بىلىپ قالارسەن
مەمەتجان مەسئۇت ھەبىبى
تۇمۇزدا ھەم مۇزلىشىڭ مۇمكىن،
يانۋاردا ھەم كۆيۈپ قالارسەن.
زامانى يوق ئاشىق بولۇشنىڭ،
ئاتمىشتا ھەم سۆيۈپ قالارسەن.
سەزدۈرمەستىن قونار يەلكەڭگە،
گاھ ئۇچۇرار، گاھ ئۇرار يەرگە،
ھېچ بارماسمەن دېگەن تۈگمەنگە،
بېرىپ ھەتتا قونۇپ قالارسەن.
كەلدىم دېمەس، كېلىمەن دېمەس،
چىن ئىشق ئۇ بىر ھەۋەس ئەمەس،
ئەسلا كەتمەس، بىر كەلدىمۇ بەس،
نى قىسمەتلەر كۆرۈپ قالارسەن.
ئىچ يا ئىچمە رەفاقەت مەيىن،
ئۇندىن كېچىش ئۆلمەكتىن قىيىن،
ۋەدىلىرىڭ بولۇر بىر تىيىن،
تاش بولساڭ ھەم ئېرىپ قالارسەن.
شۇڭا قويما ئاشىققا ئەيىب،
مۇھەببەت سىر، مۇھەببەت غەيب،
ئاشىق مەيسىز سۈرىدۇ كەيىپ،
چۈشەنمىسەڭ كۈلۈپ قالارسەن.
بۇلبۇل كۈيلەپ تاپىدۇ رەنا،
ئىشق دەردى ھاياتقا مەنا،
چوڭ سۆزلىمەس ھېچقاچان دانا،
باشقا كەلسە بىلىپ قالارسەن.
2024/09/30