مەيلى دوستلۇق، مەيلى مۇھەببەت، مەيلى كىشىلىك ئالاقىدە بولسۇن، ھەممىلا كىشىنىڭ سىز بىلەن ئاخىرىغىچە بىللە ماڭالىشى ناتايىن.
قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارمۇ ئاجرىشىپ كېتىدۇ، ئەھدىلەشكەن دوستلارمۇ ياتلىشىپ كېتىدۇ. تۇرمۇش رەڭدار، ئادەملەر رەڭدار بۇ ھاياتتا قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئادەملەرنى قەدىرلەڭ، ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ، ھاياتنىڭ قىممىتى- ئۇنىڭ تەكرارلانماسلىقىدا…
ناتونۇشلار بولغاندەك تونۇش،
تونۇشلارمۇ بولار ناتونۇش.
كۆرمىگەننى كۆرىدۇ كىشى،
شۇدۇر ھايات، مانا بۇ تۇرمۇش…
-ئەسقەرجان غولام
ياشىماقنىڭ ئۆزى بىر ئۈمىدتۇر، ئۈمىدنىڭ ئۆزى بىر گۈزەل ھايات.
-ھەسەنجان
ۋاقتى- سائىتى كەلگەندە ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدىغان مەسىلىلەرگە زورۇقۇش، ئىچكى سەرپىياتىڭىزنى خورىتىشتىن باشقىغا ئەرزىمەيدۇ…
قىيىنچىلىق ئىچىدىمۇ تۇرمۇشنىڭ بىزنى ھوزۇرلاندۇرالايدىغان ھەرخىل گۈزەللىكلىرى ھامان مەۋجۈتتۇر.
-سەرۋىناز ھىجران
ساڭا قاراپ قاۋىغان ئىتقا نان تاشلاپ بەرگەن كىشىلەر ئەمەلىيەتتە شۇ ئىتنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىپ ساڭا ھۇجۇم قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر....
-مەھلىيا
ھەر بىرەيلەن سىردىشىشقا مۇھتاج، ھەر قانچە كۈچلۈك كىشىنىڭمۇ يىگانە غېرىپلىقى بولىدۇ.
-مەرىپەت
ھەركىم ئۆزى بىلگەنچە چۈشەندى، مەنمۇ ئۆزۈم بىلگەنچە ياشاۋەردىم.
-خەيرىگۈل
ھايات ھەققىدە ئويلانغىنىمدا، بۇرۇن نۇرغۇن پەلسەپىۋى ئويلارنى قىلاتتىم، ھازىر ھايات ھەققىدىكى قاراشلىرىم ناھايىتى چىن نەرسىلەرگە مەركەزلىشىدىغان بولۇپ قالدى. ھاياتقا ئالاھىدە مەنا ئىزدىمەيمەن، پەقەت ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىتابلارنى ئوقۇيالىسام، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كەسپىنى قىلالىسام، قەلب تىۋىشلىرىمنى چىن خاتىرىلىيەلىسەم، تەبىئەت باغرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنالىسام، ئاتا-ئانام، قېرىنداشلىرىم، يۇرتۇم، بالىلىق چاغلىرىمغا ئائىت يۈرىكىمنىڭ قات-قاتلىرىغا چۆكۈپ كەتكەن خاتىرىلەرنى سېغىنىش بىلەن ئەسلىيەلىسەم، بىرجۈپ قىزىمنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولالىسام، مەن يەنىلا بۇنداق ھاياتىمدىن مەمنۇن بولىمەن. ھەئە، ھاياتقا ئالاھىدە مەنە يۈكلىگۈم كەلمەيدۇ.
-مۇتەللىپجان مەمەت
دۇنيا ئەسلىدىنلا تەڭپۇڭسىز، بىز ئۆزىمىزگە كەلگەن بەزى غەملىرىمىز بىلەن تەڭشەپ تۇرىمىز.
-مېھرىگۈل
سۆيمەك قىيىن ئىش،
يا سۇغۇرتىسى يوق، ۋە يا مائاشى،
بىر بولسا ھىجرانى بار، بىر بولسا كۆز ياشى...
-مەمەتجان
ھىجران كېچىسى سالونى تەييارلىدى، كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!