بىلمىدىم
ھۈسەنجان ئابلا سەھرايى
جېنىمدىن تەخىرسىز ئۆتمەكتە كۈنلەر،
تېتىماس بىر بۇردا قاتتىق نانچىلىك.
سەنسىز بۇ كۆڭۈلنى كىممۇ پۈتۈنلەر؟
بىلمىدىم مەن سېنى سۆيدۈم قانچىلىك.
بەزىدە ئېسىمدىن كېتىسەن توزۇپ،
بەزىدە سېغىندىم ۋەدەمنى بۇزۇپ،
ياشىدىم ئۆتمۈشلەر قوينىدا ئۈزۈپ،
بىلمىدىم، مەن سېنى سۆيدۈم قانچىلىك.
كۆزلەردىن ئاقماقتا بىر مۇڭلۇق بايان،
نىھايەت، سېغىنىش بەرمىدى ھايان،
قانچىلىك سۆيگىنىڭ كۆڭلۈمگە ئايان…
بىلمىدىم، مەن سېنى سۆيدۈم قانچىلىك.
ۋىسالىڭ بىر نازۇك گۈل ئىكەن ئەي قىز،
ئېچىلىپ مىڭ تەستە توزۇدى بەك تېز،
شۇ گۈلدىن قەلبىمدە قاپتۇ بىر يىلتىز،
بىلمىدىم، مەن سېنى سۆيدۈم قانچىلىك.
2024-يىلى 9-دېكابىر ئۈرۈمچى