلنار شۇنچە ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ سەبىرەنىڭ پەقەت تېرىسىلا يارىلاندى. ھەپتىگە قالماي ساقىيىپ كەتتى.

ھازىرمۇ شۇ. دىلنار يارلاندۇردى دېگەن بىلەن ئۇنچە ئېغىر ئەمەس.  ئاتا-ئانىسى بالامنىڭ يۈرەك كېسىلى بار دەپ قىلمىغىنى قالمىغان قىز مانا ھازىرغىچە ھايات ياشاۋاتىدۇ. قورسىقىدىكى ھېلىقى كىمنىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگىنى بولمايدىغان بالىمۇ ساق-سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ.

 رىزۋان ھامما بۇ ئىشلارنى كېيىن بىلىپ قېلىپ، قورققىنىدىن ئىككى پۇتى بوشىشىپ كەتتى ۋە  

بىۋاسىتە مەمەت تاغا بىلەن مۇراتنى چاقىرىپ كەلدى.

دىلنار چۈشلۈك تاماقنىمۇ يېمىدى،بەك چارچاپ كەتكەچكە  تېنى ئاجىزلاپ، چۈشتىن كېيىن ئاران ئويغاندى.

سەبىرەنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى بىلىپ، دىلنار سوغۇق كۈلۈپ قويدى.


مەمەت تاغا  بېشى قايغاندەك ھېس قىلىپ، ساپادا ئولتۇرۇپ، چىرايى تاتىرىپ گەپ قىلمىدى.

دىلنار ئۇنىڭغا قاراپ:   -  مەمەت تاغا، مېنىڭچە بۈگۈنكى ئىش مېنىڭ ھەر كۈنى تاماق يېيىشىم، ئۇخلىشىم بىلەن ئوخشاش، مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان ئىش، مېنىڭچە ئۆزۈمدە خاتالىق يوق. -دېدى 

مەمەت تاغا بىردەم سۈكۈتتە تۇرۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇنىڭ چىرايى ئامالسىزلىق بىلەن تولۇپ؛

  -  مەن سىزنىڭ مىجەزىڭىزگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىشنىڭ ھەرگىزمۇ بۇنداق يۈزەكى ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن،   يارىڭىز پۈتۈنلەي ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئىشنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلسىڭىز بولاتتىغۇ.-دېدى

  -  مېنىڭ يارام ساقايغاندىن كېيىن، ئىككى ئاي، ئۈچ ئاي، يېرىم يىل بولامدۇ؟ بىلگىلى بولمايدۇ. ۋاقىت ئاجايىپ بىر نەرسە، بەلكىم شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، مېنىڭ نەپرىتىم ھازىرقىدەك كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن .-دېدى دىلنار  

رىزۋان ھەدە يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا شورپا تەييارلاپ بەردى، ئىككىسى گەپ قىلغاندا، ئۇ ئەزەلدىن مۇنداقلا گەپ قىستۇرمايتتى.

دىلنارنىڭ گېپىدە مەسىلە يوقتەك قىلاتتى، لېكىن بىر يەرلىرى غەلىتە تۇيۇلدى.

ئۆچمەنلىك دېگەن بۇ نەرسە، بىر ئادەمنى ئاسانلا ۋەيران قىلىدۇ.


رىزۋان ھامما دىلنارغا تاماق يېگۈزۈپ، شورپىنى ئىچكۈزۈپ   بولغاندىن كېيىن  مەمەت تاغا بىلەن قايتىپ كەتتى، مۇرات  دىلنارنىڭ يېنىدا قېلىپ قالدى.

  -   ئەينى چاغدىكى  ئەھۋالنى كېيىن چۈشەندىم، سەبىرەنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانىكەن. نەق مەيداندا ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قارىغاندا   سىز يارلاندىڭىز.   بەلكىم بۇ ئىككىڭلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سىزنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيدۇ، مېنىڭچە ئەگەر ئۇ كۈنى سەبىرە بولمىغان بولسىمۇ   شۇنداق تاللىغان بولاتتى.  -دېدى مۇرات

دىلنار ھازىر ئازراق مىدىرلىسىلا يارا ئېغىزى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، پەقەت كارىۋاتتا جىمجىت يېتىپ؛ 

  -   راست دەيسىز،    لېكىن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ئاخىرىدا   بارلىق ئازابقا بەرداشلىق بەردىم. مەن ئۇنىڭ قانچىلىك يوللۇق سەۋەبى بارلىقىغا پەرۋا قىلمايمەن. مۇھىمى بالام  يوق بولدى.  بۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇشۇمغا يېتەرلىك، ئۇنى كەچۈرۈشكە مەڭگۈ سەۋەب يوق.  

   -  سىز زادى كىم بىلەن قېيىشىۋاتىسىز؟ -دېدى مۇرات 

  -  ئېھتىمال ئۆزۈم بىلەن -دېدى دىلنار  

  -  سىز قاچاندىن بېرى باشقىلارغا زىيان سېلىپ ئۆزىڭىز بىلەن قېرىشىدىغان بولۇپ  قالدىڭىز.-دېدى مۇرات  

  -  مەن ئۆچ كۆرىدىغان ئادەمنىڭ مەندىن بەتتەر، ئازابلانغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم ئاندىن جايىغا چۈشتى. مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك-دېدى دىلنار قىلچىمۇ ئويلىىشپ قويماي.

مۇرات كۈلۈپ تۇرۇپ:   -  سىز  ھەقىقەتەن قورقۇنۇشلۇقكەنسىز.-دېدى


دىلنار ئۈنسىز كۈلۈپ قويدى.

مۇرات  كېيىن دىلنارنىڭ كېسەلخانىسىنىڭ ئالدىغا يەنە ئىككى ئادەم ئورۇنلاشتۇردى.

شۇنىڭدىن كېيىن دوختۇرخانىدا توپتوغرا بىر ئاي تۇردى، مەمەت تاغا، رىزۋان ھامما، مۇرات ۋە تېببىي خادىملاردىن باشقا، ئۇ ھېچكىمنى كۆرۈپ باقمىدى.

دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە داۋالىنىشنى ئىلتىماس قىلغان كۈنى، ئەنسەر ئىشىك سىرتىدا ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى.

ئۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭ سىماسىنى كۆردى، لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمىدى.ئەنسەرنىڭ رىزۋان ھاممىنىڭ ئالدىدىكى تەسىرى ياخشى ئەمەس. يېقىنلاشقۇدەك بولسىلا توسۇپ قوياتتى.

رىزۋان ھامما ئەنسەرگە ئالىيىپ قاراپ قويۇپ مۇراتنى چاقىرىپ  دىلنارنى يۆلەپ سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا  بۇيرۇدى.

ئەنسەر پەقەت يىراقتىن ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى. 

بۇ چاغدا دىلنار   مۇراتغا قاراپ :   -  يېقىندىن بۇيان سەمرىپ قالدىڭىزمۇ؟-دېدى  

  -   راست يالغانمۇ؟  -دېدى مۇرات

  -   راست، قارىغاندا  بۇندىن كېيىن سىزنى  كۆپرەك ئىشقا سالسام بولغۇدەك. يەنە سەمرىپ كەتسىڭىز ئاياللار بىزار بولىدۇ!  -دېدى دىلنار

-مەن چېنىقىش ئۆيىگە بارسام بولىدۇ. -دېدى مۇرات 

  -  چېنىقىش ئۆيى بارسىڭىز باشقىلارغا پۇل بەرسىڭىز بولىدۇ.، شىركەتتە كۆپرەك ئىشلىسىڭىز باشقىلار سىزگە پۇل بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى كۆپرەك ئىشقا سالسام، چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىيالايسىز.  -دېدى دىلنار.

-ۋايۋۇي . كاللىڭىز بەك ئىشلەيدۇ جۇمۇ.-دېدى مۇرات كۈلۈپ كېتىپ.

ئىككى ئادەمنىڭ دىيالوگى ئادەتتىكىدەك تەبىئىي بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەنسەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئارتۇقچە گەپلەر ئىدى.

ئۇ ئېغىر تىنىپ  تۇرغىنىدا رىزۋان ھامما ئەنسەرنىڭ يېنىغا كېلىپ؛

- ئەنسەر  ئەپەندى.  دىلنارنى ئوبدان چۈشىنىسىز. ئۇ ھەر قاچان پىرىنچان  قىز ئىدى.   سىزنىڭ ئىشىڭىزدا ئۇ نەچچە قېتىم پىرىنسىپىنى بۇزۇپ سىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. مەن مۇھەببەتلىشىش بىلەن باشقا ئىشنىڭ پەرقى بار دەپ قارايمەن، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى بۇ قېتىمقى ئىشتا ئۇ قارارىدىن يانمايدۇ. ئەينى چاغدا  ئۇنى يارىلاندۇرۇشنى     تاللىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ يېتىشىڭىز كېرەك ئىدى، ئەمدى بۇرۇنقىدەك يۈزى قېلىنلىق قىلىپ چاپلىشىۋالماڭ، بۇ قېتىم دىلنار ئەستايىدىل بولدى، ئەگەر يەنە ۋاز كەچمىسىڭىز، بىر ئاي بۇرۇن  ئۇنىڭ سەبىرەگە قىلغان ئىشىنى ئويلاپ باقسىڭىز بولىدۇ! ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ، ئەمدى بىزنىڭ ئالدىمىزدا پەيدا بولماڭ.  -دېدى

ۋە  سەل بىزارلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپلا  دىلنار، مۇراتلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ئەنسەر ئۆز ئورنىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، يەنە يەنە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.

يەر ئاستى ماشىنا ئىسكىلاتىغا كەلگەندە، دىلنار ماشىنىغا چىقماقچى بولدى،  ئەنسەر كېلىپ دىلنارنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا ئالماقچى بولدى.   

بىراق دىلنار ئۇنىڭغا  سوغۇق قاراپ قويىۋىدى قەدىمى توختاپ قالدى.







ئاڭلاۋاتقىنىڭلا  كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章