ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى || ۋىسالدىن چىقىش​

文摘   2024-12-03 23:53   新疆  



ۋىسالدىن چىقىش


ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى



شۇ چىرايلىق ۋەدىلەردىن جان چىقىپ كەتتى، نېتەي؟

ئاھ! گويا ئاغزىمدىكى بىر دان چىقىپ كەتتى، نېتەي؟


بولغۇسى كىملەرگە مەھبۇب يار مېنى مەغلۇپ قىلىپ،

ئايرىلىپ قولدىن ئاجايىپ شان چىقىپ كەتتى، نېتەي؟


كۈلكىلىك ھە نەقەدەر ھىجراندىكى كۈلكەم مېنىڭ،

خەستە كۆڭلۈمدىن تاراملاپ قان چىقىپ كەتتى، نېتەي؟


دەپتىمەن ئىلكىمگە ئالدىم يۈزدە يۈز بەختىمنى مەن،

خانىلەردىن بىر دېگەن شۇ سان چىقىپ كەتتى، نېتەي...


بىر تويۇنماي كۆز يۇمارمۇ ئاچ- زېرىنلىقتا كۆڭۈل،

بار ئۈمىد خۇرجۇنلىرىمدىن نان چىقىپ كەتتى، نېتەي؟


-2024يىلى 19-نويابىر ئۈرۈمچى


HijranKechisi
ھىجران كېچىسى ئەسەرلەر جەمگاھىغا قوشۇلۇڭ 欢迎关注欣之夜订阅号!
 最新文章