مەن كۆڭۈلگە كۆڭۈل تېگىشمەن، مېھىر بەرسىڭىز لىققىدە مۇھەببەت بېرىمەن.
-ئايبەر
يانچۇقۇڭنى ئۆزگەرتمەكچى بولساڭ ئاۋال كاللاڭنى ئۆزگەرت! ئاندىن ئارىلىشىۋاتقان مۇناسىۋەت دائىرەڭنى ئۆزگەرت! پاسسپ ئىدىيە، قاتمال، قورقۇنچاق، ئارزۇسى كىچىك ئادەملەردىن يىراق تۇر! پاسسپلار ساڭا ۋەيران بولۇشنى ئۆگەتسە، ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك كىشلەر ساڭا سىناپ بېقىشنى، يول تېپىشنى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۆگىتىدۇ!
-ئانارگۈل
مېنى سۆيگەنلەر ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ياشايمەن، مېنى ياقتۇرمايدىغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ياشايمەن!
-لەيلا
ھەرقېتىم قەلبىمدىكى ئۈمىدسىزلىككە ئوخشايدىغان ھېلىقى تۇيغۇ بىرئۆرلەپ پەسلىگەندىن كېيىن، ئاجايىب يەڭگىللىشىپ قالىمەن. چۈنكى، ئۇ مېنىڭ ھېلىھەم ھاياتنى بۇرۇنقىدەكلا سۆيىدىغانلىقىمدىن دېرەك بېرىدۇ...
-مۇتەللىپجان مەمەت
مۇھەببەتنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىقلا قايتۇرغىلى بولىدۇ…
-ئارزۇگۈل
بىر ئايالنىڭ قۇملاردەك چېچەكلىگەن خىياللىرى بولىدۇ، ۋايىغا يېتىپ دەملەنگەن چايدەك ئارمانلىرى بولىدۇ، كۈندە مىڭ قېتىم قاناپ تۇرىدىغان جاراھەتلىرى بولىدۇ، كىشىگە بىلدۈرمەستىن ئۆز ـ ئۆزىنى ئەملەيدىغان داۋالىرى بولىدۇ.
بىر ئايالنىڭ كۆزلىرىدىكى كۈلكىلىرىدە تالاي ئىزتىراپلىرى بولىدۇ، يۈرىكىنى كۈلدۈرۈشكە مىڭبىر باھانىلىرى بولىدۇ، يىقىلسا بولمايدۇ، ئۈن سېلىپ قانغۇچە يىغلىسا بولمايدۇ…
-رىسالەت
جاھان نەگرۆك ئادەملەر نەلىب چىقىشىمىز، ىكنۇچ ئۇلارنىڭ سۆزى مەھ كۆزى قوت.
-قەمەرنىسا
بەزەن كۆڭلىڭىزگە ھېچ نەرسە سىغمايدۇ، توغرىمۇ؟ ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يالغۇز كىشىدەك ھېس قىلىسىز، لېكىن بىر نەرسە دائىم يادىڭىزدا بولسۇن، ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن گۈزەل بىر نېمەت سىزگە نېسىب بولىدۇ.
-مەريەم
ھۆرمىتىڭىز زىيادە بولغان چاغدا چوقۇمكى «بىر تەربىيە كۆرگەن ھۆرمەتلىك كىشىگە ئۇچراپتىمەن» دەپ ئويلاڭ. ھەرگىزمۇ «مەن قالتىس بولغاچقا ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك» دەپ ئويلاپ قالماڭ ھەمدە تېخىمۇ زىيادە ھۆرمەت قايتۇرۇڭ. چۈنكى ھەركىم ئۆزىدە بارىنى سىزگە سۇنىدۇ.
-ۋارىسجان
ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!