كۆڭۈلگە چاقچاق || 3-قىسىم ئاپامنىڭ ئەر جىدىلى

文摘   2024-12-20 00:45   新疆  



3-قىسىم
2-قىسىم
1-قىسىم
=
=-=





(3 -قىسىم)


ئاپامنىڭ ئەر جىدىلى


-ۋىيەي، سەن تېخى ھاياتكەنسەن ھە؟ نەچچە زامانلار بولدى سەن بىزنى ئىزدەپ باقمىغىلى؟ تېلېفون قىلىشنى بىلىدىكەنسەنغۇ بولمىسا؟

ئاپامنىڭ تېلېفونۇمنى ئېلىپلا دېگەن گېپى شۇ بولدى. بۇ گەپ شۇنچىلىك روھىمنى چۈشۈرىۋەتتىكى، بىر ئانىنىڭ كۆرۈشمىگىنىگە نەچچە يىللار بولغان ئوغلىغا دەيدىغان گېپى ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. مەن ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ «جېنىم ئوغلۇم، سېنى بەكمۇ سېغىندىم، ئەھۋالىڭ قانداق؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟» دېگەن نەچچە ئېغىز گېپىنىلا كۈتەتتىم. مۇشۇ خىيالنى قىلىپ بولۇپ ئاپامنىڭ ئەزەلدىن ئۇنداق دېمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز دېمەيدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز يادىمغا ئالدىم. چۈنكى مېنىڭ ئاپام باشقا كۆيۈمچان ئاپىلارغا ئوخشاش ئۆز بالىلىرىغا كۆيۈنىدىغان، ئۇلار ئۈچۈن جېنىنى تىكىشتىنمۇ يانمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئازابىنى ئۆز ئازابى دەپ بىلىپ، خۇشاللىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ئانىلاردىن ئەمەس ئىدى.

شۇ خىياللارنى دەقىقە ئىچىدە كاللامدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، چاندۇرماي، ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپ ئاپامغا ئىللىق گەپ قىلدىم:

-ھايات بولمامدىم ئەمىسە، سىز بار تۇرسىڭىز، سىز ئۈچۈن بولسىمۇ ياشايمەن- دە.

-ۋىيەي... نايتاق يىگىتلەردەك گەپ قىلىپ قوۋۇرغامنى بىر ئەگمىگىنە، ھە، ئۇ يوق، بۇ يوقلا ئىزدەپ قاپسەن، نېمە ئىش بىلەن تېلېفون قىلغان؟

-مەن... مەن يۇرتقا قايتىپ كەلگەن ئىدىم، يېزىدىكى كونا ئۆيىمىزگە، شۇڭا سىزنى ئىلنۇرنى ئېلىپ بۇ ئۆيگە كېلىپ نەچچە كۈن تۇرۇپ كېتەرمىكىن دېۋىدىم، سىز ئەتكەن تاماقنى سېغىندىم ئاپا.

-مېنى ئەمەس، مېنى ئەتكەن تاماقنى سېغىندىڭ، شۇنداقمۇ؟ ئالىقاپنىڭ گەپلىرىنى قانداق قىلاي، ئىلنۇر دېگەن ئېرى بار، ئۆيى بار، بالىسى بار ئايال، ئۇ قاچان چاقىرساڭ شۇ چاغدا بېرىپ ئۇ ئۆيدە نەچچە كۈن تۇرۇپ كېلەلمەيدۇ، ئېرىنىڭ ئۆيىدىكى بىر تالاي ئىشلارنى قىلمىسا بولمايدۇ، بارىدىغان ئىش بولسا مەن باراي. لېكىن ھازىر ئەمەس، نەچچە كۈندىن كېيىن بارالايمەن.

-ئاپا، مەن يۇرتقا ئاران بىر قايتقاندا باھانە كۆرسەتمەي ھازىرلا كەلسىڭىز بولمامدۇ.

-قۇغۇنلۇقنىڭ يولى ئەمەس بۇ تېلېفوننى ئېلىپلا يولغا چىقسام بەش مىنۇتتا ئۈنۈپ بولىدىغانغا، ناھىيە ئاتلاپ، ئۇزۇن يوللۇق بېكەتنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ بىر ئۇزۇندا بارىدىغان گەپ. ئاغزىدا دەپ قويغاندەكلا ئاسان بولىدىغان ئىش بولسا سەن بۇ يەرگە كەلسەڭ بولمامدۇ ئەمىسە؟ ئادەمگە ئاۋارىچىلىق تېپىشنىلا بىلگەن، نەچچە يىللاردىن ئاشۇ شاڭخەي دېگەن يېرىڭدە تۇرۇپ كۆنۈپ قالغان بولغاندىكىن قايتىپ كېلىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ، مېنىمۇ ئاۋارە قىلىپ يۈرمەي تۇرىۋەرسەڭ بولىدىغان گەپ شۇ يەردە، قايتىپ كەلگىنىڭ بىلەن نەچچە يىلدىن بېرى ئادەم ئولتۇرماي توپا بېسىپ كەتكەن، چاشقانلار كولاپ توپا چىقىرىۋەتكەن ئۇ ئۆيلەرنى قاچان تازىلاپ، قانداق يىغىشتۇرۇپ بولىمىز؟ سېتىۋېتەي دېسەم ھېچبىر خېرىدار چىقمىدى، بولمىسىمۇ سېتىۋېتىپ شەھەر ئىچىدىن بىنا ئۆي ئالغان بولساق تازىلاشمۇ ئاسانغا توختايتتى، شۇ تاپتا بارساممۇ قاراڭغۇ چۈشكىچە ئۆي تازىلايمەن ھەقىچان. كېلىدىغان ئادەم ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ دەپ قويۇپراق كەلسەڭ بولماسمىدى؟ ئۆزۈم قىلىپ بولمايدىغان ئىشلارغا مۇلازىمەت شىركىتىدىن ئادەم چاقىرىپ تازىلىتىپ يىغىشتۇرۇپ قويماسمىدىم؟

-شۇ سىزنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇراي دەپ...

-ھە يوغان ئىش بوپتۇ، ئۆزلىرى بەك كاتتا ئادەم بولغاندىكىن تۇيۇقسىز كەلگەنلىرىدىن خوش بولۇپ بېشىم ئاسمانغا يېتىدىغانغا، يامان خوش بولۇپ يىغلىۋەتكۈدەك بولۇپ كېتىۋاتىمەن ھازىر. ئادەمگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بالدۇرمۇ ئەمەس، كېيىنمۇ ئەمەس، ئالدىراش يۈرگەن چاغلىرىمدا كېلىپ «سەنمۇ كەلسەڭ بولاتتى» دەپ تۇرىدىكەن. ھازىر بارالمايمەن، بۇ نەچچە كۈندە چولام تەگمەيدۇ، قوشنىمىزدا ئۆينىڭ ئاچقۇچى بار، شۇنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ، كۈچۈڭ يەتكىنىچە تازىلاپ يىغىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ تۇرغىن، يېنىڭدا پۇل باردۇ؟ قورساقنى ئاچ قويماي بازاردىن بولسىمۇ ئېلىپ يەپ نەچچە كۈن ياشاپ تۇر ئەمدى، ماۋۇ ئالدىراش ئىشلىرىمنى تۈگىتىۋېتىپ ئاندىن باراي. دوستلىرىم بىلەن بىر چايدا ئىدىم، تېلېفوننى قويىۋەتتىم ئەمىسە.

ئاپام شۇنداق دەپ تاراڭشىپ بىردەم سۆزلىگەندىن كېيىن، مېنىڭ خوش دېيىشىمنىمۇ كۈتمەستىن تېلېفوننى قويىۋەتتى. ئاپامنى، سىڭلىمنى، ئۆيۈمنى سېغىنغان يۈرىكىم توساتتىن مۇزلاپ، بىردىنلا يىغلىغۇم كەلدى.

مۇشۇ ئەسنادا ئاپام بىلەن بولغان نەچچە يىل ئاۋۋالقى بىر قېتىملىق جېدەل يادىمغا يېتىپ قالدى. ئۇ ئىشلار مۇنداق بولغان ئىدى.

دادام ئۆلۈپ كەتكەندە مەن ئون بەش ياش، سىڭلىم ئون بىر ياشتا ئىدۇق. يىغلاپ قاقشاپ دادامنى يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئاپام ئۈچىمىز تۇرمۇشتا بەكلا قىينالدۇق. دادامنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ بىز بىلەن ئەزەلدىن كارى يوق ئىدى، ئاپامنىڭمۇ ھالىمىزغا يېتىپ ئازدۇر- كۆپتۇر بىر نەرسە تەڭلىگۈدەك تۇغقانلىرى يوق ئىدى. پەقەتلا يېشى يەتمىشتىن ئاشقان چوڭ ئانام تاماق ئەتكەنلىرىدە بىرەر يېرىم قاچا سۇنۇپ، ئېتىزلىرىغا تېرىغان كۆكتاتلىرىنى ئەكىرىپ يېيىشىمىزگە بۇيرۇپ بېرەتتى. ئۇنىڭدىن ئارتۇقىنى قىلالايدۇ دېسە كۈن يوشۇرۇپ كاكىلايدىغان توخۇلىرىنىڭ تۇخۇملىرىنى ئۆزى يېمەي يىغىپ قويۇپ ئۇدۇللۇق بىزگە بېرەتتى. ئاپام تۇرمۇشىمىزنى قامداش ئۈچۈن خەقلەرنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، نانلىرىنى يېقىپ، ئۆيلىرىنى تازىلاپ، ئېتىزلىرىدا ئىشلەپ بەكلا جاپا تارتاتتى. شۇنداقتىمۇ تاپقىنى پەقەت قورسىقىمىزغا يېتىپ، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى.

بۇنداق كۈنلەر ئۈچ يىل داۋاملىشىپ، مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن چاغدا ئاپام مېنى داۋاملىق ئوقۇماي، ئوقۇشتىن توختاپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئائىلىنى بېقىشقا بۇيرۇدى. بىراق مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ خىزمەت تاپقۇم، شەھەرلىكلەردەك كاتتا تۇرمۇش كەچۈرگۈم بار ئىدى. شۇڭا ئاپامنىڭ بۇيرۇقىغا كۆنمەي ئۇنىڭغا قارشى چىقتىم ۋە ئۇ بىرنى دەپ، مەن بىرنى دەپ يۈرۈپ خېلى قاتتىق سوقۇشۇپ قالدۇق. مۇشۇ بىر سوقۇشقانچە بۇ جېدەل ساپمۇساق بىر ئاي داۋاملاشتى. بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئاپام مېنىڭ دېگىنىمگە كۆنمەي، مەن ئاپامنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي، بويۇنتاۋلىق قىلىپ ئۆينى بېشىمغا كىيدىم. ئۇ مېنى قايىل قىلىش ئۈچۈن چىرايلىق گەپ قىلىپ نەسىھەت قىلىپ باقتى. بىچارىلەرچە ئېزىلىپ يىغلاپ دەردىنى تۆكۈپ يۈرىكىمنى ئېزىشكە تىرىشىپمۇ باقتى. كەنت كادىرلىرى ۋە يىراق تۇغقانلىرىمىزنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن ياردەم سوراپ ماڭا نەسىھەت قىلدۇرۇپمۇ باقتى. ھاجىتىمگە پۇل بەرمەي تۇرمۇشتىن قىسىپمۇ باقتى. تاماق ئېتىپ بەرمەي قۇرۇق نانغا تاشلاپ قويۇپ خېلىلا قىيناپمۇ باقتى. كاتتا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپمۇ خىزمەت تاپالماي، ئاخىرى بېرىپ خەققە ئىشلەمچى بولۇپ جېنىنى ئاران- ئاران بېقىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپ كاللامنى يۇيماقچىمۇ بولدى. ئەمما مەن بۇ گەپلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا تەۋرەپ قالماي، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغاننىڭ پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ جاھىللىق قىلىۋەردىم. ئاپام مېنى قايىل قىلالمىغاندىن كېيىن ئاخىرى ئاچچىقىدا قولىنى ماڭا شىلتىپ چىرقىراپ تۇرۇپ:

-ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، جېنىمنى ئالغىنىمغا ئېلىپ قويۇپ ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغۇپ، كېچىلەردە شېرىن ئۇيقۇمدىن كېچىپ ئېمىتىپ بېقىپ، ساپمىساق ئون سەككىز يىل جاپا تارتىپ بېقىپ مۇشۇنچىلىك قىلىپ قويدۇم، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مېنىڭ گېپىمگە ئۇنىماي ئۆزۈڭ بىلگەن يولدا ماڭماقچى بولساڭ خالىغىنىڭنى قىل! بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىت جېنىڭنى باقىمەن دەپ جاپا تارتىپ ئىشلەپ يۈرمەيمەن، مېنىڭ جېنىم كۇلا ئارغامچىدا باغلاقلىق ئەمەس، مەنمۇ قېرىيمەن، ھاردۇق يېتىدۇ، ھالسىرايمەن، مانا ھېلىتىنلا بەزىدە كېسەل چېقىپ بىلىمنى ئالالمايلا قالىمەن، سەن شورى قورىغۇر تەييارتاپ ئىككى موچەن پۇل تېپىشنىڭ كويىدا يوق، مەن تېپىپ بەرگەننى خەجلەپ ئازادە راھەت سۈرۈپ ياشاۋاتىسەن، ھازىر ئون سەككىز ياشقا كىردىڭ، ئىشلىسەڭ ئىشلەپ ئۆينى باققۇدەك ياشقا كەلدىڭ، شۇنچىلىك ماغدۇرۇڭ ھەم بار، نېمىشقا يەنە مېنىڭ جېنىمغا جاپا سېلىپ داۋاملىق ئوقۇيمەن دەيسەن؟ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈڭمۇ دەيلى ماقۇل، سېنى ئوقۇتىدىغانغا، تالاي ئوقۇش پۇللىرىڭنى تۆلەيدىغانغا پۇل نەدە؟ سەندە پۇل بارمۇ؟ مەندىغۇ ھەرگىز يوق، شۇڭىچۇ، مەن سېنى ئوقۇتمايمەن، ئوقۇيدىغان ئىشىڭ بولسا ئۆزۈڭ پۇل تېپىپ ئوقۇ، ئىشقىلىپ مېنىڭ كارىم يوق. سەن بىر نېمىلەرنى باقىمەن دەپ خەقكە مەدىكارچىلىق قىلىپ جېنىمنى قىينىغۇچە ئەرگە تېگىپ، ئەرنىڭ تېپىپ بەرگىنىنى يەپ، خەجلەپ، ئارامىمدا ياشايمەن ئەمدى. ئوغۇل بالا بولغاندىكىن داداڭنىڭ ئۆيۋاقىنى قولۇڭغا ئال، ئەنە، ئۆي ساڭا قالدى، ھازىرلا چىقىپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئەلچى بولۇپ ھېرىپ قالغانلارغا ماقۇللۇق بېرىپ، نەچچە كۈننىڭ ئىچىدىلا تويۇمنى قىلىپ بۇ يەردىن كېتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلاردا خالىغىنىڭنى قىل.

ئاپام ئەنە شۇنداق ۋارقىرىغاندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلغىنىچە ئىشىكنى زەردە بىلەن يېپىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. مەن تېخى ئۇنى «ئاچچىقىدا شۇنداق دەپ قويىۋاتىدۇ، ھېلىغىچە ئاچچىقى يانسا قايتىپ كىرىپ كىرىدۇ، يەنە ئەپلىشىپ قالىمىز» دەپ ئويلاپتىمەن. لېكىن ئاپامنىڭ ئاچچىقى ئۇ كۈنىمۇ يانمىدى، ئەتىسىمۇ، ئۆگۈنىمۇ ئوخشاشلا يانمىدى. ئۇ شۇ بىر قېيدىۋالغىنىچە ساق بىر ھەپتە قېيدىغاندىن كېيىن ئۆيىمىزگە ئەلچى كەلدى. بۇ ئەلچىلەر ئاپامنى سوراپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىللەردە ئاپامنىڭ ئۆزىگە ئېيتىپ سورىغان بولسىمۇ ئۇ ماقۇللۇق بەرمىگەچكە ئۆيگە داستىخان كۆتۈرۈپ كەلمىگەن ئىكەن. مانا ئەمدى مۇشۇ قېتىملىق جېدەل بىلەنلا ئاپام ئۇ ئەلچىلەرنى ئۆيگە باشلاپ، مېنىڭ كۆزۈمچىلا بىراۋلارغا تېگىدىغان، كىمدۇر بىرى ئاپام بىلەن تويلىشىپ، ئۇنى كۆچۈرۈپ كېتىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ. بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. ئىككى بالىسى بار، ئوتتۇرا ياشلارغا بېرىپ قالغان بىر ئايال ئالەم بۇ چاغ بولغاندا توي قىلىمەن دەپ يات ئىشىكلەرگە دوقۇرۇپ يۈرسە، بىز ئىككى بالىسى نەلەردە سەرسان- سەرگەردان بولۇپ، يۈزىمىزنى سارغايتىپ يۈرىمىز؟ ئالدىدىكى ئىككى بالىسى ئۆز بويلۇق بولۇپ قالغاندا نېمە سەتچىلىك بۇ؟ ئۇ توي قىلىپ كەتسە ئاكا- سىڭىل ئىككىمىز قانداق قىلىمىز؟ سىڭلىم ئون بەش ياشقا كىرگەن بولسىمۇ تېخى تاماق ئېتەلمەيتتى. مەنمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئاپامنىڭ تېپىپ بەرگىنىنى خەجلەپ، ئۇ ئېتىپ بەرگەننى يەپ قازان بېشىغا يولۇقۇپ باقماي مۇشۇ ياشقا كەلگەن. ئەمدى «قازان قومۇچۇڭدىن تارتىپ ھەممىسى ئۆزۈڭگە قالسۇن» دەپ تاۋان تاشلاپ بەرسە بىز قانداق قىلىمىز؟ شۇ نارازىلىقىم بىلەن ئەلچىلەرنى سۈر- توقاي قىلىپ قوغلاپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارماقچى بولدۇم. لېكىن ئاپام ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قوللىرىمنى قايرىپ تۇتۇۋېلىپ مېنى قازناق ئۆيگە سولاپ قويۇپ، بىر ئېغىز زۇۋان سۈرگۈزمىدى. سىڭلىم يۇۋاش، كەمسۆز ئىدى ۋە ھەممىلا ئىشتا ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلايتتى. شۇڭا ئۇ مەن تەرەپتە تۇرماي، ئاپامنىڭ قايتا توي قىلىشىنى قوللىدى. بىر ھېسابتا ئۇ «ئاپام توي قىلسا مەنمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشىمەن» دەپ ئويلىغان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ قانچە نارازىلىقىم بولسىمۇ پەرۋا قىلماي ئاپام ياتلىق بولۇپ باشقا بىر ئۆيگە كەتتى. ئاپام ياتلىق بولغان كىشى بىزنىڭ قوشنا يېزىدىن بولۇپ، بۇ يەرگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. مەن ئاپامنىڭ تويى بولغان كۈنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ، يېرىم كېچىدە ئاندىن پەيدا بولدۇم. ئۆيگە كەلگىنىمدە ئاپام ئاللىقاچان كۆچۈرۈپ كېتىلگەن، ھويلىنىڭ دەرۋازىسىغا چوڭ، يوغان قارا قۇلۇپ سېلىنغان ئىدى. ئاچقۇچنىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم، قۇلۇپ سېلىنغىنىڭدىن قارىغاندا ئۆيدە ھەتتا سىڭلىممۇ يوقتەك قالاتتى.

بىر كېچە پۈتۈن مەھەللىدە لاغايلاپ يۈرۈپ، تاڭ ئاتقاندا يەنە ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بۇ چاغدا دەرۋازا ئېچىلغان بولۇپ، ھويلا -ئاراملار سۈپۈرۈپ سۇ چېچىلغان، توخۇلار ھويلىنىڭ بىر چېتىدە دانلاپ يۈرگەن ئىدى. «ئاپام قايتىپ كەلگەنمىكىن» دېگەن خىيال بىلەن ئەيمىنىپ بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىشىمگە سىڭلىم ئۆي ئىچىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە تۈنۈگۈن تويچىلار ئاپامنى كۆچۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزى يالغۇز قورقۇپ يىغلاپ ئولتۇرغىنىدا قوشنىمىز نۇرئالىخان ئاچام كىرىپ ئۇنى بەزلەپ تەسەللىي بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىشىنى ئېيتىپ يېتىلەپ چىقىپ كېتىپتىمىش. ئەزەلدىن يات ئۆيدە قونۇپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئاپامنى ۋە مېنى سېغىنىپ، بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان تۇرمۇشىمىزدىن ئەنسىرەپ قورقۇپ يىغلاپ، كېچىنى كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ. ئەتىگەندە نۇرئالىخان ئاچام تەڭلىگەن ناشتىلىققىمۇ قارىماستىن، ئۆيگە چىقاي دەپلا يېنىپ كىرگەن ئىكەن.

شۇنداق قىلىپ سەككىز پۇڭ يەردىكى يوغان باغ ھويلىلىق ئۆي، ئېغىلدىكى بەش تۇياق قوي، يەتتە- سەككىز توخۇ، ئىككى مو تېرىلغۇ يەر ھەممىسى سىڭلىم ئىككىمىزگە قالدى. مەن ئادەتتە ئېتىزغا بەك چىقمايتتىم، پەقەت تەتىلدە ئىش ۋاقتى بولسىلا ئاندىن ئاپامغا ياردەملىشەتتىم. لېكىن ئۆز ئالدىمغا تېرىقچىلىق قىلىپ باقمىغان ئىدىم ۋە بۇ يەرلەرنى قانداق تېرىشنى، قانداق ھوسۇل يېغىشنىمۇ ئانچە بەك بىلىپ كەتمەيتتىم. ھەممىدىن مۇھىمى كۈندە ئۈچ ۋاق ئېچىپ تۇرىدىغان بۇ قورساقنى قانداق بېقىش، ئارزۇيۇمدىن ھېچ نېرى كەتمەيۋاتقان ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇش، ئالىي مەكتەپكە كېتىدىغان ئوقۇش پۇلى، باشقا خىراجەتلەرنى نەدىن تېپىپ قانداق تۆلەشلەرنىمۇ بىلمەيتتىم. ئويلىغانسېرى بېشىم قوچۇلۇپ، پىكرىم چېچىلىپلا تۇراتتى. ئازاب، ئاچچىق، ئەلەم دەستىدىن يېرىلايلا دېگەن ئىدىم.

ئاپام توي قىلىپ كەتكەن شۇ كۈندىن باشلاپ قوشنىمىز نۇرئالىخان ئاچام ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. سىڭلىممۇ تەبىئىيلا شۇ ئۆينىڭ دائىملىق ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالغىلىۋاتاتتى. نۇرئالىخان ئاچاملارنىڭ بالىلىرى يىراقتا بولۇپ، بۇ يەرگە ئىككى- ئۈچ ھەپتىلەردە بىر قېتىم كېلەتتى ۋە بىرەر كۈن مېھمان بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كېتەتتى. شۇ چاغلاردا ساۋۇر ئاكام ئىككىسى يالغۇز بولغاچقا سىڭلىم ئۇلارغا ياغدەك ياققان ئىدى. شۇڭا نۇرئالىخان ئاچام سىڭلىمنى يېتىلەپ يۈرۈپ سەي كۆكتات ئادالاش، ئۆي تازىلاش، تاماق ئېتىش، نان يېپىش دېگەندەك ئىشلارنى بىر باشتىن پىششىق ئۆگىتىپ چىقىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئانچە بەك ئوخشىتالمىسىمۇ سىڭلىمنىڭ ئەتكەن ئاش- نانلىرىنى يەيدىغان، ھەرھالدا قورساقتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم. بىراق «يېتىپ يېسە تاغمۇ توشمايدۇ» دېگەندەك، ئۆيىمىزدىكى ئۇن تۈگەپ نەچچە قېتىم ئۇن تارتىپ ئەكەلگەنمۇ بولدۇق. ئۇن تارتىپ ئەكىلىپ يەۋېرىپ كاجۇۋىدا يىغىپ ساقلىغان بۇغداي- قوناقلارمۇ تۈگىدى. ئاڭغىچە ئارىدىن بىر تەتىل ئۆتتى، مەن بۇ تەتىلدە قۇرۇلۇشتا ئىشلەپ، ئېغىر ئىشلارنى قىلىپ ئازراق پۇل تاپقانمۇ بولدۇم. بۇ پۇلغا سىڭلىمنىڭ ئېگىن- ئاياغلىرىنى يېڭىلاپ بېرىپ، كېيىن كېرەك بولۇپ قالار دەپ ئازراق ئېشىنىپ قويدۇم. تەتىلدىن يىغىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي خامان سوقىدىغان چاغ كەلدى. مەكتەپكە بارمىسام تېخى، خاماننىڭ غېمىنى قىلمىسام تېخى، نەچچە بىر تەرەپتىن قىسىلىپ جېنىم كىچىككىنە قالدى. ئاخىرى مۇئەللىمدىن ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتىپ، سىڭلىمنىڭ ياردىمىدە بۇغدايلارنى ئورىۋالغانمۇ بولدۇم. لېكىن بۇلارنى ئورۇپ يەردە ياتقۇزۇپ قويغان بىلەنلا بولمايتتى. خامان تېپىش، داننى ساماندىن ئايرىپ كاجۇۋىغا، سامانلارنى توشۇپ سامانلىققا قاچىلاش كېرەك ئىدى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتەتتى. ھەممىدىن قىزىق يېرى، مەن تۇرمۇشنىڭ مۇنداقمۇ ئىشلىرى بارلىقىنى، ھەممە ئىشلارغا پۇل كېتىدىغانلىقىنى، پۈتۈن جاپا، پۈتۈن ئىشلارنىڭ ئاجايىپ بەك جاپالىق ئىكەنلىكىنى ئاپامدىن ئايرىلىپ قېلىپ بۇ ئۆي بېشىمغا پۈتۈنلەي كىيىلىپ قالغاندا ئاندىن ھېس قىلىۋاتاتتىم.

كۈچى يېتىدىغان ئىشلارغا سىڭلىمنى يۈگۈرتۈپ، ئۇنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم قىلىپ، پەقەتلا يېتىشەلمىگەندە ئادەم سېلىپ دېگەندەك، ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تۈگىتىپ بولغان چېغىمدا كېرەك بولۇپ قالار دەپ يىغىپ قويغان پۇللىرىمدىن بىر تىيىنمۇ قالمىغان ئىدى. مەن تېخى «شەنبە- يەكشەنبىلەردە، تەتىللەردە ئىشلەپ بۇ پۇلنى ئاۋۇتۇپ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش چىقىمىغا يەتكۈدەك قىلىۋالىمەن» دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەپسۇسكى، تۇرمۇشنىڭ جاپا- مۇشەققەتلىرى بۇنىڭغا يول قويمايدىغاندەك قىلاتتى.

خاماننى ئېلىپ ئېتىز- ئېرىقنى يىغىشتۇرۇپ بولغىنىمدا تۇيۇقسىز ئاپام يامانلاپ كەلدى. ئۇ قېيدىۋالغاندىكىن، مەن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان بولغاندىكىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىمىدىم. كېيىن سىڭلىمدىن ئاڭلىسام ئۇ ئۆگەي دادىمىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاجرىشىدىغان بولۇپ يېنىپ كەلگەنمىش. ئاپام بۇ يامانلىشىدا خېلى چوڭ بىر بوپىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئىچىدە ئۆگەي دادام ئۇنىڭغا ئالغان تويلۇق ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەر، كىيىم- كېچەكلەر بار ئىدى. مەن باشتىن ئاخىر ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدىم، ئاپام قايتىپ كېلىپ بىرەر ئاي ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئاجرىشىپ، ھېلىقى ئادەمدىن ئۈزىلىشىپ كېتىپ بولدى. ئاپام قايتىپ كېلىپ ئۆينى قولىغا ئالغاندىن كېيىنلا ئاندىن بۇ ئۆيدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ غېمىغا چۈشتۈم. شۇنداق بولغاندا تېنىم تاپماي پۇل تېپىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن پۇل يىغىۋاتقىنىمنى ئاپامدىن قەتئىي سىرتتا تۇتاتتىم.

ئاپام سابىق ئۆگەي دادامنىڭ ئۆيىدە ئوغرىلىقچە يىغقان پۇللىرىنى خەجلەپ بىزنى بېقىشقا باشلىدى. يېنىدىكى پۇللار تۈگىگىچە تىنىم تاپماي ئىشلىدى. پۇللار تۈگىگەندىن كېيىن ئىشلەپ تاپقىنى ئۈلگۈرمىگەندە ئالتۇن جابدۇقلىرىنى سېتىپ ئاز- ئازدىن ئۆيگە خەجلەپ تىرىكچىلىكىمىزنى داۋام ئەتتى. ئۇ «ئۆيگە خىراجەت قىلىمىز» دەپ تۇنجى ئالتۇن ئۈزۈكىنى سېتىپ پۇلىنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىدە مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشۇمنى مەيدەمگە تېڭىپ ئۇنىڭ ئالدىغا ھىجىيىپ بارغان ۋاقتىم ئىدى. ئاپامنىڭ ئالتۇن ئۈزۈكىدىن مەھرۇم قالغىنىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئارانلا تۇرغىنىدا بۇنى كۆتۈرۈپ كېلىشىم ئۇنىڭغا بەكمۇ ئەلەم بولدى. ئۇ قولۇمدىكى ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ ماڭا غەزەپ بىلەن چەكچىيىپ قارىدى- دە، ئىشىكنى جاڭڭىدە ياپقىنىچە ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. خېلىدىن كېيىن ئۆي ئىچىدىن ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. لېكىن بۇ چاغدىمۇ مەن نىيىتىمدىن يانمىغان ئىدىم...

ئارىدا نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمىدىم. مەن ئالىي مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپام ئىككىنچى قېتىم توي قىلىپ، قوشنا ناھىيەدىكى بىر ئادەمگە خوتۇن بولۇپ كەتتى. بۇ قېتىممۇ ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ توي قىلىشىنى توسۇپ قالالمىدىم. ئاپام كۆچۈرۈپ كېتىلگەن كۈنى ھەتتا سىڭلىمنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۆيدە تىكەندەك يالغۇز قالغان ئىدىم. قوشنىلاردىن ئاڭلىسام ئاپام بۇ قېتىم تەگكەن ئادەم ئۆزىدىن يىگىرمە نەچچە ياش چوڭ، چاچ- ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن ياشانغان كىشى بولۇپ، ئاپام ئۇنىڭ ئاش- تامىقىنى ئېتىپ، كىر- قاتلىرىنى يۇيۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئولتۇرسىلا ئۇنىڭ خىراجەتلىرىنى كەم قىلمايدىغان، ئۇنىڭدىن سىرت ھەر ئايدا 2000 يۈەن تۇرمۇش راسخوتى بېرىدىغان، بۇ پۇللىرىنى يىغىپ ساقلاپ قويسا قەتئىي پىكىر قىلمايدىغان ھەم تالاشمايدىغان، سىڭلىمنى ئۆزىنىڭ نوپۇسىغا يۆتكەپ بالا ئېتىپ باقىدىغان، كېيىنچە سىڭلىم چوڭ بولۇپ توي قىلىدىغان چاغدا توينىمۇ ئۆزى ئىگە بولۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان، بۇ يەردىكى ئۆيىمىزنىڭ بىر تال ياغاچ، بىر تال يېڭىنىسىگە چاغلىق نەرسىلىرىگە كۆز قىرىنى سالمايدىغان، پەقەت ئاپام شۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ بەرسىلا قانداق شەرتى بولسا ئورۇنلايدىغان بولۇپ ئاندىن بۇ توينى پۈتۈشۈپتىمىش.

ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى. ئاپام توي قىلىپ سىڭلىمنىمۇ ئاشۇ ئۆيگە بىللە ئېلىپ كەتتى ۋە ئاشۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئۆيگە كەمدىن كەم كېلىدىغان بولىۋالدى. ياخشى يېرى، ئۇ ماڭىدىغان چاغدا ئاجرىشىپ كەتكەن ئالدىنقى ئېرىدىن قالغان ئالتۇن جابدۇقلىرىنى قوشنىمىز نۇرئالىخان ئاچامغا تۇتقۇزۇپ، بۇلارنى سېتىپ مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى تۆلەپ بېرىش ھەققىدە ئۇنىڭغا تاپىلاپ قويغان ئىكەن. ئاپامنىڭ بۇ ياخشىلىقى بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلىدىكى ئوقۇش راسخوتۇمنى خاتىرجەم تۆلىۋالدى.

شۇنداق قىلىپ، ئاپام بىلەن سىڭلىم ماڭا تاشلاپ بېرىپ كەتكەن بۇ ئۆينى مەنمۇ يالغۇز قالدۇرۇپ، چامدانىمنى سۆرىگەن پېتى ئوقۇشقا ماڭدىم. ئاپام بۇ قېتىم تەگكەن ياشانغان ئېرى بىلەن ئاجرىشىپمۇ كەتمەي، يامانلىشىپمۇ قالماي شۇ توي قىلغىنىچە ئىجىل- ئىناق ئۆتۈپ قالدى.


3-قىسىم تۈگىدى، داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ، ئەسكەرتىش: ئىنكاس يازغاندا باش- ئاخىرىغا چىراي ئىپادىسى قوشۇپ يولىمىسىڭىز ئىنكاس كۆرۈنمەيدۇ.

ھەر قانداق بىرەيلەننىڭ بۇ ئەسەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشى چەكلىنىدۇ! 


HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章